بىر تاشپاقا قارچۇغىنىڭ پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەۋىسى كەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭدەك ئۇچقۇسى كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارچۇغىنى ئىزدەپ بېرىپ،ئۆزىگە ئۇچۇشنى ئۆگىتىپ قويسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغات بېرىدىغانلىقىنى ئيتىپتۇ. قارچۇغا تاشپاقىغا ئۇنىڭ ھەرگىز ئۇچالمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا دېسىمۇ،تاشپاقا بۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۇچۇشنى توختىماي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان قارچۇغا ئاخىرى تاشپاقىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ ھاۋاغا قويۇپ بېرىشىگىلا تاشپاقا ئۇدۇل يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
ھېكمەت: باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا ھەۋەس قىلىپ ئۇنى دورايمەن دېگەندىن كۆرە،ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئەۋزەللىكلىرىڭىزدىن ياخشى پايدىلانغانلىقىڭىز تۈزۈك.چۈنكى سىزدىمۇ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار،گەپ سىزنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى قانداق جارى قىلدۇرۇشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا.