ئائىلە شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى، تەربىيلىنىش ئەھۋالى، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ناتۇنۇش كىشىنىڭ ئائىلە قۇرۇپ بىللە ياشىشى ئەسلىدىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. قېيىنئانىلار كۆپىنچە ھاللاردا بۇ نۇقتىلارغا سەل قاراپ، كېلىنـىنـىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ-دە، كېلىنىگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقــان پوزىتسىيەسى بويىچە تەلەپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبلىك قېينئانا بىلەن كېلىن ئارىسىدا جــېدەل قۇرىمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كېلىنىڭىزنى ياقتۇرۇڭ-ياقتۇرماڭ، ئوغلىڭىز ئۇنى تاللىدى. ئوغلىڭىزنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرماي دەيدىكەنسىز، ئالدى بىلەن كېلىنىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن قوبۇل قىلىڭ، ئاندىن مۇنىلارنى قىلىپ بېقىڭ، بەلكىم ياخشى كېلىننى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرۈشىڭىز مۇمكىن:
باشقىلارغا كېلىنىڭىزنى كۆپرەك ماختاپ بېرىڭكى، يامان گىپىنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، چۈنكى بۇ گەپلەرنى كېلىنىڭىزنى قۇلىقىغا يەتمەيدۇ دېيەلمەيسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ.
ئۇنىڭغا ئوغلىڭىزغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ. كېلىننى ئۆز قىزىڭىزدەك كۆرگەندىلا، ھەر قانداق ئادەۋەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كېلىنىڭىزگە قوپاللىق قىلماڭ. كېلىنىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغان ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ.
ئوغلىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىڭ. ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردىن تەسىرلىنىدۇ، كېلىنىڭىزمۇ مىننەتدار بولىدۇ-دە، سىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئاشىدۇ.
ئۆز تەجىربىڭىزنى كېلىنىڭىزگە تاڭماڭ، سىزگە ماس كەلگەننىڭ كېلىنىڭىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.
ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋالماڭ. ھازىرقى ياشلارنىڭ قارىشىسىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلاشسىڭىز، كېلىنىڭىزلا ئەمەس، ئوغلىڭىزمۇ بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى