ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى سىتاتىسكىسىدا ئېيتىلىشىچە ، بىر ئادەم ھاياتىدىكى بەش يىل ۋاقىتنى ھاجەتخانىدا
ئۆتكۈزىدىكەن . گەرچە بىز ھەركۈنى يۇيۇنۇش ، چىش چوتكىلاش ، ھاجەت قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى تەكرار قىلىۋارسەكمۇ، بىراق ئادىتىمىزنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن . يېقىندا ئامېرىكىدىكى مەلۇم تور بەت " ھاجەتخانىدا قىلىشقا بولمايدىغان 6 خىل ئىش " نى يەكۈنلەپ چىققان .
1 . يۇيۇنغاندا ئاغزىنى ئېچىۋېلىش
مۇنچا پۈركۈگۈچى مىكروپلارنىڭ ئىللىق كارىۋىتى ، سۇ ئىسسىتقۇچمۇ ھەم شۇنداق . بېشىڭىزنى چايقىغاندا مىكروپلارنىڭ بەدىنىڭىزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭىزنى يۇمۇۋېلىڭ .
2 . مۇنچىنىڭ پەردىسىنى دائىم ئاچماسلىق
مىكروپلار قاراڭغۇ ، نەم يەرلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ ، شۇڭا پەردىسى داۋاملىق ئىتىك تۇرىدىغان مۇنچىلار ئۇلارنىڭ ئامراق ئۇۋىسى ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى پەردىنى ئېچىۋېتىپ ، ھاۋا ئالماشتۇرۇڭ .
3 . تەرەتنى چۈشۈرگەندە تەرەت تۇڭىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق
تەرەتنى چۈشۈرگەندە ، مىكروپلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاۋا بوشلۇقىغا چىقىۋالىدۇ ، شۇڭا تەرەت تۇڭىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ چۈشۈرۈش كېرەك .
4 . چىش چوتكىسىنى يۈز يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇش
تەرەتنى چۈشۈرگەندىكى ھاسىل بولغان قاينام مىكروپنى 6 مېتىر ئىگىزلىككە ئېلىپ چىقالايدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ
ھاۋادا تۇرۇش ۋاقتى نەچچە سائەتكە يېتىپ ، تاملارغا ۋە چىش چوتكىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ . شۇڭا ، چىش چوتكىسىنى تاتمىغا ياكى ئىشكاپقا قويۇش مۇۋاپىق .
5 . خىمىيىلىك نەرسىلەرنى ساقلاش
ھاجەتخانىنىڭ تېمپىراتورىسى ۋە نەملىكى بىر قەدەر يۇقىرى ، يەنە بەزى ئۆيلەرنىڭ ھاجەتخانىسىنىڭ دېرىزىسى يوق ، شۇڭا ھاۋادىن تېخىمۇ ئاسان مىكروپلىنىپ قالىدىغان گەپ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەتخانا ئىچىدە ئامال بار خىمىيىلىك نەرسىلەرنى ساقلىماڭ ، ھەرخىل تازىلاش دورىلىرىنى چوقۇم ئايرىم قويۇڭ .
6 . ئەۋرەت يولىنى كەينىدىن ئالدىغا سۈرتۈش
بۇ خىل ئۇسۇل ئاياللارنىڭ ئەڭ تېز سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . توغرىسى ئالدىدىن كەينىگە قاراپ سۈرتۈش كېرەك .