قېتىق سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى تۈرىنى ئوبدان ئايرىش-بازاردا سېتىلىۋاتقان قېتىقنىڭ ھەرخىل تەملىكلىرى ھەم تۈرلىرى بار. بىرقىسىم مېۋە تەملىك قېتىقلارغا سۈت كېسلاتاسى قوشۇلغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمايدۇ،شۇڭا قېتىقنىڭ تۈرى ھەم تەركىبىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
قېتىقنى تاماق يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىچىش- تاماق يەپ بۇلۇپلا ياكى ئاچ قورساق قېتىق ئىچكەندە، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتەرلىك سۈمۈرۈلمەي قالىدۇ.
قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋىتىش- قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋەتمىگەندە، بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قېتىقنى ئىسسىتماسلىق- قېتىقنى ئىسسىتىپ ئىچكەندە، تەركىبىدىكى بىرقىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆلىدۇ.
بەزى دورىلار بىلەن بىللە ئىچمەسلىك- قېتىقنى ئانتىبىيوتىك دورىلار بىلەن بىللە ئىچكەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.