|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
مەھەللىمىزدە مۇلايىم بىر ئايال بولىدىغان، ھۆكۈمەت تارقاتقان ياردەم پۇلىغا قاراپ ئولتۇرماي قورۇ تازىلاپ، ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلىپ ئاز-تولا پۇل تاپاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ياشىنىپ قالغاندا بەرگەن پۇلغا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرسا بولمامدىغاندۇ، دەپ ئويلاتتىم. يېقىندا مەھەللىمىزدىكى بىرەيلەن بۇ ئايال توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، شۇندىلا ئۇنىڭغا ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولدۇم. -بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئايشەم، ئۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن پۇل تېپىپ، كېسەلچان ئېرى ئۈچۈن دورا سېتىۋالىدۇ، ئۇ ھېچقانداق بىركىمدىن نەرسە تەلەپ قىلىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بىر چاغلاردا ئىللىق ئائىلىسى بار ئىدى، ئېرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇشۇ كۈنگە قالدى. بالىلىرىمۇ ئۇلاردىن چاندى. ئۇ ئېرى بىلەن بۇ قورۇغا كۆچۈپ كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشتى، يا بىرەر تۇغقىنىنىڭ، يا بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ، يا بىرەر بالىسىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاڭلىسام، ئۇنىڭ ئېرى ئېزىپ ئائىلىسىنى توزۇتۇپتۇ. يانچۇقىدا بىر تىيىن قالمىغاندا، ئاتالمىش ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپتۇ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھار كېلىپ دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ پالەچ بولۇپ، تەرىتىنىمۇ تۇتالماس بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىشنى، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئايشەم ئېرىنى كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ، شۇ ۋەجىدىن بالىلىرى ئۇنىڭغا قېيداپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئايشەم تۇرمۇشتا قىينىلىپ، قورۇ-جايلىرىنى سېتىپتۇ ۋە بۇ يەرگە كەپتۇ... بۇ گەپلەت بولۇنغاندىن كېيىن، ئايشەم ئاچىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئۆي ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى. بىز ئايشەم ئاچا بىلەن بىردەم ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېرىنى يوقلىغان ھېسابتا داستىخانغا پۇل قويۇپ قايتىپ چىقتۇق. ئېرىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىنى قاتار چايدا باشقا ئاياللارغا يېيىۋەتكەن، ئېرىدىن ئورۇنسىز گۇمان قىلىپ جىدەللىشىۋاتقان، ئېرى بىلەن بالىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا كېچە-كېچىلەپ ئويۇن-تاماشىدېن نېرى كېلەلمەيۋاتقان ئاياللار ... ئائىلىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقان ئاياللار ... كۆڭلۈمدە ئۇلارنى سېلىشتۇردۇم. يېقىندا بىر پىسخولوگ بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم. ئۇ: «تۇرمۇشتا ئاياللار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇلار دىققىتىنى ھەممە ئىشلارغا تەڭ چېچىپ ئۆزىنى ئۆزى چارچىتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش، جورىسىدىن زېرىكىش، قىسقىسى پىسخىكىسى ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ھەمما ئىشلارنى زىغىرلاپ كېتىش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاياللارغا تەۋسىيەم شۇكى، ھەر ۋاقىت، كاللىڭىزدا ئائىلىڭىزنىڭ ناھايىتى گۈزەل ھەم ئىللىق تەرىپىلا مەۋجۇت ئەكىس ئېتىپ تۇرسۇن، مەيلى خىزمەتتە ياكى دوستلار ئارا مۇناسىۋەتتە قانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ چاغدىكى كەيپىياتىڭىزنى ئائىلىڭىزنىڭ ئىناقلىقى ئورنىغا دەسسىتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ، شۇندىلا تۇرمۇش بەخت دېگەن سۆز بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ» دېدى. ھۆرمەتلىك ئايال، بەلكىم سىز بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتقان بولۇشىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ ئورۇنسىز تاپا-تەنىلىرى تۈپەيلىدىن ئاغرىنىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر ۋاقىت شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇشىڭىزدىن ئاغرىنىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر ۋاقىت شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇش ۋە بەختنىڭ ئەسلىي مەنىسى قانداقتۇر خوشال ۋە ھوزۇر سۈرۈشلا بولماستىن، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدىن بەخت ئىزدەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ـــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:751 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/6/28 20:08:10 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|