ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىز ھەم ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئەركىنلىكىڭىزنى دوغا تىكىپ، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلىدىڭىز. ئەمدى خېرىدارلىرىڭىزنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قالىسىز؟
تۆۋەندىكى ئالتە خىل خاتالىق ھەرقانداق بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى خېرىدارىدىن ئايرىپ قويىدۇ.
باھانە – سەۋەب ئىزدەش
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شىركىتىڭىز بار دەيلى، سىز خىزمەتنى ۋاقتىدا تۈگىتەلمىدىڭىز، ئۇنداقتا، خېرىدارىڭىزنىڭ ئاغرىنىشى ۋە نارازلىقىغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟ بۇنداق چاغدا ‹‹خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇڭا لايىھەرىڭىزگە ۋاقىت چىقىرالمىدىم›› دېمەڭ. بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، خېرىدارىڭىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولۇشى بىلەن نېمە كارى بولسۇن، ئۇلار پەقەت سىزنىڭ بېرىلگەن ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولىمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلمىغىنىڭىزغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
باھانە – سەۋەب كۆرسىتىشتىن كۆرە سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ، ئاندىن ئامال قىلىپ ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراڭ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، خېرىدار لازىم قىلىدىغان كۈنى كەچتىلا ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىڭ. بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، خاتالىقىڭىزنى تۈزەتكەن ۋاقتىڭىزدا، ئىشلار ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىپ، خېرىدارىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
قايتۇرما ئۇچۇرلارغا سەل قاراش
كۆپ ساندىكى خېرىدار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى سىزگە ئېيتمايدۇ، ئەكسىچە، باشقا يەردىن سودا ئىزدەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىش كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىڭ، كۆرۈشۈشكە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇڭ ياكى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، خېرىدارلىرىڭىز بىلەن بىۋاسىتە تېلېفوندا ئالاقىلىشىڭ ياكى ئۇلارنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ، مەسىلەن: ئۇلاردىن نېمىشقا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز بىلەن مۇلازىمىتىمىزنى تاللىدىڭىز؟ مەھسۇلاتىمىزنى سېتىۋېلىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟ سىزچە، مەھسۇلاتىمىز بىلەن مۇلازىمىتىمىزنىڭ يەنە قانداق يېتەرسىزلىكلىرى بار؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراڭ.
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلىسىڭىز سودىڭىزغا كۆپ پايدىسى تېگىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلەرنى ياخشى قىلغانلىقىڭىزنى، قايسى تەرەپلەردە يەنىلا يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىيالايسىز. ئەگەر بىر خېرىدار رازى بولمىغان بولسا، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتكىچە تەدبىر قوللىنالايسىز، سىزنىڭ خېرىداردىن سوئال سوراپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىڭىز ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرگىنىڭىز، شۇنىڭ بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى دائىملىق خېرىدارىڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز.
پاسسىپ ئىدىيە ۋە ھۇرۇنلۇق
ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئاسانمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، سودىڭىز باشلانغان ھامان، ھەر ۋاقىت پۇلنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولىسىز.
مەيلى قانچىلىك مۈشكۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشىڭىز كېرەك. كىشىلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەملەر بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇ.
پاسسىپ ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، دىققىتىڭىزنى نىشانىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈڭ، مەيلى قانچىلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز خېرىدارلىرىڭىزنىڭ سودىڭىزغا بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.
رىقابەتچىسىنىڭئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزۈش
خېرىدارلىرىڭىزغا رىقابەتچىڭىزنى قانداق تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزنى باشقىلارغا شۇنداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر بىرسى سىزدىن شىركىتىڭىز مەلۇم شىركەت بىلەن بولغان كەسكىن رىقابەتتە قانداق تەجرىبە توپلىغان؟ دەپ سورىسا، تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ:
ئۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ھەقىقەتەن ياخشى (ياكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بار)، لېكىن خېرىدارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى تاللىغانلىقىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، دەپ خېرىدارىڭىزغا ئىلگىرىكى خېرىدارلىرىڭىز يازغان رەھمەت خەتلىرىنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز گەپنى ئاسانلا رىقابەتچىڭىزدىن سودىڭىزغا يۆتكىيەلەيسىز.
خېرىدارلارغا نىسبەتەن خام خىيالدا بولۇش
خېرىدارلار دۇكىنىڭىزدىن بىر قېتىم مال سېتىۋالسىلا، مەڭگۈلۈك خېرىدارىم بولدى، دەپ ئويلاپ قالماڭ.
بارلىق تىجارەتچى خېرىدارلارنىڭ ئالاھىدە كۈنلىرىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، مەسىلەن: ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، خاتىرە كۈنى قاتارلىقلار، ئۇلار خېرىدارلارغا تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، مەلۇم ھەقسىز مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت بەلگىلىك ۋاقىتتا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشمۇ يەنە بىر خىل سېتىشنى تېزلىتىش ئۇسۇلى.
ئازراق نەتىجىگە ئېرىشىپلا ئالغا ئىنتىلىشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. بازار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تەرەققىي قىلىشنى ئويلىمىسىڭىز، ۋەيران بولىسىز.
ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىشىڭىز، ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىڭىز، كەسپىي كىتابلار ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇپ، ساھەرىڭىزدە ئاۋانگارت بولۇشىڭىز كېرەك. كەسپىڭىزگە بولغان چۈشىنىشىڭىز ۋە بىلىم سەۋىيىڭىز قانچە چوڭقۇر بولسا، خېرىدارىڭىزنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى شۇنچە ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركىتىڭىز ئىستېمالچىلارنىڭ نەزەرىدىكى بىرىنچى شىركەتكە ئايلىنىدۇ.
ئۆزىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلار سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىپ، لازىملىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قايتا خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. شۇنداق بولغاندا كەسپىڭىز ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ ۋە پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.