|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
بىر خىيانەتچى ئەمەلدار قولغا ئېلىنىپ، بىر ئوغرى بىلەن بىر كامىرغا سولاندى. ئارىدا ئىككىسى پاراڭغا چۈشتى: - نىمە سەۋەبتىن تۈرمىگە كىرىپ قالدىڭ؟- سورىدى ئوغرى ئېغىز ئېچىپ. - ھەي، نىمىسىنى سورايسەن، - خىيانەتچى ئېغىر تىنىۋەتتى ۋە ئارقىدىنلا،- ئەسلىدە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ئىدىم. ئاشۇ پېشكەنللىك بولمىغان بولسا...،- دېدى. ئوغرى ئۇنى ئۇقۇشمايلا سەنلەپ قالغىنىغا سەل ئوڭايسىزلىنىپ ، بىردىنلا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى. - ئەمەلدار غوجام، بايا ئۇقۇشماسلىقتىنلا سەنلەپ ساپتىمەن، پەقەت كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا جۇمۇ. غادىيىپ ئولتۇرغان خىيانەتچى ئۇنى مەيدىسىدىن ئتتىرگىنىچە سورىدى: - سەن نىمە بولۇپ كىرىپ قالدىڭ؟ - ئوغرىلىق قىلىپ. - ئىسىت، قاراپ تۇرۇپ مېنى سەندەك پەست ئوغرى بىلەن بىر كامىرغا سولاپ قويۇشقىنىنى. ئوغرى نىمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى ۋە بىردىنلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ: - غوجام، دېگەنلىرى تولىمۇ ئورۇنلۇق. ئەسلى سىلىنى شارائىتى ياخشى ئالاھىدە كامىرغا ئورۇنلاشتۇرسا توغرا بولاتتى. مۇشۇ پۇرسەتتە سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئوبدان قىلىۋالاي. خىيانەتچى پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ، كېرىلىپ ياتتى. ئوغرى ئۇنىڭ پۇت- قوللىرىنى تۇتۇپ ئۇۋلاپ قويغاچ، توختىماي كاسىلداشقا باشلىدى: - غوجام ، سىلى بايا بىر پېشكەنلىك بىلەن بۇيەرگە كىرىپ قالدىم ، دېگەندەك قىلىۋېدىلە ، بۇنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىلىچۇ ؟ - سەندەك نىجىس ئوغرىدىن بىرسى ئۈيۈمگە كىرىپ نەچچە مىليوننى يۈەننى ئەپقېچىپ تۇتۇلۇپ قالدى . ئوغرىغۇ تۇتۇلۇپ جاجىسىنى يېدى ، بىراق تەپتىشتىكىلەر شۇنچە پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ يۈرۈپ ، ئاخىر مېنى خىيانەتچى دەپ قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلاشتى . - بۇ گەپ راستما ؟ راست ، مەنغۇ ئەينى چاغدا دېلو مەلۇم قىلمىغان ، بىراق ئۇ نومۇسسىز ئوغرى ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالمىغان بولسا ، مەنمۇ بۇ يەرگە كىرىپ قالمايتتىم . ناۋادا ئۇ قولۇمغا چۈشۈپ قالىدىغانلا بولسا ، ئانىسىدىن تۇغۇلغىنىغا پۇشايماق قىلدۇرىۋېتىمەن ئۇ مۇناپىقنىڭ . ئوغرىنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن چەكچىيىپ ، پىيالىدەك يوغىنىدى . - ئىشىڭنى قىلە خىيانەتچى ، پارىخور ، - ئوغرى ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ سۆرىگىنىچە تامغا نىقتىدى ، - سەن دەۋاتقان ئوغرى مانا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ ، قېنى نېمە قىلالايسەن ؟ ئاڭلاپ قوي ، ھۇ لەنەت تەگكۈر خىيانەتچى ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش بىر ئوغرى . مەن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ئوغرىلىسام ، سەن ھۆكۈمەتنىڭ ، خەلقنىڭ پۇلىنى ئوغرىلايسەن . تېخى مېنى نومۇسسىز دەيسىنا ، سەن مەندىن ئۆتە يىرگىنىچلىك .ھەر نېمە بولسا سەندەك چوڭ بىر ئوغرى مېنىڭ سەۋەبىمدىن پاش بوپتۇ . بولمىغان بولسا خەقنىڭ قان - تەرىنى يەنە قانچىلىك شورايتتىڭكىن - تاڭ ...
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:132 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/13 17:28:02 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|