قەدىمكى زاماندا ئىككى كشى بەخت ۋە خۇشللىق ئىزدەپ بىللە يىراقلارغا سەپەر قىپتۇ.ئۇلاريول ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپتۇ، مەنزىلگە يېتىپ كېلەي دېگەندە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئۇچراپتۇ، دەريانىڭ ئۇ قېتى دەل بەخت بىلەن خۇشاللىق مەنزىلى ئىكەن.
دەريادىن قانداق ئۆتۈشتە ئىككىسىنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقماپتۇ، بىرى: «يېقىن ئەتراپتىكى دەرەختىن بىرنى كېسىپ، قۇلۋاق ياساپ ئۆتەيلى»، دەپتۇ. يەنە بىرى:« دەريا بۇنداق ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تۇرسا قانداقلا قىلساق ئۆتەلمەيمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈچە،دەريانىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى ساقلايلى» دەپتۇ.
قۇلۋاق ياساش پىكرىنى بەرگەن كىشى دەرھال دەرەخ كېسىپ قۇلۋاق ياساشقا باشلاپتۇ، سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئۆگۈنۈپتۇ؛ يەنە بىر كىشى كۈندە ئۇخلاپ، ئۇيقۇسى قانغاندا دەريا بويىغا كېلىپ سۇنىڭ ئازلىغان-ئازلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ قۇلۋاق ياسىلىپ پۈتۈپتۇ، ھېلىقى كىشى قۇلۋاققا چىقىپ دەريادىن ئۆتمەكچى بولغاندا، يەنە بىر كىشى تېخىچە ئۇنىڭ دۆتلۈكىنى مازاق قىلىپتۇ. قۇلۋاق ياسىغان كىشى يولغا چىقىش ئالدىدا يەنە بىر كىشىگە:«ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلغاندا چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس، ھېچ ئىش بولمىغاندا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتىدىنمۇ قۇرۇق قالىمىز»دەپتۇ-دە يولىغا راۋان بوپتۇ.
دەريا قۇرۇپ كەتمەپتۇ، قۇلۋاق ياسىغان كىشى دەريادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ،مەنزىلگە يېتىپ بېرىپتۇ، ئىككىسى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىغا ماكانلىشىپتۇ، ئۇلار بالىلىق، نەۋرىلىك بوپتۇ. دەريانىڭ بىر قىرغىقى تىرىشچان،باتۇر كىشىلەر ياشايدىغان بەخت ۋە خۇشاللىق تۇپرىقىغا، يەنە بىر قىرغىقى ھورۇن، ئىرادىسىز كىشىلەر ياشايدىغان مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمۈدسىزلىك ماكانغا ئايلىنىپتۇ.
ھېكمەت: بۇ ھېكايە بىزگە مۇنداق ئۈچ قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: بىرىنچى، يېتىپ خىيال قىلغۇچە ھەركەتكە كېلىش؛ ئىككىنچى، قانچىلىك جاپا تارتىش ۋە چارچاشتىن قەتئىينەزەر مۇۋاپىقىيەت قازانماي تۇرۇپ بەل قويۇۋەتمەسلىك؛ ئۈچۈنچى، ئارزۇ قۇرۇق خىيال ئەمەس.