ئايرىلىپ كەتكەن بىر جۈپ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
يىگىت: ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
قىز: ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن.
يىگىت: ئۇ ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
قىز: ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ.
قىز: ئۆزىڭىزچۇ؟ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
يىگىت: مەنمۇ ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن.
قىز: ئۇچۇ؟ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
يىگىت: ئۇ ھېلىلا ماڭا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى...
ئېرىشىدىغىنىڭز تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە باغلىق
بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە چاشقان كۆپىيىپ كېتىپ،ئۇنى يوقاتقىلى بىر مۈشۈكنى ئېلىپ كەپتۇ.بۇ مۈشۈك چاشقان تۇتۇشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەن،ئەمما توخۇنىمۇ بوغۇپ قويىدىكەن.بىر مەزگىل ئۆتۈپ،مۈشۈك ھېلىقى كىشىنىڭ ئۆيىدىكى چاشقانلارنى يوقىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇنىڭ توخۇلىرىمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بالىسى دادىسىغا:« دادا،بىز نىمىشقا توخۇلىرىمزغا زىيان سالىدىغان مۈشۈكنى قوغلىۋەتمىدۇق؟» دەپتۇ. دادىسى:« چاشقان بولسا بىزنىڭ ئاشلىقلىرىمىزنى ئوغرىلاپ يەپ،كىيىملىرىمىزنى تىتىۋىتىدۇ،ئەمما توخۇ بولمىسا بىز پەقەت ۋاقتىنچە توخۇ يېيەلمەيلا قالغان بولىمىز ؟خالاس،بۇ ئاچلىقتىن ۋە يالىڭاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانغا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە ئىش ئەمەس،بىز نىمىشقا مۈشۈكنى قوغلىۋەتكۈدەكمىز؟» دەپتۇ.
ھېكمەت: بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس،ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق.