|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
يەتتە ياش ۋە 17 ياش، ئىككى دەۋرگە مەنسۇپ ھايات
|
|
|
مەنبە: bbs.tiexue.net
2011-07-22 04:35
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بولغان بىر ساۋاقداش ئۆزىنىڭ يەتتە ياش ۋە 17 ۋاقتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇنداق قىزىقارلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. بەلكىم، بۇ خىل سېلىشتۇرۇش كەڭ تورداشلارنىمۇ بەلگىلىك ئويغا سالالىشى مۇمكىن. ئىمتىھان نەتىجىسى جەھەتتە: مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدا تىل-ئەدەبىياتتا 96 نومۇر ئېلىپ، ئۇنى قەغەزنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىشكە يۈزۈم چىدىماي، پۇرلاپ تاشلىۋېتىپ، چاناقلىرىمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىپ، 100 نومۇر ئېلىشقا بەل باغلىغانىدىم. 17 ياش كىرگەن يىلىم فىزىكا دەرسىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئۆزۈم مۇستەقىل ھالدا 60 نومۇر ئالغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەغىزىمنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىم كۆرسىتىپ چىقتىم. گەرچە ئاكام ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. ئىمزا قويۇش جەھەتتە: يەتتە ياش ۋاقتىمدا ئىمزانى ناھايىتى چىرايلىق، ئۆلچەملىك قوياتتىم، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قويغان ئىمزالىرىمغا ھەۋەس بىلەن قارايتتى. 17 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھېس قىلدىمكى ئۆزۈم قويغان ئىمزالاردىن ئۆزۈمنى بىزار بولۇپ كەتتىم. جاۋاب بېرىش جەھەتتە: مۇئەللىم بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغۇچە، قول كۆتۈرمەستىنلا توغرا جاۋاب بېرىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتىم. بۇ تەرىپىمنى مۇئەللىمىم ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا تىلغا ئالماي قالمايتتى. 17 ياشقا كىرگەن يىلىم مۇئەللىمنىڭ ئەڭ ئاددىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئانچە ئۆكۈنۈپ كەتمىدىم. چۈنكى مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدا سوئاللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان قالتىس ئوقۇغۇچى ئىدىم ئەمەسمۇ؟! راستىنى ئېيتسام، بۇ ۋاقىتتا ئۆتمۈشۈم ئارقىلىق ھازىرىمغا تەسەللى بەرگەنىدىم. ئۆيگە قايتىش جەھەتتە: يەتتە ياش ۋاقتىمدا، دەرستىن چۈشكەن ھامان ئۆيگە قايتاتتىم. تور خانا ۋە ئويۇنچۇقخانىلارغا قەتئىي كىرمەيتتىم. 17 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ ۋاقىتتا دەرستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىپ، تاپشۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادىتىم ئاللىبۇرۇن ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ بولغانىكەن. ئويناش جەھەتتە: يەتتە ياش ۋاقتىمدا، ھويلىدا كەچقۇرۇنلۇقى ئويناشتىن قورقاتتىم. 17 ياش ۋاقتىمدا، كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە قايتساممۇ، ھەتتا كېچىلىرى كوچىلاردا ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقتىمدا ھودۇقۇپ كەتمىدىم، قارىغاندا، بۇ ۋاقىتتا خېلى يۈرەكلىك بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. ئارزۇ جەھەتتە: يەتتە ياش ۋاقتىمدا، تېزرەك چوڭ بولۇشنى، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشلارنى تەۋرىتىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. 17 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا، بۇلارنىڭ بەك غايىۋى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنچىلىك ئىشلارنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمنىڭ خاتا ھالدا چوڭۇپ قالغانلىقىمنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم. يىغلاش جەھەتتە: يەتتە ياش ۋاقتىمدا، يىغلاپ بولۇپ، كۈلۈپ سالاتتىم. 17 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا، كۈلۈۋېتىپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدىم. دوستۇم، سىزنىڭ يەتتە ۋە 17 ياشلىق دەۋرىڭىز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. قېنى سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ، شۇ ۋاقىتلاردا قانداقراق بولغىيدىڭىز؟ |
كۆرۈلۈشى:415 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/22 18:01:40 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
|