Article Center - ماقالە مەركىزى - تەدبىرلىك پادىشاھ(چۆچەك)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تەدبىرلىك پادىشاھ(چۆچەك)

بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ قول ئاستىدىكى يۇرتىنى ئادىللىق بىلەن سورىغانىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇقرالىرى ناھايىتى بەختلىك ھەم خۇشال - خۇرام كۈن كەچۈرىدىكەن. پادىشاھتىن ھەممە رازى ئىكەن. شۇڭا خەلق پادىشاھقا ئادىل پادىشاھ دەپ نام بەرگەنىكەن. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادىللىقىغا ھەۋىسى كېلىپ: مەن شۇنداق بىر ئادىل پادىشاھ ئىكەنمەن، زادى مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان دەپ شىكايەت قىلىدىغانلارمۇ بارمىدۇ؟ - دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى پۇقراچە ياسىنىپ، ئاخشىمى شەھەرگە كىرىپ، ئادەملەر كۆپرەك توپلاشقان يەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا باشلاپتۇ. ئەمما پادىشاھنى يامان دەيدىغان بىرەر گەپ - سۆز ئاڭلىيالماپتۇ. بۇنىڭغا قانائەتلەنمىگەن پادىشاھ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ تىڭشاپ بېقىپتۇ. ئۇ جايلاردىمۇ پادىشاھ ھېچبىر يامان گەپ - سۆز ئاڭلىماپتۇ، ئاخىرى يالغۇز تۇرغان بىر ئۆينىڭ ئىشىك تۈۋىگە بارسا، دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قېرى موماينىڭ: مەنزىنىڭ جېنى چىقسا، پادىشاھ يوقالسا، ۋەزىرنىڭ ئېتى پۇتلىشىپ پۇتى سۇنسا دەپ خۇداغا نالە قىلىپ، يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئوردىسىغا قاراپ كېتىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەر بىلەن پادىشاھ ھېلىقى موماينى ئوردىسىغا چاقىرتىپ كەپتۇ ۋە ئاخشامىقى ئۈچ تۈرلۈك گېپىنىڭ مەزمۇنىنى سوراپتۇ. موماي پادىشاھتىن قورققان ھالدا، پادىشاھنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ: - شاھلارنىڭ شاھى، ئۇلۇغ شاھىم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، دەپ يالۋۇرۇپتۇ. پادىشاھ: - تۇر ئورنىڭدىن، يىغلىما. بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم. قانداق گەپ - سۆز بولسا ئېيتىۋەرگىن، - دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. موماي كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: - ئۇلۇغ پادىشاھىم، مەن يالغۇز بىر موماي. مېنىڭ ئېرىم يوق ياكى بىرەر بالا - چاقام يوق. ئىلگىرى باينىڭ ئۆيىدىن پاختا ئەكىلىپ ئېگىرىپ، شۇنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئازىراقلا ئىش ھەققى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدىم، ئەمما ئۆتكەن جۈمە كۈنى كۈن چىقىش تەرەپتىن قارا ئاتقا مىنگەن بىر ۋەزىر ئېتىنى يۈگۈرتۈپ كېلىپ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئېگىرگەن بارلىق يىپىمنى ئېلىۋېلىپ، مېنى تېپىپ يېقىتىۋېتىپ، كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئېتىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كېتىپ قالدى. ھەر قانچە يالۋۇرساممۇ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى دېدى. باي يىپنى دەپ كەلگەنىكەن، ئۇنىڭغا يۇقىرىقى بولغان ۋەقەنى ئېيتسام ئىشەنمەستىن ئۇرۇپ، ئۆيلىرىمدىكى بىر مۇنچە نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كەتتى. بۇ ھەپتە يىپ ئېگىرىش ئۈچۈن باشقا بىر باينىڭ ئۆيىدىن پاختا ئەكەلسەم، تۈنۈگۈن، دەل مەزىن جۈمەگە ئەزەن ئوقۇغان مەزگىلدە، يەنە قارا ئاتقا مىنگەن بىر ۋەزىر كېلىپ يىپنى ئېلىپ كەتتى. ئەمدى بۇ بايغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي يىغلاپ ئولتۇرغانىدىم، بۇ قارا ئاتلىق ۋەزىر باشقا كۈندە كەلمەيدۇ، پەقەت جۈمە كۈنى مەزىن جۈمەگە ئەزەن ئوقۇشى بىلەنلا يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن: مەزىننىڭ جېنى چىقسا، مېنىڭ يىپنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق قىلغان پادىشاھ يوقالسا، ۋەزىرنىڭ ئېتى پۇتلىشىپ پۇتى سۇنسا، مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمەس ئىدى. يىپىمنى ئېلىپ كەتمىسە، مەنمۇ بۇنداق ۋەيران بولماس ئىدىم دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندىم، - دەپ موماي سۆزىنى تۈگىتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتەلمەي، كېلەركى جۈمە كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئۆز ۋەزىرىگە بۇيرۇپتۇ.  كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ. ئەتىگەندە ۋەزىر ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈگۈرۈك ئېتىنى مىنىپ، موماينىڭ ئۆيىنىڭ قېشىدىكى بىر كونا ئۆيگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپتۇ. دېگەندەك، دەل مەزىن جۈمەگە ئەزەن ئوقۇغان مەزگىلدە، كۈن چىقىش تەرەپتىن قارا ئاتقا مىنگەن بىرسى كەپتۇ - دە، موماينىڭ ئۆيىگە كېلىپ توختاپ، موماينى تېپىپ يىقىتىۋېتىپ، ئېگىرگەن يىپلىرىنى ئېلىۋاپتۇ. موماي ھەر قانچە يالۋۇرسىمۇ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى  دەپتۇ - دە، باشقا گەپ سۆز قىلماستىن ئېتىغا مىنىپ، كەلگەن تەرەپكە قاراپ قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەزىر ئېتىغا مىنىپ كەينىدىن قوغلاشقا باشلاپتۇ، لېكىن ئېتىنى ھەر قانچە چاپتۇرسىمۇ ئۇنىڭغا يېتەلمەپتۇ. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بىر چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىككىنە بىر كۆلگە كىرىپلا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەزىر ھەيران بولۇپتۇ ۋە ھېچ ئويلاپ تۇرماستىن ئۆزىنى ھېلىقى كۆلگە ئېتىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن كۆزىنى ئاچسا، ئۆزىنى ئاجايىپ بىر چوڭ شەھەردە كۆرۈپتۇ. بۇ شەھەر چىرايلىق شەھەركەنكى، ۋەزىر ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق شەھەرنى كۆرمىگەنىكەن. شەھەر ئىچى پۈتۈنلەي قىزلار بىلەن تولغان بولۇپ، ھېچبىر ئەر كىشى كۆرۈنمىگىدەك، شەھەر كوچىلىرى شۇنداق چىرايلىق بېزەلگەنكى، ئەتراپلىرى تۈرلۈك گۈللەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى مەر - مەردىن ياسالغان، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن. بۇ ئىمارەتلەر خۇددى كۈن نۇرىدەك نۇر  چېچىپ تۇرىدىكەن. بۇ جاي سۇ ئاستى پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ قىزلىرى ۋەزىرنى كۆرۈشى بىلەنلا ھەيران قېلىپ، دەرھال پادىشانىڭ ئوردىسىغا باشلاپ بېرىپتۇ. بۇ جاينىڭ پادىشاھىمۇ قىز بولۇپ، بۇنى قىز پادىشاھ دەپ ئاتىشىدىكەن. قىز پادىشاھ ۋەزىرنى ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ مېھمان قىلىپتۇ. ۋەزىر قىز پادىشاھقا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەم بۇ يەرگە نېمە سەۋەب بىلەن كېلىپ قالغانلىقىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە قارا ئاتلىق ۋەزىرنىڭ سىرنى ئېيتىپ بېرىشنى سوراپتۇ. ئەمما قىز پادىشاھ بۇ توغرىلىق كېيىن بىلىپ قالارسىز دەپتۇ - دە، باشقا گەپ - سۆز قىلماپتۇ. بىر قانچە كۈنلەر مېھمان بولغاندىن كېيىن، ۋەزىر ئۆزىنىڭ شەھىرىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، قىز پادىشاھ: سىز بۇ جايغا كەلدىڭىز، بىر قانچە كۈن مېھمان بولدىڭىز، ئەمدى بۇ قىزلارنىڭ بىرىنى تاللاڭ. شۇ قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بىرگە كېتىڭ، - دەپتۇ. ۋەزىر بۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ ماقۇل كەپتۇ. ۋەزىرنىڭ كۆزىگە بۇ قىزلارنىڭ بىردىن - بىرى چىرايلىق كۆرۈنۈپتۇ. زادى قايسى قىزىنى تاللىشىنى بىلمەي بېشى قېتىپتۇ. ئاخىرى ۋەزىر پادىشاھ قىزنىڭ ئۆزىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز پادىشاھ: - سىز مېنى خالىغان بولسىڭىز، مېنىڭ بىر شەرتىم بار، شۇنى ئورۇنلىسىڭىز مەن ئۆمۈرلۈك سىزنىڭ بولىمەن. ئەمما شەرتىمنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى نەدىن كەلگەن بولسىڭىز شۇ يەردە كۆرىسىز - دەپتۇ. ۋەزىر: - قانداق شەرت بولسا ئېيتىڭ، قەتئىي ئورۇندايمەن، - دەپ ۋەدە بېرىپتۇ. مېنىڭ شەرتىم، - دەپتۇ قىز پادىشاھ، - مەن توي بولغان كېچىسى ناھايىتى قاتتىق ئۇخلايمەن. شۇ بىر كېچىدە مېنى ئۈچ قېتىم ئويغىتالىسىڭىز شەرتىمنى ئورۇندىغان بولىسىز. بولمىسا شەرتىمنى ئورۇندىيالمىغان بولىسىز. بۇنى ئاڭلىغان ۋەزىر بۇ ھېچقانچە ئېغىر شەرت ئەمەسكەن، ئۇخلىغان كىشىنى ئۇيغاتماقمۇ تەسمۇ؟ بىر كېچىدە ئۈچ قېتىم ئەمەس، بىر قانچە قېتىممۇ ئويغاتمايمەنمۇ - دەپ ئويلاپتۇ. توي ئاياغلاشقاندىن كېيىن قىز پادىشاھ بىلەن ۋەزىر ئىككى ئايرىم ياسالغان بىر ئۆيدە قاپتۇ. قىز پادىشاھ بېشىنى ياستۇققا قويۇشى بىلەنلا قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ۋەزىر قىز پادىشاھنى ئويغىتىش ئۈچۈن چاقىرىپ بېقىپتۇ، قىچىقلاپتۇ، چىمداپتۇ. قىز پادىشاھ ئۇيغانماپتۇ. تۈن تەڭ بولۇپتۇ،  ئۈچ قېتىم تۇرماق بىر قېتىممۇ ئويغىتالماپتۇ، ئاخىرى ۋەزىر ھېچ ئىلاج قىلالماي داپ - دۇمباق، كانايلارنى ئېلىپ كىرىپ ئۆي ئىچىدە قالايمىقان چېلىشقا باشلاپتۇ. ئۆينىڭ ئىچى ھەر تۈرلۈك ئاۋازلارغا تولۇپ، قۇلاقنى يارغۇدەك تاۋۇشلار ئاڭلىنىپتۇ. ئەمما قىز پادىشاھ مىدىر قىلماپتۇ. ۋەزىر قىز پادىشاھنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ ۋارقىراپمۇ بېقىپتۇ. ئاخىرى پۇت - قوللىرىغا يىڭنە سانجىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلاپتۇ. ۋەزىر كېچىچە ھېرىپ كەتكەنلىكتىن ھەم ھېچ ئىلاج قىلىپ قىز پادىشاھنى ئۇيغىتالمىغانلىقتىن خاپا بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ۋەزىر ئورنىدىن تۇرسا، ئۆز ئۆيىدە - خوتۇنىنىڭ قېشىدا تۇرغۇدەك، دەرھال ئادىل پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئادىل پادىشاھ ھەيران بولۇپ، كېلەركى جۈمە كۈنى ئۆزى بېرىپ بارلىق ئىشنى بىلىپ كېلىشكە قارار قىپتۇ. كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ، پادىشاھنىڭ تاڭ سەھەر بىلەن كيىملىرىنى كىيىپ، ئېتىنى مىنىپ، قېرى موماينىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ... ئۇمۇ ھېلىقى قارا ئاتلىق ۋەزىرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۆزىنى كۆلگە تاشلاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن كۆزىنى ئاچسا، ۋەزىر ئېيتقانغا ئوخشاشلا بىر چوڭ شەھەردە ئۆزىنى كۆرۈپتۇ. بۇ سۇ ئاستى خانلىقىدىكى قىزلار ئۇنى دەرھال قىز پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا باشلاپ بېرىپتۇ. قىز پادىشاھ ئادىل پادىشاھنى كۆرۈپ، ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن قارشى ئاپتۇ ۋە ئۇنى ۋەزىرنى مېھمان قىلغاندىنمۇ ئارتۇق مېھمان قىلىپتۇ. ئادىل پادىشاھ قىز پادىشاھتىن قارا ئاتلىق ۋەزىرنىڭ سىرىنى سورىغانىكەن، بۇنىڭغىمۇ، كېيىن بىلىپ قالارسىز دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئادىل پادىشاھ قايتار ۋاقتىدا قىز پادىشاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. قىز پادىشاھ ماقۇل بولۇپ ئادىل پادىشاھقىمۇ ۋەزىرگە قويغان شەرتنى قويۇپتۇ. ئادىل پادىشاھ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توي باشلىنىپ كېتىپتۇ. توي بولۇۋاتقان مەزگىلدە بىر كېنىزەك ئادىل پادىشاھقا يوشۇرۇنچە بىر پارچە خەت بېرىپتۇ. ئادىل پادىشاھ بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرسە: سىز قىز پادىشاھنى ئويغىتىش ئۈچۈن ۋەزىرگە ئوخشاش قالايمىقان ئىشلارنى قىلماستىن، قىز پادىشاھ ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدە ئۈچ قېتىم ھېكايە ئېيتىپ، ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز سۇئال قويۇپ، قەستەنگە خاتا جاۋاب بەرسىڭىز، بۇنى ئاڭلاپ ياتقان قىز پادىشاھ جاۋابىڭىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئويغىنىدۇ- دپ يېزىلغانىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېىتىپتۇ. توي ئاخىرلىشىپ، مەخسۇس ياسالغان ئۆيدە ئادىل پادىشاھ بىلەن قىز پادىشاھ قاپتۇ. قىز پادىشاھ ياستۇققا بېشىنى قويۇشى بىلەنلا، كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. ئادىل پادىشاھ ھېلىقى كېنىزەكنىڭ خېتىگە بىنائەن ھېكايە ئېيتىپتۇ. ئۇ بىرىنچى ھېكايىسىنى مۇنداق باشلاپتۇ: بۇرۇنقى زاماندا بىر يۇرتتا بىر ياغاچچى، بىر كىيىم تىككۈچى ھەم بىر ئاخۇن بولغانىكەن. بۇ ئۈچ كىشى بىر كۈنى باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ ئوقەت قىلىپ كېلىشنى مەسلىھەتلىشىپ چىقىپتۇ. بۇلار يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى بىر چۆلگە يېتىپ كېلىشىپتۇ، شۇ جايدا كېچە قونۇپ ئەتىسى ماڭماقچى بولۇشۇپتۇ، ئەمما بۇ جايدا ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كېچىنى ئۈچى نۆۋەت بىلەن كۈزەت قىلىپ ئۆتكەزمەكچى بولۇشۇپتۇ. بولۇنغان مەسلىھەتكە مۇۋاپىق بىرىچنى قېتىم ياغاچچى كۈزەتكە چىقىپتۇ، ياغاچچى كۈزەتتە بىر ئاز ۋاقىت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەسنەشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، بىكار ياغاچلارنى يۇنۇپ، ئۇنىڭدىن تازا كېلىشكەن بىرقىزنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەمدى ئىككىنچى نۆۋەت كىيىم تىكىدىغان ماشىنچىغا كەپتۇ. ماشىنچى ياغاچچىنىڭ قىلغان ئاجايىپ ئىشىغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئۇستىلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ، بىر قۇر كىيىم تىكىپ، ياغاچ قىزغا كىيگۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى كۈزەتكە ئاخۇنۇم چىقىپ قارىسا، بىر چىرايلىق قىز تۇرغان. بۇنى كۆرگەن ئاخۇنۇم بىر تۇرۇپ خۇشال بولۇپتۇ، بىر تۇرۇپ قورقۇپتۇ قىزغا گەپ قىلسىمۇ، ۋارقىرىسىمۇ جىم تۇرغىدەك. تاش ئېتىپمۇ جاۋاپ ئالالماي، ئاخىرى قىزنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. قارىسا، چىرايلىق بىر قىزنىڭ ھەيكىلى. ئاخۇنۇم بۇنى ئاۋۋال كۈزەتتە تۇرغان ئىككى ئۇستامنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ قاراپ تۇرغۇسى كەلمەپتۇ. تەرەپ ئېلىپ، كالا مۇللانى ئېچىپ، خۇداغا يىغلاپ مۇشۇ قىزغا جان ئاتا قىلىشنى تىلەپتۇ. ئاخۇنۇمنىڭ دۇئايى ئىجاۋەت بولۇپ، قىزغا جان كىرىپ، سۆزلەشكە باشلاپتۇ. ئاڭغىچە تاڭ يورۇپ، كۈنمۇ چىقىپتۇ. ئۇخلاۋاتقان ئىككى ئۇستام ئۇيغىنىپ، چىرايلىق بىر قىزنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەۋىسى كەپتۇ ۋە بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ يالغۇز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كەپتۇ، ئەمما بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپتۇ. ياغاچچى بىرىنچى بولۇپ سۆز باشلاپ: - بۇ قىز جەزمەن مېنىڭ بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئاۋۋال مەن ياغاچتىن قىزنىڭ ھەيكىلىنى ياسىمىغان بولسام، ھېچقايسىڭلارنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بولاتتى، - دەپتۇ. ماشىنچى:  - مەن، سەن ياسىغان ياغاچلارغا كىيىم كىيگۈزۈپ ئادەم سىياقىنى بەردىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىز مېنىڭ بولۇشى كېرەك، - دەپتۇ. ئاخىرىدا ئاخۇنۇم سۆزگە تۇرۇپتۇ: - سىلەرنىڭ قۇرۇق ياغىچىڭلار ھېچنەرسىگە كېرەككە كەلمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ جېنى يوق. مەن ئاخۇنلۇق سۈپىتىم بىلەن خۇدادىن تىلەپ ئۇنىڭغا قان كىرگۈزدۈم. شۇڭلاشقا قىزدا ھېچقايسىڭلارنىڭ ھەققى يوق. ئادىل پادىشاھ بىرىنچى ھېكايىسىنى ئەنە شۇنداق تۈگىتىپتۇ - دە، ئۆز - ئۆزىگە: ئۇنداق بولسا، بۇ قىز مۇشۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنىڭ بولۇشى كېرەك؟ - دەپ سوئال قويۇپتۇ ھەم ئۆزى: بۇ قىز ئاخۇنۇمنىڭ بولۇشى كېرەك - دەپ توختاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا  قىز پادىشاھ كۆزىنى ئېىچپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ: ياق، خاتالاشتىڭىز، قىز ياغاچچىنىڭ بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دەسلەپ قىلىپ ياسىمىغان بولسا، بۇنىڭغا ھېچقايسىسىنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى، - دەپ تۈزىتىش بېرىپ، يەنە ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. ئادىل پادىشاھ قىزنى بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇتالىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئوبدان بىر يۆتۈلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ، ئىككىنچى ھېكايىسنى مۇنداق باشلاپتۇ: - بۇرۇنقى زاماندا بىر باي كىشى ئۆتكەنىكەن، كۈنلەردىن بىر كۈنى باي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي خوتۇنىمۇ ئۆلۈپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى يېتىم قاپتۇ. بۇ بالىلار ئانا - ئانىسىنىڭ دەردىدە يىغلاپ بىزدەك يېتىم بالىلارغا بۇنداق ئاتا - ئانىمىز يوق شەھەردە ياشاش لايىق ئەمەس. ئۇنىڭدىن كۆرە باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ياشىغىنىمىز ئەۋزەلرەك دېگەن خىيال بىلەن مال - دۇنيالىرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار كۈنلەپ، ئايلاپ مېڭىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى ئاچا يولغا يېتىپ كېلىپ، ئىككىسى ئىككى تەرەپكە يول ساپتۇ. ئارىدا بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. ئاكىسى چوڭ بىر شەھەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي مال - دۇنيالىرى تۈگەپ، قەلەندەرلىك قىلىپ، كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئېغىرچىلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ يېرىم ئاچ، يېرىم توق ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن: نېمە بولسىمۇ بولسۇن، ئۇكامنى ئىزلەپ تېپىشىم كېرەك دېگەن خىيال بىلەن بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئاۋۋالقى ئاچا يولغا كېلىپ، ئۇكىسى كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. بىر قانچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن بىر چوڭ شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەردىمۇ قەلەندەرچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇكىسى بولسا ئاكىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن چوڭ بىر شەھەرگە كېلىپ سودىگەرچىلىك قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ، مال - دۇنياسى ئاۋۋالقىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، بالا - چاقىلىقمۇ بوپتۇ. ئۇكىسى بىر كۈنى شەھەردە تاماشا قىلىپ يۈرۈپ، ئاكىسىنىڭ جۇل - جۇل ئەسكى كىيىملەر بىلەن نان تىلەپ، قەلەندەرلىك قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئاكىسىنى دەرھال چاقىرىپ تونۇشلۇق بېرىپتۇ. ئىككىسى يىغلاپ، قۇچاقلىشىپ، كۆرۈشۈپتۇ. ئۇكىسى ئاكىسىغا: مېنىڭ ئۆيۈم شەھەر تېشىدىكى ئۆستەڭنىڭ بويىدا، سىز ھازىر تارتىنماي دەرھال مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىڭ. ئۆيدە خوتۇن - بالىلىرىم بار. ئۇلار سىزنى كۆرگەندە سىز مېنىڭ ئاكام ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ، مەن ھازىر يېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. ئاكىسى بىر تۇرۇپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، بىر تۇرۇپ بىر تۇغقان ئۇكىسى بولغىنى ئۈچۈن ئۆيىگە باراي، دەپ ئويلاپ، ئۇكىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇكىسى بولسا ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيگە كېلىپ خوتۇنىدىن سورىسا، بۇ جايغا باشقا كىشىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. تاشقىرىغا چىقىپ شەھەرنى ئىزلەپ تاپالماي يەنە قايتىپ كەپتۇ - دە، خوتۇنىغا تاماق تەييارلاشنى بۇيرۇپ، بىر ئاز دەم ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇ مەزگىلدە ئاكىسى كەلگۈدك بولسا ناھايىتى چىرايلىق بىر ئىمارەت تۇرغىدەك. ئۇ مەن بۇ ئەسكى كىيىملەر بىلەن ئۆيگە كىرسەم، ئۇكام بولسىغۇ بولدى، ئەگەر بولمىسا، باشقا كىشىلەر مېنى سەن نېمە قىلىدىغان ئادەم، ئوغرىمۇ؟ دەپ ھويلىدىن قوغلاپ چىقارسا نېمە قىلارمەن؟ ئۇنداق ئىزا راتىپ يۈرگەندىن ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ دەپ ھويلىنىڭ تېشىدا ئۆزىنى ئۆزى پىچاق بىلەن بوغۇزلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۇكىسى، ئاكام كەلگەن بولسا كىرەلمەي يۈرمىسۇن دەپ، تاشقىرىغا چىقىپ قارىسا، دەرۋازا ئالدىدا ئاكىسىنىڭ بېشى كېسىك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، يىغلاشقا باشلاپتۇ ھەم ئۆز - ئۆزىنى ئېيىپلاپ: مەن نېمە ئۈچۈن ئاكامنى شەھەردە كۆرگەن چېغىمدىلا ئۆيگە باشلاپ ئەكەلمىدىم ياكى دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرمىدىم. ئاكام ئۆيۈمگە كىرىشكە خىجالەت بولۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاكامسىز بۇ دۇنيادا مېنىڭمۇ ياشىشىم لازىم ئەمەس - دەپ ئۆزىنىڭ بوينىنى ئۆزى قىلىچ بىلەن كېسىۋېتىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۇكىسىنىڭ خوتۇنى ئىرىنى ئىزلەپ تاشقىرىغا چىقسا، دەرۋازا ئالدىدا ئىككى كىشىنىڭ بېشى كېسىلگەن ھالدا ياتقۇدەك، ئايال ئېرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاشقا باشلاپتۇ ھەم كېسىلگەن بۇ باشلارنى تەنگە چاپلاپ قويۇپ، خۇداغا نالە قىلىپ قاتتىق يىغلاپتۇ. ئايالنىڭ دۇئايى ئىجاۋەت بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى بىر تۇغقانغا جان كىرىپ مىدىرلاشقا باشلاپ، ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، ئەمما ئايال باشنى چاپلىغان ۋاقتىدا دىققەتسىزلىك بىلەن ئاكىسىنىڭ بېشىنى ئۇكىسىنىڭ تېنىگە، ئۇكىسىنىڭ بېشىنى ئاكىسىنىڭ تېنىگە چاپلاپ قويغانىكەن. بۇ ئايالنىڭ ئېرى زادى قايسىسى بولۇشى كېرەك؟ - دەپ ئادىل پادىشاھ ئۆز - ئۆزىگە سۇئال قويۇپتۇ - دە: بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۇكىسىنىڭ بېشى چاپلانغان تېنى بولۇشى كېرەك. دەپ جاۋاب بېرىپ، ھېكايىىسنى تۈگتىپتۇ. شۇ ۋاقتىدا قىز پادىشاھ كۆزىنى ئېچىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ: - ياق، خاتالاشتىڭىز، ئۇنداق قىلسا، ئۇ ئىككىسى بىر تۇغقان بولغانلىقى ئۈچۈن راۋا بولمايدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئاكىسىنىڭ بېشى چاپلانغان، ئۇكىسىنىڭ تېنى بولۇشى كېرەك، - دەپ تۈزىتىش بېرىپتۇ - دە، يەنە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. ئادىل پادىشاھ بولسا قىز پادىشاھنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىممۇ ئويغۇتالىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ - دە، ئۈچىنچى ھېكايىسىنى باشلاپتۇ: بۇرۇن بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بۇلار بىر - بىرسىگە ناھايىتى ئوخشىشىدىكەن. يېشىمۇ ئانچە پەرق قىلمايدىكەن، بىر قېتىم كۆرگەن كىشى بۇلارنى ئانچە پەرق قىلالمايدىكەن. باتۇرلۇقتا ئۇكىسى ئاكىسىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ئۇلار چوڭىيىپ بالاغەتكە يېتىپ قاپتۇ، لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى يۇرت ئىچىدىن بۇ ئىككى ئوغۇلغا لايىق تېپىلماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى يىگىت مەسلىھەتلىشىپ، باشقا يۇرتقا بېرىپ لايىق تېپىپ كەلمەكچى بولۇشۇپتۇ. ئەمما ئىككىسى بىرلا بارماستىن، ئاۋۋال ئاكىسى بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇكىسى بېرىشقا قارار قىلىپتۇ. پادىشاھ نۇرغۇن تەييارلىقلار بىلەن ئاكىسىنى يولغا ساپتۇ. ئاكىسى بىر كۈنلۈك يولغا بېرىپ كەينىگە قارىسا، ئۇكىسىنىڭ قىلىچ ئوينىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توختاپ تۇرۇپتۇ. ئۇكىسى يېتىپ كېلىپ ئاكىسىغا: ئاكا، بىر ئىش ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. سىزنىڭ قىلىچ غىلىپىڭىز مەندە قالسۇن. مېنىڭ قىلىچ غىلىپىمنى سىز ئېلىپ كېتىڭ، ئەگەردە قايسىمىز خەۋپ - خەتەرگە يولۇقساق، قىلىچ غىلىپىمىز لىق قانغا تولىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقتىدا بىر - بىرىمىزگە ياردەمگە بارايلى دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاكىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، دەرھال قىلىچ غىلىپىنى ئالماشتۇرۇپتۇ. ئۇكىسى بولسا ئاكىسىغا ئاق يول تىلەپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئاكىسى بولسا ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. تاغ - جەزىرىلەردە قانچە كۈن يول مېڭىپ، ئاخىرى بىر تاغنىڭ ئارىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ئۆڭكۈردىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ جايغا قاراپ مېڭىپتۇ، يېتىپ كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، ئۆڭكۈر ئىچىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك، يىگىت قىزدىن: - بۇ ئۆڭكۈردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز بولسا تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلاپتۇ. يىگىت قىزغا تەسەللى بېرىپ: - قانداق سۆزىڭىز بولسا ئېيتىڭ، مەن ئورۇندايمەن، - دېگەنىكەن، قىز: - مەن بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئارزۇلاپ باققان بىرلا قىزى ئىدىم، بىزنىڭ شەھەرگە ھەر يىلى بىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مۇشۇ ئۆڭكۈردىكى ئەجدىھاغا ھەر يىلى بىر قىزنى بەرمىسە پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ يىل نۆۋەت ماڭا كەلگىنى ئۈچۈن مېنى ئەجدىھا تاشلاپ بېرىشتى، ھازىر ئەجدىھا ئۈچ كۈنلۈك شىكارغا كەتكەن. كېلىدىغان ۋاقتى بولدى. شۇڭا ئۆز ئۆلۈمۈمدىن قورقۇپ يىغلاۋاتىمەن، - دەپتۇ. يىگىت: - ھېچقاچان سىزنى ئەجدىھانىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىپ كەتمەيمەن. خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ سىزنى ساق - سالامەت ئاتىڭىزنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىمەن، - دەپ قىزنى خاتىرجەملەندۈرسىمۇ، قىز ئانچە ئىشەنمەي: - رەھمەت سىزگە سىز دەرھال قايتىپ كېتىڭ، ھەر ئىككىمىز ھالاك بولمايلى، - دەپتۇ. يىگىت بولسا ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەمياد قىلىپتۇ ۋە ئەجدىھانىڭ قايسى ۋاقتىدا كېلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز: - ئەجدىھا كېلىشتىن ئىلگىرى ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، يامغۇر ياغىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق بوران چىقىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقتىدا كېلىدۇ، - دەپتۇ. يىگىت. - ئۇنداق بولسا مەن بىر ئاز دەم ئېلىۋالاي. سىز ئەجدىھا كېلىشتىن ئىلگىرى مېنى ئويغىتىپ قويۇڭ، لېكىن مەن قاتتىق ئۇخلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ قىلچنى ئوڭ پۇتۇمغا سانجىڭ. شۇ ۋاقتىدا ئويغىنىمەن، - دەپ قويۇپ ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىشقا باشلاپتۇ. قىز يىگىتنىڭ تاپىلىشى بويىچە قىلىچنى ئۇنىڭ پۇتىغا سانجىشقا ئۇنىڭ يۈرىكى چىدىماي، ۋاقىراپ ئويغاتماقچى بوپتۇ. بىراق يىگىتنى ئويغىتالماپتۇ. قاتتىق بوران چىقىشقا باشلاپتۇ. قىز ئىلاجى قىلالماي ئاخىرى يىگىتنىڭ پۇتىغا قىلىچنى سانجىپتۇ، يىگىت ئويغىنىپ: - ئەجدىھانىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئەنە كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ قىز. يىگىت ئىككى بىسلىق قىلىچنى ئەجدىھا كەلگەن تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئەجدىھا بۇ يېگىتنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، يەۋېتىش ئۈچۈن ئىچىگە شورىغانىكەن، يىگىت ئىككى بىسلىق قىلىچنى توغرا تۇتقان پېتى ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، قۇيرۇقىدىن چىقىپتۇ. ئەجدىھا ئۆلۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىز ناھايىتى خۇشال بولۇپ، يىگىتنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇلار شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. قىزنى كۆرگەن پادىشاھ بىلەن پادىشاھنىڭ خوتۇنى خوشاللىقىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئۇلار ھوشىغا كېلىپ، يىگىتنىڭ ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ، قىزىنى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولۇشۇپ، ئالدى بىلەن يىگىتنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كۆرۈشۈپتۇ. ئاندىن قىزىنى باغرىغا بېسىپتۇ. ئاۋۋال ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى كۆرگەن قىز خاپا بولۇپ، ئاتىسىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئاتىسى: قىزىم، ئەگەر مۇشۇ يىگىت بولمىسا، بىز سېنى نەدىن كۆرەلەيمىز؟ مۇشۇ يىگىت ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ، سېنى قۇتۇلدۇردى، شۇڭا يىگىت بىلەن ئاۋۋال كۆرۈشتۈم دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قىز بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەتتە كېچە - كۈندۈز چوڭ توي - مەرىكە قىلىپ، قىزىنى يىگىتكە نىكاھ قىلدۇرۇپ، يىگىتنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىۋاپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، بىر كېچىسى يىگىتنىڭ كۆزى تامدىكى بىر سۈرەتكە چۈشۈپتۇ - دە خوتۇنىدىن: - بۇ قىز كىمنىڭ قىزى؟ ئۇ قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۇ سۈرەتتىكى قىز بىزنىڭ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز مۇماينىڭ قىزى. ئۇ موما: كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن. ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن دەپ جاكارلىغان. ئەمما بۇ قىزغا قىزىققان نۇرغۇن پالۋانلار، باتۇرلار بۇ موماي بىلەن چېلىشىپ يېڭەلمىگەن. ئۇرلانى بولسا موماي ئىتقا ئايلاندۇرۇۋەتكەن، - دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان يىگىت دەرھال: ھە، بۇ قىز مېنىڭ ئۇكامنىڭ لايىقى ئىكەن. مەن موماينى يېڭىپ، قىزنى ئۇكامغا ئېلىپ بېرىمەن - دەپ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ ئەتىسى يىگىت خوتۇنىغا ھەم ئوردىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوۋغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ، يالماۋۇز موماينىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ساپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن موماينىڭ ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يالماۋۇز موماي: ھەي ئادەمىزات، بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭ ياكى جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ؟  - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئەمما يىگىت پەرۋا قىلماستىن: شەرتىڭنى ئورۇنداپ، سەن بىلەن چېلىشىپ، قىزىڭنى ئېلىش ئۈچۈن كەلدىم - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى چېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇزاققىچە بىر - بىرسىنى يېڭەلمەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا موماي بىر ھىيلە ئىشلىتىپ: ھەي ئادەمىزات، ناھايىتى ئۇسساپ كەتتۇق. بىر سۇ ئىچىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن چېلىشايلى - دەپتۇ. يىگىتمۇ ماقۇل كۆرۈپ، كۆلنىڭ بېشىغا بېرىپتۇ. موماي تۇمشۇقىنى سۇغا چۆكۈرۈپ سۇ ئىچكەن بولۇپ تۇرۇپتۇ. يىگىت بولسا سۇنى ناھايىتى كۆپ ئىچكەنلىكتىن، پۈتۈن تېنى بوشىشىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موماي چېلىشتا يىگىتنى يېڭىۋاپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئاستىن ئىت، ئۈستىنى ئادەم قىياپىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئۇكىسى قىلىچ غىلىپىغا قارىسا، غىلاپ لىق قانغا تولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇكىسى ئاكىسىنىڭ بىر پالاكەتكە يولۇققانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ياردەمگە مېڭىپتۇ. بىر قانچە كۈن يول مېڭىپ، ئاخىرى ئاكىسىنىڭ تۇرغان شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى دەپ ھېسابلاپ ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋاپتۇ. يىگىت بولسا: ئاكام مۇشۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزىنى ئالغان بولۇشى كېرەك، پادىشاھ مېنى ئاكامغا ئوخشىتىپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. مەن ئاكامنى تاپىدىغان بولدۇم - دەپ ئويلاپتۇ - دە، كېچىسى ئاكىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ، ئەمما ئاكىسىنىڭ خوتۇنىمۇ بۇ يىگىتنى تونۇماستىن ئۆزىىڭ ئېرى دەپ ئىشىنىپتۇ. بۇ يىگىتنىڭمۇ كۆزى ھېلىقى تامدىكى سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ سۈرەتنىڭ سىرنى سورىغانىكەن، قىز ئاچچىقلاپ: ئۆتكەندە ئېيتىپ بەرگەن ئىدىمغۇ دەپتۇ. يىگىت ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ دەپ يەنە بىر سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. قىز ئېرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇقى بىلەن سۆزلەپ بېرىپتۇ. يىگىت: ئۇنداق بولسا ئاكام مۇشۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىمەن دەپ، شۇ موماينىڭ ئۆيىدە پالاكەتكە يولۇققان ئوخشايدۇ - دەپ ئويلاپ ئەتىسى سەھەردە ئېتىغا مىنىپ موماينىڭ ئۆيىگە بارسا، ئاكىسى ئاجايىپ بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلىنىپتۇ ۋە موماي بىلەن چېلىشىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، يىگىت موماينى يېڭىۋاپتۇ - دە، ئاكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى سوراپتۇ، موماي دەرھال ماقۇل بولۇپ، ئاكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىپ، قىزىنى يىگىتكە بېرىپتۇ. بۇ ئاكا - ئۇكا ئىككىسى موماينىڭ قىزنى ئېلىپ ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئوردىغا بارغاندا بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىنى پادىشاھمۇ ئايرىۋالالماپتۇ. ھەتتا ئاكىسىنىڭ خوتۇنىمۇ قايسىسى ئۆزىنىڭ ئېرى، قايسىسى ئېرى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي قاپتۇ. دەپ ئادىل پادىشاھ ھېكايىسىنى تۈگىتىپتۇ - دە، بۇ خوتۇن ئۆز ئېرىنى قانداق تونۇۋېلىشى كېرەك؟ دەپ ئۆز - ئۆزىگە سوئال قويۇپتۇ ۋە ئۆزىگە ئايال ئىككى ئاكا - ئۇكىدىن، مېنىڭ ئېرىم قايسىڭلار؟ دەپ سوراپ بىلىۋالسا بولىدۇ، دەپ ھېكايىنى توختىتىپتۇ بۇ ۋاقتىدا قىز پادىشاھ كۆزىنى ئېچىپ، ئورنىدىن قوپۇپ: - خاتالاشتىڭىز، ئايال كىشىنىڭ ئۇنداق سورىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەم باشقىلار ئاڭلاپ قالسىمۇ ئۇيات. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال ئىككى يەرگە ئورۇن ھازىرلاپ، بىرگە ئۆزى ئاۋۋال بېرىپ يېتىشى كېرەك. قايسىسى بۇ ئايالنىڭ ئېرى بولسا، شۇ كىشى ئايالنىڭ قوينىغا كىرىپ ياتىدۇ دەپ تۈزىتىپتۇ ۋە قىز پادىشاھ كۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، - سىز مېنىڭ شەرتىمنى تولۇق ئورۇندىدىڭىز. مەن سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك خوتۇنىڭىز بولىمەن - دەپتۇ. بۇ ۋاقتىدا ئادىل پادىشاھ قىز پادىشاھتىن قارا ئاتلىق ۋەزىرنىڭ سىرىنى سورىغانىكەن، قىز پادىشاھ: - مەن سىزنىڭ ئادىل، ھەققانىي ئىكەنلىكىڭىزنى ئەزەلدىن بىلەتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەن ئۆز كېنىزىكىمنى ۋەزىرچە ياساندۇرۇپ، يەر ئۈستى خانلىقىغا چىقىپ، ئاشۇ موماينىڭ يىپىنى ئەكىلىشكە بۇيرۇغان. بۇ ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ سىزنىڭ ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ئەمدى ئۇ موماينىڭ يىپىنى ھېكىم ئوغرىلمايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى يەر ئۈستى خانلىقىغا چىقىپ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن ھەم يۇرتنى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھەققانىي سورىغانىكەن. قول ئاستىدىكى خەلقلەرمۇ بۇنىڭدىن رازى بولۇشقانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قېرى موماينىڭ يېپىنىمۇ ھېچكىم ئېلىپ كەتمەيدىغان بوپتۇ.
         كۆرۈلۈشى:926     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/2/15 13:31:27يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ياماقچى بىلەن پادىشاھ
كېيىنكى ماقالە:ۋىجدانلىق مەلىكە (چۆچەك)
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号