نىلۇپەر قاسىم
– سىڭلىڭىز يولدىشى بىلەن ئوبدان ئۆتۈۋاتقاندۇ؟...
سوئالىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا دوستۇم كايىپ كەتتى.
– روناق تاپمىغان ئائىلە بولغاندىن كېيىن ياراشمىسىمۇ بوپتىكەن، پۇل يىغىش، پۇل تېجەش تۈگۈل، بۇرۇنقىدىن بەتتەر ئىسراپچىلىق قىلىپ، يە قىلغان ئىشىنىڭ، يە ئالغان نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق، مائاشىنى يەتكۈزەلمەي، ئەتىدىن كەچكىچە يوقنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرگەن، تەربىيە قىلسىڭىز ئاچچىقى كەلگەن. ئۇلار بىلەن تەڭ خىزمەتكە چىققان، توي قىلغانلار ئۆي، ماشىنا ئېلىپ خاتىرجەم يۈرۈۋاتىدۇ. يولدىشىدىن: مائاشىڭلار ئۆسكەندىكىن پۇل ئىقتىساد قىلىۋاتقانسىلەر؟ دەپ سورىسام، تەپ تارتماي، ‹‹پۇل دېگەن كۆپ بولسا كۆپچە، ئاز بولسا ئازچە كېتىدىكەن، بۇرۇنقىدىن ئانچە پەرق يوقتەك قىلىدۇ››، دەيدۇ. كۈيئوغۇلنىڭ ئىدارىسىدىن ئۆي سېتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا پۇل كېرەك بولۇپ قالدى. قېرىنداشلار ئاز – تولا ياردەم قىلدۇق. ئەپسۇس، ئۆزلىرىنىڭ يىغقان پۇلى بولمىغاچقا، ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنىڭ ئورنىنى قىلالماي ئۆيدىنمۇ قۇرۇق قالدى.
يېقىندا يۇرتتىن كەلگەن بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى يولدىشى سودا قىلىپ ئوبدان پۇل تاپقان. نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە قورۇ – جاي، ماشىنا سېتىۋالغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوبدان يەپ، ئوبدان كىيىپ، خېلى ئوبدان دەۋر سۈرگەن ئىكەن. كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يولدىشىنىڭ سودىسى يۈرۈشمەي، قەرز بولۇپ قالغان. ھازىر ئەر – ئايال ئىككىيلەن ئىش – ئوقەت قىلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋېتىپتۇ. ئامال بولسا بىر يەردە ئىشلەپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاشخانا ئېچىش ئويى بارئىكەن، ھازىر يانچۇقى قۇرۇق بولغاچقا، قەرز پۇل ئېلىپ بىر ئىشنىڭ ئېپىنى قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.
19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرەيلەن شىۋېتسارىيەدىكى مەكتەپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرگەندە، ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ شىۋېتسارىيە بانكىسىغا قويغان ئامانەت پۇلى بار ئىكەن. چۈنكى مەكتەپ بۇنى ئوقۇغۇچىلاردا ئىقتىسادچىل بولۇپ پۇل يىغىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغانىكەن، مەكتەپ مۇدىرى دائىم ئوقۇغۇچىلارغا: قولۇڭلاردا يىغقان ئازراق پۇلۇڭلار بولسا، خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزەلەيسىلەر، چوڭ بولۇپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قاتراپ يۈرگەن چېغىڭلاردا، پۇل يىغىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر... قانداق قىلىپ ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى پۇل يىغىشنى ئۆگىنىشتىن باشلاڭلار، دەيدىكەن.
شۇنداق، تۇرمۇش ھەر ۋاقىت گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ. داۋاملىق خاتىرجەم ئۆتىمەن، ئىقتىسادتىن قىينالمايمەن، دېگىلى بولمايدۇ، تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىشلار، ئوڭۇشسىزلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. بەلكىم تۇرۇپلا ئىش ئورنىڭىزدىن قېلىشىڭىز ياكى تىجارىتىڭىز روناق تاپماي ئىقتىسادتىن قىينىلىپ، پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنى ئويلىساقمۇ، قېرىغاندا بولسىمۇ قانداق قىلىشنى ئويلىشىمىز لازىم. چۈنكى قېرىغاندا كۈچىمىزدىن قالىمىز، كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ئوبدان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بالدۇر تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز لازىم.
پۇل يىغىپ قويساق ھامان كېرەك بولىدۇ، پۇل يىغساق، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار پۇل يىغىشنى ئويلىغان، پۇل تاپقاندا ئاز – تولا پۇل يىغىپ قويغان بولسا مانا ھازىر ئەسقاتقان، ھېچكىمگە سارغايمىغان، بۈگۈنكىدەك تەس كۈنگە قالمىغان بولاتتى. يىغقان پۇلىمىز بولمىسا، باشقا كۈن چۈشكەندە يۆلەنچۈكسىز قالىمىز. ‹‹ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق›› دېگەندەك، جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىز قىينىلىمىز. شۇڭا ئاز – ئازدىن بولسىمۇ پۇل يىغىپ قويساق، ھامان كېرىكى بولىدۇ، ئىش ئوقەتنىڭ ئېپىنى ئېلىۋالغىچە ياكى يېڭى خىزمەت تېپىۋالغىچە بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ. ھازىر 400 – 500 يۈەن بايلار، مۇقىم كىرىم مەنبەسى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە كۆپ پۇل ھېسابلانمىغىنى بىلەن، كىرىم مەنبەسى يوق، چىقىش يولى تاپالمايۋانلارغا نىسبەتەن كۆپ پۇل. 500 يۈەن بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇشىنى قامدىغىلى بولىدۇ.
يىغقان پۇلىمىز بىزنى ھالقىلىق پەيتتە، يامان خىياللاردىن ياندۇرۇپ، توغرا تۇرمۇش يولىغا باشلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ، پۇلنىڭ تۇرمۇشتا ئوينايدىغان رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز، پۇلغا توغرا قاراشتا بولۇشىمىز لازىم. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىسا، ئىناق، ئىتتىپاق، خاتىرجەم تۇرمۇش بولمايدۇ. پۇل يىغىشنى ئۆگىنىش تۇرمۇش ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى. كىرىمىمىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ پۇل يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۇل يىغىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.