|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئاياللارنىڭ بۆرىكىگە ئەڭ زىيانلىق 6 خىل ئادەت
|
|
|
مەنبە: cbbs.chinadaily.com.cn
2011-07-19 01:42
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، نۇرغۇن كىشىلەر بۆرەك ئىقتىدارىنى ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق قوغداپ كەلمەكتە ، ئەمەلىيەتتە ، بۆرىكىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىكى دەل سىزنىڭ قالايمىقان ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز سەۋەبلىك ئاجىزلىغان ، بۇنىڭغا پەقەت ئۆزىڭىز دېققەت قىلمايسىز خالاس . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇخىل قالايقىغان غىزالىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى ياخشىلاپ بۆرىكىڭىزنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ .
1 . سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك بەدەندىكى مىتابولىزىم ئارقىلىق چىقارغان كېرەكسىزلەرنى جىگەر بىلەن بۆرەك بىر تەرەپ قىلىدۇ ، بۆرەك ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى نەملىك بىلەن ئېلىكترولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، مىتابولىزىملىق فىزىلوگىيىلىك ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان كېرەكسىزلەرنى سۈيدۈك ئارقىلىق چقىرىۋېتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، بىراق بۇ خىل ئىقتىدار داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە يىتەرلىك سۇنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆپ سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ كىچىك تەرەتنى تىزلىتىش . بۇنىڭ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن تۇزنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىپ كەتكەندىن كىيىنكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بۆرەكنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 2 . پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش ئەگەردە بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان تۇرۇقلۇق كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچسىڭىز ، سۈيدۇك كىسلاتاسى چۆكمىلىشىپ بۆرەك قانالچىلىرى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ ، بۆرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ . ھەل قىلىش ئۇسۇلى : قان تەكشۈرۈتكىنىڭىزدە ، بۆرەكتە چاتاق بارلىقى ئېنىقلانسا ، بەلكىم بۇ ۋاقىتتا بۆرەك ئىقتىدارىدىن خېلىلا چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۆرەك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈتۈپ يۈرگەندىن ، ۋاقتى - ۋاقتىدا سۈيدۈك تەكشۈرۈپ بۆرەكتىكى چاتاقنى تېز سۈرەتتە ھەل قىلغان ياخشى .
3 . مىۋە - كۆكتاتلارنى نورمال يىمەسلىك مېۋە - كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش ئادەمگە پايدىلىق ، بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قارىشى . بىراق ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كۆكتات ، مىۋە - چىۋە دىگەندەك تەبىئىي قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغاچقا ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلغاندا بۆرەك ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆكتات ، مىۋىلەرنى مۇۋاپىق يىيىش ، تەركىبى قۇيۇق بولغان مېۋە - كۆكتات شىرنىسى ، يەن قازان شورپىسى ، كۆكتات شورپىسى ، ئىچىملىك دىگەنلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك .
4 . ئىچىملىكنى قايناقسۇنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىش كۆپ قىسىم كىشىلەر قايناقسۇنى تەمى يوق دەپ ياخشى كۆرمەي ، كولا ، گازلىق سۇ قەھۋە دىگەندەك ئىچىملىكلەرنى قايناقسۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالدى . بىراق بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كوففېئىن قان بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ ، قان بېسىم بەك يۇقىرى بولۇش دەل بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . ھەل قىلىش ئۇسۇلى : ھەددىدىن ئارتۇق ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلىنىش ، ئىچىملىك ئورنىغا قايناقسۇ ئىچىش . خۇددى كونىلار دىگەندەك : « قايناقسۇ ئىچ ، كۆڭلۈڭ تىنچ » . ئامال بار بىر كۈندە چوڭ ئىستاكاندا 8 ئىستاكان چاي ئىچىپ بەدەندىكى زەھەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
5 . گۆشنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋېلىش ئامېرىكا يىمەكلىك جەمىئيىتىنىڭ دىيىشىچە ، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلو كېلىدىغان ئادەم ، ھەركۈنى پەقەت 40 گرام ئاقسىل قوبۇل قىلىش ، 300 گرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا گۆش يىيىش كېرەككەن ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .
6 . تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىش تۇز بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باش جىنايەتچى . تۇزنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى بەدەندىكى سۇنى سىرتقا چىقىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ ، بۇ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بۆرەك ئىقتىدارىنى چىكىندۈرىدۇ . ھەل قلىش ئۇسۇلى : ئوزۇقلۇقنىڭ تەمىنى تېتىغاندا تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ 3 ~ 5 گرامغىچە تەڭشەش كېرەك . دېققەت قىلىش كېرەككى ، تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنىڭ مىقدارى ئالاھىدە كۆپ دائىم يىگۈچىلەر ئامال بار مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك . |
كۆرۈلۈشى:904 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/19 15:43:44 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|