يارىڭىز بىلەن غىزالىنىشقا دىيىشىپ قويغان بولسىڭىز ، بىراق تۇيۇقسىز ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كەلسە قانداق قىلىسىز ؟ ( ئاۋۋال تاللاپ ئاندىن جاۋابىنى ئوقۇڭ )
A : ئۇچرىشىشنى بىۋاستە ئەمەلدىن قالدۇرۇش
B : يارىغا ئاستا - ئاستا چۈشەندۈرۈش
C : غەلىتە باھانىدىن بىرنى كۆرسىتىش
D: ئۇچرىشىشنى بىكار قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماسلىق
A نى تاللىغان بولسىڭىز مۇھەببەتتە قەتئىي ئىكەنسىز . پىشانەمگە پۈتۈلگەن دەپ قارىغان ئادىمىڭىزنى بار ئامالنى قوللىنىپ قوغلىشىدىكەنسىز . ئۈمۈد قىلغىنىڭىز مەڭگۈلۈك ئەھدە ئىكەن ، مۇھەببەت بولسا ھېچنىمىدىن قورقمايدىكەنسىز .
B نى تاللىغان بولسىڭىز قارسى تەرەپنى ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ، يەنىلا مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ ، سالماق مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز ھامان بىر كۈنى سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ، كۈيۈنىدىغان ئادىمىڭىزنى ئۇچرىتالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىدىكەنسىز .
C نى تاللىغان بولسىڭىز جاھانسازلىق سەنئىتىڭىزگە تايىنىپ يات جىنىستىكىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتالايسىز ، دائىم تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ ، قارشى تەرەپنى تاللايسىز . مۇھەببەتتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈنۈمىڭىز يۇقىرى ، بىراق ئېرىشكەندىن كىيىن ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمايسىز .
D نى تاللىغان بولسىڭىز ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدىكەنسىز . كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەشكە جۈرەت قىلالايسىز - يۇ ، داۋاملاشتۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىسىز ،شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن سۆيسىڭىزمۇ ، ۋاز كېچىشنى تاللايسىز ، مۇھەببەتتە قەتئىي ئەمەس .
__ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى