Article Center - ماقالە مەركىزى - بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلەر رېئاللىققا قانداق يۈزلىنىشى كېرەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارشى تەرەپتىن ۋاز كېچەمسىز ؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (3)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھىكمەتلىك ھىكايىلەر (2)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھېكمەتلىك ھېكايىلەر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ

 

سىز بەلكىم ئىشقا بارغاچ ياكى ئىشتىن قايتقاچ باشقىلارنىڭ سولغۇن چىرايىنى كۆرگەنسىز. «مەن نېمانداق بەختسىز» دېگەندەك قۇرۇق قاقشاشلىرىنىمۇ ئاڭلىغانسىز. ۋە ياكى بۇلار سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەندۇ. ياكى سىزمۇ بەخت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتكەنسىز. مەنمۇ شۇنداق، مەن گاھىدا بەخت توغرىسىدا ئاجايىپ ھېسلار باغرىغا غەرق بولۇپ كېتىمەن. ئەمما، خىياللاردىن بوشانغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنى خۇددى بەختسىزدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بۇنداق تۇيغۇ مەن بىلەن سىزدىلا ئەمەس، بارلىق كىشىلەردە بولىدۇ. ھەممىمىز، ھەر كۈنى نېمىلەردىندۇر ئۆز بەختىمىزنى ئىزدىمەكچى بولىمىز. ئۆزىمىزدىن ناھايىتى يىراق جايلاردا بىزنى غايەت زور بەخت كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئۇ پات ئارىدىلا بىزنى چەكسىز خۇشال قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن بىزار بولىمىز. بۇنداق روھىي ھالەت ھەممىمىزدە بولۇپ باققان. بۇلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇلارنى پەقەت بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى تۇيغۇ دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنى سىرتتىن ئىزدىشىمىز ھالاكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بەختكە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
بەخت ئالما ياكى مال دۇنيا ئەمەس. ئۇ بىر خىل تۇيغۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، لەززىتى مەڭگۈلۈك. بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى بەختسىز ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەتراپىمىزدىكى بەختلەرنى كۆرىدىغان كۆزىمىز تورلىشىپ قالىدۇ. بىز ھەر قېتىم دۇنيادىن زېرىكىپ، يالغۇزسىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ بارلىق نېرۋىلىرىمىز ئۆز كونتروللۇقنى يوقىتىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قاراپ باقىدىغان بولساق، بەختنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىزدە، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادا بەخت كەم ئەمەس، كەم بولغىنى بەختنى بايقاشقا ماھىر «كۆز». بىز پەقەت چىن قەلبىمىز بىلەن ئۇنى كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئەگەر بىز بىر دەشتى-باياۋاندا كېتىۋاتساق، بىزدە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىسا، ئۇ ھالدا بىزدىكى بەخت تۇيغۇسى بىزنىڭ شۇ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس. بىز مۇنداق شارائىتتا دۇنيانىڭ تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئىشلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىسسىق جېنىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىشنى ئويلايمىز. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى بەخت بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر بۇردا نان بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، بەخت دېگەن شۇنداق ئاددىي نەرسە. نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى كاتتا ئىشلارنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق كاتتا، ھەشەمەت ئىشلاردا ھەقىقىي بەختنىڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزىلەر ئادەتتىكىچە ياشاشنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر بىر دەم ئۇخلىۋېلىشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. مەسىلە، ئۇنى قانداق بايقاشتا.
دوستۇم، بەلكىم سىز يىراقتىكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تەن ساقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. سىز يەنە يۇرتىڭىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ۋە كۆڭۈل ئازادىچىلىكىڭىزنى بەخت دەپ ھېسابلىمايدىغانسىز. سىزگە تەلمۈرۈپ، كۈندە دېگۈدەك تېلېفونىڭىزنى سايرىتىپ تۇرىدىغان قىز (ياكى ئوغۇل) دوستىڭىزنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بەختىڭىز، شۇڭا بۇلارنى قەدىرلەڭ، چۈنكى سىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا، سىزنىڭ يۈزلىنىدىغىنىڭىز پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق بىلەن تولغان رېئاللىقتۇر.
بۇندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى بەختسىز دەپ قارىماڭ، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا. ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ. ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ھەم مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا، ئۇنى سىز تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ.

         كۆرۈلۈشى:253     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/6 20:21:44يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
كېيىنكى ماقالە:ئەركىلەشمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号