مەلۇم ئىدارىدىكى بىر ئادەم ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋاپتۇ.ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىراق بىر تۇغقىنىنىڭ چەت ئەلدە قازا قىلغانلىقى،ئۆلۈش ئالدىدا ئۇنى ئۆزىنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرغانلىقى يېزىلىپتۇ.
بۇ مىراس دەل ناھايىتى قىممەت باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنى ئىكەن.ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ،چەت ئەلگە چىقىش تەييارلىقى قىلىۋاتقاندا،يەنە بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋاپتۇ.ئەسلىدە ئوت ئاپىتى بۇ دۇكاننى ۋەيران قىلىپ،ئۈنچە-مەرۋايىتلارمۇ كۆيۈپ كەتكەنىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە قايتا ئىشقا چۈشۈپتۇ ۋە باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ،كىمنىلا كۆرسە ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى سۆزلەپ:
ـــ بۇ نۇرغۇن پۇلغا يارايدىغان مىراس ئىدى،مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مائاشىممۇ بۇ مىراسنىڭ ئازراق بىر قىسمىغىمۇ تەڭ كەلمەيتتى-دەيدىكەن.
ئۇنىڭ خىزمەتدىشى:
ـــ سەن يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاشقۇ،ھېچنىمەڭنى يوقۇتۇپ قويمىدىڭغۇ-دەپتۇ.
ـــ شۇنچىلىك جىق مىراستىن قۇرۇق قالغان تۇرسام،يەنە ھېچنىمىدىن قۇرۇق قالمىدىڭ دەيسەنغۇ؟-دەپتۇ ئۇ خىزمەتدىشىدىن ئاغرىنىپ.
ـــ سەن ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان بىرجايدا،سەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر دۇكانغا ئوت كەتسە،بۇنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟-دەپتۇ خىزمەتدېشى.
بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئادەم خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن خىزمەتمۇ قىلماي ئىدارىدىن ئايرىلىپتۇ.
ھېكمەت: يوقىتىپ قويۇش بىلەن ئېرىشىشنىڭ ھەممىسى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا بولىدۇ. ھەممىگە ئىگە بولۇش خاتالىق ئەمەس،بەلكى پەقەت ھەممىگە ئىگە بۇلۇشنىلا ئويلاش ھەقىقەتەن چوڭ بىر خاتالىق.