|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز
|
|
|
«ياخشى بېسىم» سالامەتلىككە پايدىلىق. ناۋادا كىشىلەر قىلىۋاتقان خىزمىتىدىن بىزار بولغان بولسا،بۇ خىل خىزمەت بېسىمى «ئەسكى بېسىم» بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ،قىلىۋاتقان ئىشىدىن خوشاللىق تاپالايدىغان، خىزمەتنى خوشاللىق بىلەن قىلىدىغان كىشىلەرگەنىسبەتەن خىزمەت بېسىمى «ياخشى بېسىم» بولۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. دائىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش. دوستلىرى بىلەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇش، كىشىلەر بىلەن بولغان نورمال ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق. ئەرمەك ھايۋانلارنى ئەڭ ياخشى دوست دەپ قارىۋالماسلىق. گەرچە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىككە مۇئەييەن پايدىسى بولسىمۇ، ئۇنى دوست قاتارىدا كۆرۈش ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئەرمەك ھايۋان ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. دائىم غەم قىلىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق. دائىم غەم قىلىشنى نۇرغۇن كىشى سالامەتلىككە پايدىسىز، دەپ قارايدۇ، غەم قىلىشنىڭمۇ قىسمەن پايدىلىق تەرەپلىرى بار، بولۇپمۇ ئەرلەر ئۈچۈن شۇنداق، چۈنكى ئەرلەر غەم قىلغاندام تەبئىي ھالدا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى، كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرنى ئويلايدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرىدۇ، شۇڭا غەم قىلىشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق. يالغۇزلۇقمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. نۇرغۇن كىشى توي قىلىش ئادەمنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ئەلۋەتتە تۇرمۇشى خوشاللىق ۋە بەخت ئىچىدە ئۆتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتىلغان، لېكىن بەختسىز كىشىلەر نىكاھ تۇرمۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ، شۇڭا يالغۇزلۇقمۇ ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. ھەدىدىن زىيادە ئۈمىدۋارلىقتىن ساقلىنىش. ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدۋار كىشىلەر سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە كەلگۈسى ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلاردا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بولغانلىقتىن، بىلىپ-بىلمەيلا ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدۋارلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى خالىمىسا، چېنىقىشنى دەرھال توختىتىش. بەدەن چېنىقتۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، چېنىقشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ چېنىقمىغىنى ياخشى. ئۆزى ياقتۇرىدىغان، كۆڭلى خوشال بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىقمۇ چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، يەنى كۆكتات تېرىش، گۈل ئۆستۈرۈش دېگەندەك. بالدۇرلا پىنسىيەگە چىقىۋالماسلىق. كۆپىنچە كىشى ئۇزاق يىل ئىشلەش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسىز دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىزچىل خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر پىنسىيەگە چىقىۋالغان كىشىلەرگە قارىغاندا، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرلايدۇ.
ــــــ شىنجاڭ قانۇنىچلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:230 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/13 10:43:04 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|