
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خاپا بولۇش . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى خاپا بولغاندا ، يۈرەك رېتىمى بىلەن نەپەس تېزلىشىپ ، ئۇخلاش تەس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلاش . قولنى باشنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىغاندا ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ، قورساقنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ .
ھاراق ئىچىپ ئۇخلاش . خانىم -قىزلار ھاراق ئىچىپ ئۇخلىغاندا ، يۈرەك كېسەللىكى ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قاتتىق ھەرىكەت قىلىش . قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا ، چوڭ مېڭە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سەگەك ھالەتتە تۇرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
يوتقانغا پۇركىنىپ ئۇخلاش . بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلىغاندا ، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش ، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق ، يامان چۈش كۆرۈش ، باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .