كۆپ قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالى ۋە لايىقىدىن ئاغرىنىپ ، مىجەزى غەلىتە دېيىشىدۇ ، لېكىن بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە چوڭ مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سېروتونىننىڭ مىقدارى ئوخشىمىغاچقا ، مىجەزدە بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار كېلىپ چىققان .
چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى يېتەرلىك ھەمدە مۇۋاپىق بولسا ، كىشىدە خوشاللىنىش كەيپىياتى كۆرۈلىدۇ ، ناۋادا سېروتىن مىقدارى تۆۋەن بولسا ، غەمكىن بولۇش ، كۆڭلى يېرىم بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئاقسىل ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىننى ساقلاپ ھەمدە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنى تېخىمۇ خوشال ھېس قىلىدۇ ، ئاياللاردىكى سېروتونىن ماددىسى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللار ئۇرۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ تاماقنى كۆپ يىمىگەچكە ، چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى تۆۋەنلەپ ، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى