Article Center - ماقالە مەركىزى - ۋىجدانلىق مەلىكە (چۆچەك)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ۋىجدانلىق مەلىكە (چۆچەك)

قەدىمكى زاماندا قاسىماخۇن دېگەن بىر قاسساپ ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ ئابدۇللا ۋە پەزىلەتخان ئىسىملىك ئىككى بالىسى بار ئىكەن. قاسىماخۇن قاسساپلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىپ، بەزىلىرىگە ياغ بىلەن پەش، بەزىلىرىگە گۆش بىلەن بەز سېتىپ بېيىپ كېتىپتۇ.  
كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاسىماخۇن يامان بىر چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ. ئاخىر ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان قازاخۇنۇمنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېﻬمان قىلىپتۇ ۋە سۆز ئارىسىدا
- قازاخۇنۇم، تۈنۈگۈن ئاخشام بىر غەلىتە چۈش كۆرۈپ قالدىم، بۇ چۈشۈمگە بىر تەبىر بېرىپ، مەن گۇناﻫكارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتار دېگەن ئوي بىلەن ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلغانتىم، - دەپ چۈشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. قازى: ¬
- ﻫەي قاسىماخۇن، سىلىنىڭ بۇ كۆرگەن چۈشلىرى يامانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇ گۇناﻫلىرىنىڭ تاغدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر، - دەپتۇ. قاسىماخۇن قازىدىن:  
- شەرىئەتتە بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قازى:  
ئەلۋەتتە بار، مەنچە بولغاندا ﻫەج قىلىشنىڭ ساۋابىغا ﻫېچنېمە يەتمەيدۇ. ﻫەج قىلىپ يانسىلا، ئىنشائاللا خۇداۋەندى كېرىم گۇناﻫلىرىنى ساقىت قىلىپ، ﻫەر ئىككىلا ئالەمنى سىلىگە يورۇق قىلغاي، - دەپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ قاسىماخۇن سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. تەييارلىقىڭلار پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇ يەنە قازى بىلەن كۆرۈشۈپ سوراپتۇ:  
- سەپىرىمدە بىر نازۇك مۈشكۈلات تۇرىدۇ؟
- ئېيتسىلا، ﻫەر نىچۈك مۈشكۈلات بولسا، مەن - پېقىر كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قارىشىپ بېرەي، - دەپتۇ قازى.  
- ئۇ بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئايانكى، - دەپتۇ سودىگەر، - بالىلىرىمنىڭ ئانىسى يوق. مەن بولسام ئوغلۇم بىلەن سەپەر قىلماقچى، قىزىم پەزىلەتخاننى بىللە ئېلىپ يۈرۈش بىئەپ. شۇڭا ئۆزلىرىدەك ئۆلىما زاتنى مەن سەپەردىن يانغۇچە قىزىمغا ئاتىدارچىلىق قىلارمىكىن دېگەن نىيەتتە بولغانىدىم.
قازى ماقۇل بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاسساپ يۈك - تاقلىرىنى تېڭىپ، ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى كولاپ ئېلىپ، قازىغىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بېرىپ يولغا چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەزىلەتخان قازىنىڭ ئۆيىدە قاپتۇ.    
پەزىلەتخان بەدەنلىرى قاش تېشىدەك سۈزۈك، چىرايى قىزارغان ئالمىدەك رەڭدار، ئاۋازى بۇلبۇلنىڭكىدەك خۇشخۇي، كۆزلىرى بۇلاقتەك، ئاغزى ئويماقتەك، ئۆزى زېرەك بىر قىز ئىكەن. ماڭسا ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى يىپەكتەك ئەۋرىشىم بويلىرىغا چىرمىشىپ، تاپىنىنى يۆگەپ تۇرىدىكەن.
قازى پەزىلەتخاننى كۆرۈشى بىلەنلا ئىچىگە ئوت چۈشۈپ، كۆكسىگە چۈشكەن ئاق ساقىلى كۆيۈپ تۈتۈنگە ئايلىنىپ كەتكەندەك بولۇپتۇ. پەزىلەتخاننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، پەيت كېلىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. پەزىلەتخان قازىنىڭ كۆزلىرىدىكى شەﻫۋانىيەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يالقۇنجاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قورقىدىكەن، كېچە - كېچىلىرى ئاتا - ئانىسىنى، ئاكىسىنى ئەسلەپ زار - زار يىغلاپ چىقىدىكەن
بىر كۈنى پادىشاﻫنىڭ خوتۇنلىرى قازىنىڭ ئۆي ئىچىنى چايغا چىللاپتۇ. پەزىلەتخانمۇ تەييارلىنىپتۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەن قازى پەزىلەتخانغا: ;
- سىز كىشىنىڭ ئامانىتى، چايغا بېرىشىڭىزنى ماقۇل كۆرمەيمەن، - دەپ رۇخسەت قىلماپتۇ. قىز نائىلاج ئۆيدە قاپتۇ.
چۈشكە يېقىن قازى پەزىلەتخاننى قىچقىرىپ
- ئۆيدىكىلەر كەلمىدى، سىز ماڭا تەرەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىڭ، - دەپتۇ.  
قىز ئاپتۇۋىغا سۇ ئېلىپ كەلگەنىكەن، قازى ئاپتوۋىغا قول ئۇزاتقان بولۇپ، قىزنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ?
- مېنى قىينىماڭ، - دپتۇ. پەزىلەتخان
- سىلى دادامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم، بۇ ئىشلىرى پەقەت توغرا ئەمەس، - دېسە قازى:
- ﻫازىر ماڭا ئۇنداق گەپنىڭ كېرىكى يوق. مەن سىزنى ئاران قولغا چۈشۈردۈم، - دەپ پەزىلەتخانغا يېقىنلىشىپتۇ.  
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان پەزىلەتخان ئاپتۇۋا بىلەن قازىنىڭ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرغانىكەن، قازىنىڭ پېشانىسى يېرىلىپتۇ. قازى پېشانىسىنى تۇتۇپلا قاپتۇ، قىز پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قېچىپ چىقىپ، ئۆز ﻫۇجرىسىغا كىرىۋاپتۇ.
شۇ كۈنىلا قازى قىزنىڭ دادىسىغا >قىزىڭىز سىز كەتكەندىن كېيىنلا يولدىن چىقىپ، نامىڭىزنى بۇلغاشقا باشلىدى. ئاتا ئورنىدا تۇرۇپ نەسىﻬەت قىلسام، مېنى ﻫاقارەتلەپ، ﻫەتتا بېشىمنىمۇ ياردى. شۇڭا قىزىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ...< دەپ خەت يېزىپ، كارۋانلاردىن ماڭدۇرۇۋېتپتۇ. خەتنى يول ئۈستىدە تاپشۇرۇۋالغان قاسساپ غەزەپكە كەپتۇ ﻫەم ئوغلى ئابدۇللانى قەسەم ئىچكۈزۈپ، پەزىلەتنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.?
ئابدۇللا كېچە - كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. سىڭلىسىنى كۆرۈپ، يىغىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللا سىڭلىسىغا:
- دادامنىڭ ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچكەن بولساممۇ، لېكىن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارمىدى. بۇ يۇرتتىن بېشىڭنى ئېلىپ چىقىپ كەت. ئالەمنىڭ ئېتىكى كەڭ، - دەپتۇ.
ئابدۇللا سىڭلىسىنى قاچۇرۋەتكەندىن كېيىن بىر قوينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ئېلىپ، يەنە دادىسىنىڭ يېنىغا يېنىپ كېتىپتۇ.
ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاندىن ئاڭلايلى:
پەزىلەتخان قەلەندەرچە كىيىنىپ، شەﻫەردىن چىققاندىن كېيىن دەريانى بويلاپ يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. سۇلارنى كېچىپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، دۆڭلەردىن ئېشىپتۇ، ئاخىر ئادەمزاتتىنمۇ، گىياﻫدىمۇ ئەسەر بولمىغان قۇملۇققا كىرىپ قاپتۇ. ئۇيان مېڭىپتۇ، بۇيان مېڭىپتۇ، بۇ يەردىن ﻫېچقانداق قىلىپ چىقىپ كېتەلمەپتۇ، قىز ئۇسسۇزلۇق ﻫەم ئاچلىقتىن ﻫالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ >ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم< دەپ ئويلاپ، بىر قۇم دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزىنى قۇمغا تاشلاپتۇ، يىغلا - يىغلا ﻫوشىدىن كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا باشقا بىر يۇرتنىڭ پادىشاﻫى ۋەزىرى بىلەن شىكارغا چىققانىكەن. ئۇ كېتىۋاتسا قولىدىكى قۇش ئۇچۇشقا تەلپۈنۈپتۇ. پادىشاﻫ ئەتراپىغا قاراپ ﻫېچقانداق بىر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرمەپتۇ. قۇش بولسا ﻫەدەپ ئۇچۇشقا تەلپۈنگۈدەك. بۇنى كۆرگەن ئەتراپىدىكىلەر:  
- پادىشاﻫىم، قۇشنى قويۇۋېتەيلى، - دەپتۇ.
پادىشاﻫ قولىدىكى قۇشنى قويۇۋېتىپتۇڭ. قۇش تىك ئۆرلەپ، ئاندىن يىراقتىكى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. پادىشاﻫ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قارىغۇدەك بولسا قۇشنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر قىز ﻫوشسىز ياتقۇدەك. پەزىلەتخاننىڭ ﻫۆسىن - جامالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولغان پادىشاﻫ: سىز پەرىزاتمۇ ياكى ئادەممۇ؟ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
قىز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.  
ئۇنداق بولسا مەن سىزگە قىيامەتلىك يولداش بولاي، - دەپتۇ. پادىشاﻫ ۋە پەزىلەتخاننى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ نىكاﻫىغا ئاپتۇ.  
ئارىدىن بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەي پەزىلەتخان يەڭگىپتۇ. تۇغقان بالىسى قوشكېزەك بولۇپ، ئايدەك بىر جۈپ ئوغۇل ئىكەن. پادىشاﻫ ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر قانچە خوتۇنلىرى بولسىمۇ، پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن.  
ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پەزىلەتخان كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن راۋاققا چىقىپ ئەتراپىغا قاراپتىكەن، يىراقتا كېتىۋاتقان كارۋانلارنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاتىسىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. پەزىلەتخان راۋاقتىن چۈشكەندە، پادىشاﻫ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ:
نېمە ئۈچۈن يىغلىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن سىزگە چۈشكىلى بىر قانچە يىللار بولدى. سىز بىر قېتىممۇ مېنىڭ ئاتامنى ئەسلىمىدىڭىز. ئاتامنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاﻫ:
- بۇ يىغلايدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلسە، مەن سىزنى سەلتەنەت بىلەن يولغا سالىمەن، - دەپتۇ ۋە ۋەزىرىنى مەلىكىنى مۇﻫاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرلەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ.  
بۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى بىر قونالغۇغا كېلىپ قونۇپتۇ. قاتتىق چارچىغان لەشكەرلەرنىڭ ﻫەممىسى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ۋەزىر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەزىلەتخاننىڭ چېدىرىغا كىرىپتۇ. پەزىلەتخان ئىككى ئوغلىنى يېنىغا ئېلىپ ياتقانىكەن. ۋەزىر پەزىلەتخانغا
- سىزنى پادىشاﻫ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە تاپقانىدۇق. مېنىڭمۇ سىزدە ﻫەققىم بار. شۇڭا بۈگۈن بىر كېچە ئىككىمىز بىللە ياتساق، - دەپتۇ.  
پەزىلەتخان رەت قىلىپتۇ. ۋەزىر يەنە تەكلىپىنى قويۇپتۇ، ئەگەر يەنە رەت قىلسا ئىككىلا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پەزىلەتخان يەنىلا ئۇنىماپتۇ. ۋەزىر ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى چېپىۋېتىپتۇ. چوڭقۇر قايغۇغا چۆككەن پەزىلەتخان ئاخىر:  
- بۈگۈن كېچىنى ئىككى ئوغلۇمنىڭ ماتىمى بىلەن ئۆتكۈزەي، ئەتىگە مەن سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا بولاي، - دەپتۇ.
ۋەزىر نائىلاج >ماقۇل< دەپ قايتىپ چىقىپ ئۇخلاپتۇ. پەزىلەتخان ئىككى ئوغلىنى چېدىرنىڭ ئىچىگە كۆمۈپ، ئۆزى ئەرەنچە ياسىنىۋېلىپ قېچىپتۇ. ۋەزىر ئەتىسى پەزىلەتخاننىڭ چېدىرىغا كىشى كىرگۈزسە، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولۇپتۇ. تەرەپ - تەرەپكە لەشكەرلىرىنى چاپتۇرۇپ ئىزلەپ تاپالماي، ئاخىر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپتۇ. ۋەزىر ئۆز يۇرتىغا يېتىپ بېرىپ پادىشاھقا:
- سىزنىڭ ئايالىڭىز كېچىدە ئىككى بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كەتتى، ئىزلەپ تاپالمىدۇق، - دەپتۇ.
پادىشاﻫ بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، پەزىلەتخاننىڭ دەردىدە روﻫى چۈشۈپتۇ. ﻫېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچالماپتۇ. ئاخىر سودىگەرچە ياسىنىپ، پەزىلەتخاننى ئىزلەپ يۇرتمۇ يۇرت كېزىپتۇ
ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاندىن ئاڭلايلى، مەلىكە شۇ قاراڭغۇ كېچىدە قېچىپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. تاغنىڭ ئەتراپىغا قارىسا بىر قويچى قوي بېقىپ يۈرۈپتۇ. تاغنىڭ تۈۋىدە بولسا بىر چوڭ كۆل تۇرغۇدەك. پەزىلەتخان بۇنى كۆرۈپ >دادامنىڭ دوستىدىنمۇ، پادىشاﻫنىڭ ۋەزىرىدىنمۇ ماڭا ۋاپا كەلمىدى، ئەمدى قويچىدىن ئەسلا ۋاپا كەلمەيدۇ< دەپ ﻫاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنى ﻫېلىقى كۆلگە تاشلاپتۇ، كۆل چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن چۆكمەپتۇ. ﻫېلىقى قويچى قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە ﻫەيدەپ ئەكەلگەنىكەن. قويلار بىر نەرسىدىن ئۆركۈپ كۆلگە يېقىن كەلمەي تۇرۇۋاپتۇ. قانچە ﻫەيدىسىمۇ سۇ تەرەپكە يېقىن كەلمەپتۇ، ئاخىر قويچى كۆلنىڭ يېنىغا كېلىپ قارىسا كۆلنىڭ ئىچىدە بىر ئادم تۇرۇدەك، قويچى كۆيۈمچانلىق بىلەن:  
- ﻫەي ئادەم، سۇدىن چىقىڭ، قويلار ئۈچ كۈندىن بېرى سۇ ئىچمىگەن. ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز، مېنىڭ جان دوستۇم بولىسىز، ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز مېنىڭ قىيامەتلىك سڭىلىم بولىسىز، ئۇنداق قىلماي سۇدىن چىقىڭ، - دەپتۇ. پەزىلەتخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇدىن چىقىپتۇ. قويچى ئۆز ۋەدىسى بويىچە >سىز مېنىڭ ﻫەقىقىي قىيامەتلىك سڭلىم بولىسىز< دەپتۇ. قويلار قانغۇچە سۇ ئىچىپتۇ. پەزىلەتخان ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى قويچىغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.   ?-
شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككىسى ئاكا - سىڭىل بولۇپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. بۇ قويچىنىڭ بېقىۋاتقان قويلىرى پەزىلەتخاننىڭ دادىسىنىڭ قويلىرىكەن.
ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاننىڭ دادىسىدىن ئاڭلايلى:
- قاسىماخۇن بىر يىلدىن كېيىن ﻫەج سەپىرىدىن قايتىپ كەپتۇ، لېكىن قىزىنىڭ قايغۇسى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ﻫەرە چىققاندەك ئازابلىغاچقا، كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇماپتۇ، كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. بېرىپ - بېرىپ ئەس ﻫوشىنىمۇ يوقىتىپ قويۇپتۇ. شۇڭا ئۇ قاسساپلىققا ئوغلى ئابدۇللانى قويۇپ، ئۆزى چوڭ بىر كارۋان ساراينى بىنا قىلىپ، ئۇياق - بۇياقتىن كەلگەنلەر بىلەن مۇڭدىشىپ، قىزىنىڭ قايغۇسىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ.
بىر كۈنى بۇ سارايغا چوڭ بىر كارۋان كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ كارۋان سودىگەرچە ياسىنىپ پەزىلەتخاننى ئىزلەپ يۈرگەن پادىشاﻫ ۋە ئۇنىڭ ﻫەمراﻫلىرىكەن. قاسىماخۇن كەچتە ئادىتى بويىچە كارۋان بېشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ﻫال - ئەﻫۋال سوراپتۇ. بۇ ئىككى دەردمەن دەرﻫال بىر - بىرىگە يېقىپتۇ. قاسىماخۇن دەررۇ تۇتۇش قىلىپ كارۋان بېشىغا كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. ئۇلار داستىخان ئۈستىدە بىر پەس مۇڭداشقاندىن كېيىن كاران بېشى:  
- شەﻫەرلىرىدە كۆكسىدە ئوتى، يۈرىكىدە مۇڭى بار كىشى بولسا چاقىرسىلا، ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر ئاز گەپ ئاڭلساق، - دەپتۇ.
قاسىماخۇن تەرەپ - تەرەپكە ئادەم چىقىرىپ، گەپچى، ﻫېكايىچى دېگەنلەرنى يىغىپ كەپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭمۇ گەپلىرى كارۋان بېشىنىڭ كۆڭلىنى ئاچالماپتۇ. مۇشۇ زىياپەت ئۈچۈن قوي ئەكىرگەن قويچى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ:
- مەن بىر ﻫېكايە ئېيتىپ باقسام، ئەگەر ﻫېكايەم ياراپ قېلىپ كارۋان بېشىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ.  
قاسىماخۇن ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىلىپتۇ.
- ئاڭلىغاننى ئېيتايمۇ، كۆرگەننىمۇ؟ - دەپتۇ قويچى.i
- كۆرگىنىڭنى ئېيت، - دەپتۇ كارۋان بېشى.  
قويچى بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ئۆز شەﻫىرىدىن قېچىپ چىققان يېرىگە كەلگەندە يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئەسلىدە بۇ قويچى قويچىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان پەزىلەتخانىكەن. شۇنىڭ بىلەن قاسىماخۇن بۇ قويچىنىڭ ئۆزى قىزى پەزىلەتخان ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. سۆزنىڭ ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كارۋان بېشى ئالدىراپ:
- ﻫاجىم، سەۋر قىلسىلا، بۇ ئايالنىڭ گېپى تېخى تۈگىمىدى، قېنى ئاخىرىنى ئاڭلايلى، - دەپتۇ
پەزىلەتخان سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ ئىككى ئوغلىنى ۋەزىرنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتكەن يېرىگە كەلگەندە، كارۋان بېشى - پادىشاﻫمۇ يىغلاپ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپتۇ. پادىشاﻫ بىلەن پەزىلەتخان تېپىشىپتۇ. ئەتىسى يۇرت - جامائەت بۇ ئاجايىپ ئەﻫۋالنى ئاڭلاپ، قازىنى تاش بوران قىپتۇ.
بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاﻫ سۆيۈملۈك ئايالى پەزىلەتخاننى، ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ ئۆز شەﻫىرىگە قايتىپ كەپتۇ ﻫەم ۋەزىرنى دارغا ئېسىشقا پەرمان قىلىپتۇ.شۇنداق قىلىپ، بۇلار قايتىدىن  تئنئچ ياشاپ ظالەمدئن ظأتإپتذ.
         كۆرۈلۈشى:1834     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/2/15 13:32:14يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:تەدبىرلىك پادىشاھ(چۆچەك)
كېيىنكى ماقالە:ياخشى چۈش كۆرۈڭ( ھېكايە)
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号