|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچسە بولمايدىغان كىشىلەر
|
|
|
1. ياشانغانلار ۋە بالىلار. ئۇلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، سوغاق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ئېغىز بوشلۇقى مۇسكۇللىرى سېزىمىنى يوقىتىش، تارتىشىپ قېلىش، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى غىدىقلىنىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ تۇيۇقسىز تارىيىپ، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 2.ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، بوغما ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى بارلار ھەم ھەزىم قىلىشى ناچارلار. بۇنداق بىمارلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولغاچقا، سوغاق ئىچىملىك ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. 3. يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى بىمارلىرى. بۇنداق بىمارلار سوغۇق ئىچىملىكىنى كۆپ مىقداردا ئىچسە، ئاشقازان ئۈچىيى تۇيۇقسىز غىدىقلىنىپ، قان-تومۇرلىرى تارىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، كېسەل ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. 4. يۇتقۇنچاق، كانايچە ياللۇغى ۋە زىققە، بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى. سوغۇق ئىچىملىكلەرنىڭ غىدىقلىشى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى ياللۇغ ئېغىرلاپ كېتىشى ياكى يۆتەل پەيدا بولۇشى مۇمكىن. 5.سېمىز كىشىلەر. سوغۇق ئىچىملىك تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغاچقا، جىگەر گىلۇكوگرنى ئېشىپ ياغقا ئايلىندۇ. نەتىجىدە ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە ياغ ئاقسىلى ئۆرلەپ كېتىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
ـــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:233 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/13 10:39:57 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|