|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز...
|
|
|
سۆز بېشى: شىركەت ئۇقۇمى ئاللىبۇرۇن يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇقۇمغا ئايلىنىپ، دۇنيادا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەكىلگە تەشكىلىي شەكىلگە ئايلاندى. ھەممىگە ئايان، شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى بىردىنبىر مەقسىتى پايدىغا ئېرىشىش. ئەگەر بىر شىركەت ئۆز مەھسۇلاتىنى ساتالمىسا، ئۆزى كۆزلىگەن پايدىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ ۋەيران بولغان بولىدۇ. شىركەت ئۆز مەھسۇلاتى ئارقىلىق بازار ئىگىلەپ، پايدىغا ئېرىشىشى، ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ رۇناق تېپىشى كېرەك. شىركەتنىڭ رۇناق تېپىشى، گۈللىنىشى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى شىركەتتىكى مۇھىم ئېنىرگىيە بولغان خادىملاردىن ئايرىلالمايدۇ. خادىملار شىركەتتىكى مۇھىم كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا، يۇقىرى قاتلامدىن مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خادىملاردىن چاتاق چىقسا، شىركەت پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى ھەربىر شىركەت خادىمىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا، شىركەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياللانما خادىملارنىڭ نېملەرنى قىلىشى زۆرۈر ئكەنلىكىنى تەھىلىل قىلىپ ئۆتىمىز.
1. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئىدىيىڭىزنى توغىرلىۋېلىشىڭىز كېرەك.
بۇنىڭدا ئاۋۋال مەقسەت مۇددىئانى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. سىزنىڭ بىرەر شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشتە مەلۇم مەقسىتىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، تۇرمۇشنى قامداش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، تەجرىبە توپلاش ۋەھاكازا. ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشتىكى مەقسىتىڭىز ئېنىق بولمىسا، سىز ئۆزىڭىز قىلىدىغان ئىشنى ياخشى چۈشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئاكتىپ ئىدىيىگە ئىگە بولمىسىڭىز ئۇنداقتا، سىز بۇ شىركەتكە يۈك بولۇپ قالىسىز. شۇڭلاشقا، سىز ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا ئۆزىنىڭ بۇ شىركەتتە نېمە قىلىپ، نېمە نىشانغا يېتىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
2. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، بۇ شىركەتكە نېمە ئىش قىلىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
شىركەتتىكى ھەممەيلەن نورمال خىزمەت ۋاقتىدا ئىشقا كېلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ھەممىگە ئايان بولىدۇكى، خىزمەت نەتىجىسىدە پەرق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ھەتتا بەزىلەر خىزمەت ئىشلەپ مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە قايمۇقۇپلا كېتىدۇ. زادى نېمە قىلىشى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيلا قالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل كىشىلەر شىركەتكە پەقەت شىركەتكە كىرىش ئۈچۈنلا ياكى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا كىرىدۇ. شۇڭلاشقا، شىركەتكە كىرىشتىن بۇرۇن، شىركەتنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەزكۇر شىركەتكە زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى شىركەتكە ئىش قىلالايدىغان ئادەملەر كېرەك. شىركەت شۇ خىل كىشىلەر بىلەن يۈكسىلىدۇ، راۋاج تاپىدۇ. گىر تېشىدىن لىغىرلاپ تۇرىدىغان كىشىلەر شىركەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پەقەت توسالغۇلۇق رول ئوينايدۇ، خالاس.
3.ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز شىركەتنىڭ پۈتكۈل مەنپەئەتىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىڭىز بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىڭ ۋە بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىڭ.
شۇنداق، شىركەت راۋاجلانسا، كىرىمى كۆپەيسە ئوخشاشلا سىزنىڭ تەمىناتىڭىز، كىرىمىڭىز كۆپىيىدۇ. خىزمەت مۇھىتى ۋە تۈرلۈك شارائىتلىرىڭىز ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر شىركەت خارابلاشسا، ئۇنداقتا ئىشلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز مەيلى چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەڭ ۋە ياكى ئوتتۇرا-كىچىك شىركەتلەردە ئىشلەڭ، ئۆزىڭىز تۈرۈۋاتقان شىركەتنى سۆيۈڭ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى، مەنپەئەتى ۋە تەسىرىنى قوغداڭ، شىركەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىڭىزنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ئۆزىڭىز ۋە شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تونۇپ يېتىڭ.
4. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىشىنى بىلىڭ.
ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش سىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى قېزىپ چىقىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن ھازىرقى ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەق بولالايسىز. ئەگەر سىز بۇ خىل ئاكتىپ تەپەككۇر بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن رازى بولۇپ ئۆتىسىڭىز، سىزنىڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرۈپ كېتىشىڭىز ناتايىن، سىز ئۇ ھالدا ئۆزىڭىزدىنمۇ ئاجىز كىشىلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىسىز. ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلغان، جىسمىدىن ئۆزگە ھېچنەرسىنى بولمىغان شەيئىنى باشقىلار ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە!
5. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم خىزمەت پىلانى بولسۇن.
سىز ئۆزىڭىزگە بىر خىزمەت پىلانى تۈزۈپ بېرىڭ. مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مۇنچىلىك ئىشنى تۈگىتىمەن ياكى شىركەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان پالانى تۈرنى تاماملايمەن، دېگەندەك. سىز پىلاننى تۈرگەن كۈندىن ئىبارەت، ئىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. پىلاندىكى ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىڭ، كۈندىلىك ئىشلارنى شۇ كۈنى كەچتە خۇلاسە چىقىرىڭ، پىلاندىكى ئىشلار تاماقلانمىغۇچە ئارام ئالماڭ.
6. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، خىزمەت ۋاقتىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىڭ.
كونىلار، ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دېيىشىدۇ. شۇنداق ۋاقىت ھەممە نەرسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. مەسىلەن، بىر شىركەتنىڭ تەرەققىياتى، مەھسۇلاتنىڭ بازار تېپىشى، مائاشنىڭ ئۆسۈشى، ھەتتا سىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت ئورنىڭىز دېگەندەك. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلىكىڭىزدىكى ۋاقىتنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇڭ. ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ. ئۇنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. خىزمەتنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ، خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
7. ئەگەر سىز بىر ياللانما خادىم بولسىڭىز، ئاغىڭىزنى باشقۇرۇشنى بىلىڭ.
ھە دېسىلا شىركەتتىن، مۇھىتتىن، مائاشنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قاقشاپ يۈرمەڭ. باشقىلار ئارىسىدا گەپ توشۇپ، تالايلىغان ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ھەقداسىغا ئايلىنىپ قالماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى بىلىڭ. خىزمىتىڭىزنى جايىدا ئىشلەشنى، ۋەزىپىنى لايىقىدا ئورۇنداشنى بىلىڭ. ئەگەر شىركەت توغرىلىق قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا دادىللىق بىلەن دەڭ، بولمىسا، ئاغىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ-دە، خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ. خۇلاسە، شىركەت بىلەن خادىملارنىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. شىركەت قابىل كىشىلەر بىلەن روناق تاپىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرىقى يەتتە تۈرلۈك ئىشنى جايىدا قىلالىسىڭىز، شىركەت ئۈچۈن قىممەت يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ئىقتىساد توپلىيالايسىز. ھەرقانداق شىركەت دەل مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. |
كۆرۈلۈشى:221 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/15 11:51:33 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|