
بەخىت دېگەن نېمە؟ بەخىت دېگىنىڭىز مۈشۈكنىڭ چاشقاننى يېشىشى، ئىتنىڭ گۆش يىيىشى، ئالتماننىڭ ۋەھشىي ئالۋاستىنى تىرىپىرەن قىلىشىدىن ئىبارەت. بەخىت مۇشۇنداق ئاددى نەرسە. ئۇنىڭغا سىرلىق مەنالارنى يۈكلەش ياكى ئۇنى غايىۋىلەشتۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئەخمەقلىق بولۇپ، بۇلار ئادەمنى بەخىتسىزلىككە باشلايدۇ. بەزىلەر:«ئادەم ئۆزى بىلگەن ۋە ئېرىشكەن نەرسىلەر بەخىت ھېسابلىنىدۇ» دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا :«بەخىت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا، كەم دېشيىكە توغرا كەلسە ئۇنى بايقايدىغان بىر جۈپ ئۆتكۈز كۆزلا كەمدۇر» دېيىشىدۇ. ئىشقىلىپ، كىشىلەرنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز قارشى ۋە بەرگەن تەدبىرى ئوخشاش ئەمەس. ئەمما سىز تۆۋەندىكىلەرنىڭ يىرىمىغا ئېرىشىپ ۋە ئۇلارنى ھاياتىڭىزدا قىلىشقا نائىل بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ھېسابلىسىڭىز بولىدۇ.
1. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بەدەن چىنىقتۇرۇڭ.

دانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ روھى بېسىمى ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان كىشىلەردىن %70 تۆۋەن بولىدىكەن ھەم ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ناھايىتى ئاز قاقشايدىكەن. ئادەتتە، كۈنىگە 17-34 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، كەيپىياتنى ناھايىتى تېزلا ياخشىلىغىلى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا سەل قارىماڭ. چۈنكى روھىي كەيپىياتنىڭ جايىدا بولۇشىمۇ بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ بەختتۇر.
2.ئەڭ ياخشى دوستى بولۇش.

دوست گوياكى دېرىزىگە ئوخشايدۇ. ئەمما بىر ئۆيگە نىسبەتەن ئەڭ كۆپ دېرىزىسى بولۇش مۇھىم ئەمەس بەلكى جايىدا قويۇلغان، يورۇقلۇق ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان دېرىزىدۇر. شۇڭلاشقا، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولۇشمۇ چوڭ بەختتۇر.
يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توي قىلىپ بولغان 654 نەپەر كىشىلەر ئىچىدە، ئىككى دوستى بار كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئەمما دوست ئادەتتە ئىككىدىن ئېشىپ كەتسە، تەبىئىيلا بەختلىك تۇرمۇشقا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن.
3.رەسىمگە چۈشكەندە چىشىنى چىقىرىپ كۈلۈش.

بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن كىشىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە نەق مەيدان پسىخىكا ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا دېئوبولد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كىچىكىدىن تارتىپ رەسىمگە چۈشكەندە چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىش نىسبىتى باشقىلاردىن بەش ھەسسە تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئاسانلا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىكەن ھەمدە جاپالىق ۋاقىتلاردىمۇ قارشى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇشنىڭ شادلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
4.تۈرلۈك ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئۆيگە تىزىپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش.

بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا، بەخت تۇيغۇسى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى سونىيا لىبومېس دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئۆيلىرىگە تىزىپ قويۇش ياكى ئۇلارنى ئۈستەلگە تىزىپ قويۇش ھۇزۇرلىنىش ئادەمگە ئۆتكەنكى خۇشاللىق دەملەرنى ئەسلىتىدىكەن ھەمدە ئادەمنى يەنە ساياھەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن.
5. تېلېۋىزورنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەسلىك.

ئامېرىكا ماريلاند شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدا 34 يىل 45 مىڭ ئادەمنى ئوبيېكت قىلىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقات تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ خۇشال كىشىلەرنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن %30 ئاز بولىدىكەن. دائىم خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەر ئەمەلىي ۋاقتى سودا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، كىتاب ئوقۇش، ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىدىكەن.
6.ئادەتتە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ياكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا قولىدا بىر ئىستاكان چاي، قەھۋە قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈۋېلىش.

ئادەتتە، ئىسسىق ئىچىملىكلەر ئادەمگە بىر خىل ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىكەن. بۇ خىل كىشىلەر ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغىلى ماھىر بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ دوستلىشىش، كەڭ قورساق بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش نىسبىتى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن.
7.بىر ئاچىسى ياكى سىڭلىسى بولۇش.

ئەنگلىيە پسىخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان بىر قېتىملىق ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاچىسى ياكى سىڭلىسى بار بولغان ئاياللار جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ قوللاشلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ئادەتتە ناھايىتى خۇشال ھەم روھلۇق بولىدىكەن. ئۇلار مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قارايدىغان بولۇپ، ئىشلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتە ئاكا ياكى ئىنىسى بولغاندىن ئاچا ياكى سىڭلىسى بولۇش قوللاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
8.ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ئىناق ئۆتۈش.

ئەنگلىيە ۋار ۋىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاندىروۋ ئوسۋالد دوكتورنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولۇش ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بەختنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركى قىسىملىرىدىن بىرى ئىكەن.
9.دائىم خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىش.

ئەگەر سىز دائىم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، خۇشال يۈرىدىغان كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلسىڭىز ياكى بۇ خىل كىشىلەر سىزنىڭ 800 مېتىرلىق مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدە بولسا بۇلار سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى %42 ئاشۇرالايدىكەن. ئەگەر بۇلارنىڭ سىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 3200 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، بۇ خىل خۇشاللىق %22 تۆۋەنلەيدىكەن.