Article Center - ماقالە مەركىزى - ياغاچچى بىلەن بوياقچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ياغاچچى بىلەن بوياقچى

بار ئىكەن، يوق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ بىر ياغاچچىسى بىلەن بىر بوياقچىسى بار ئىكەن. بۇ ئىككى ئۇستا پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئوردا - سارايلىرىنى ياساپ زىننەتلەيدىكەن.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھ ئۆلۈپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بوپتۇ. ياش پادىشاھ ھېلىقى ئىككى ئۇستىنى خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسى ئەتىۋارلىغاندەك، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپتۇ. ياغاچچى ئۇستا تولىمۇ تەدبىرلىك، توغرا ئادەم ئىكەن، لېكىن بوياقچى ئىچى تار، كۆرەلمەس، قارا كۆڭۈل ئادەم ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ياغاچچى ئۇستىنى ياخشى كۆرگىنىنى كۆرەلمەيدىكەن، شۇڭا دائىم ياغاچچىنىڭ بىرەر ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرسىمۇ، لېكىن چويلىغا توختىغۇدەك بىر ئەيىب تاپالماپتۇ. ئىچى يامان بوياقچى ئۇنداق ئويلاپ، مۇنداق ئويلاپ ئاخىر ياغاچچىنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئامالىنى تېپىپتۇ - دە، بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.

- ئى پادىشاھىئالەم، - دەپ قول قوشتۇرۇپ، ئۆز مەقسىتىنى بايان قىلىشقا باشلاپتۇ بوياقچى، - جانابلىرىنىڭ ئالدىغا ناھايىتى بىر نازۇك ئىش بىلەن كەلدىم، ئېيتاي دېسەم، قاراپ تۇرۇپ ئۆز ھەمراھىم ياغاچچى ئۇستىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ قالارمەنمىكىن دەپ قورقتۇم، ئېيتاي دېسەم، جانابلىرىنىڭ بەرگەن تۇزىنى ئاياغ ئاستى قىلغاندەك بولۇپ قالىمەنمىكىن دەپ قورقتۇم.ئاخىر ئويلاپ، جانابلىرىغا بولغان ساداقىتىمنى يوقىتىپ قويۇشنى ئۆزۈمگە ئىككىلا ئالەمدە گۇناھ دەپ بىلىپ، بۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھۇزۇرلىرىغا كەلدىم، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ پۈتۈن دىققىتىمنى بوياقچىغا قارىتىپ:

- قېنى، ماڭا بولغان ساداقىتىڭنى بايان قىلغايسەن، - دەپ جاۋاب كۈتۈپتۇ.

- تەقسىر، پېقىرلىرى ئاخشام - ئۇلۇغ ئازنا ئاخشىمى ئاجايىپ بىر سىرلىق چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە جەننەتنىڭ ئىچىدە يۈرگۈدەكمەن. جەننەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل باغلىرىنى ئارىلاپ، ھۆر - غىلمانلار بىلەن سەيلە - تاماشا قىلىپ بىر پېشايۋاننىڭ قېشىغا بارسام، كۆزۈمگە تونۇش بىر زات كۆرۈندى. تەنلىرىم يايرىغاندەك بولدى. بايقىغۇدەك بولسام ئۇ جانابلىرىنىڭ ئاتىسى مەرھۇم شاھىمىز ئىكەن. ئۇ زات مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يېنىغا چاقىردى، قېشىغا باردىم. ئاتىلىرىنىڭ يۈز - كۆزى نۇرغا تولغان، ئەتراپىدا ھۆر - غىلمانلار بىلەن سەيلە - تاماشا قىلىپ بىر پېشايۋاننىڭ قېشىغا بارسام، كۆزۈمگە تونۇش بىر زات كۆرۈندى. تەنلىرىم يايرىغاندەك بولدى. بايقىغۇدەك بولسام، ئۇ جانابلىرىنىڭ ئاتىسى مەرھۇم شاھىمىز ئىكەن. ئۇ زات مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يېنىغا چاقىردى، قېشىغا باردىم. ئاتىلىرىنىڭ يۈز - كۆزى نۇرغا تولغان، ئەتراپىدا ھۆر - پەرىلەر جەۋلان قىلىپ تۇرۇپتۇ، لېكىن پادىشاھىمنىڭ ئۇلار بىلەن زادى كارى يوق. مەن پادىشاھىمنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر خاپا بولۇپ تۇرغىنىنى بايقىدىم. شاھىمدىن ئەھۋال سورىدىم. شاھىم مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي، جانابلىرىنى سورىدى. مەن: «ئوغۇللىرى كاتتا سەلتەنەت بىلەن پادىشاھلىقىنى قىلىۋاتىدۇ» دېدىم. لېكىن، شاھىم بۇ جاۋابقىمۇ قىزىقمىدى. مەن ھەيران بولدۇم. ئاخىر شاھىم: «مەن جەننەتتە خۇدانىڭ ئۇلۇغ رەھمىتىگە ئىگە بولدۇم. كۆرۈپ تۇرۇپسەن، جەننەتنىڭ ئىچى پاراغەت بىلەن تولغان، بىراق بۇ يەرلەردىكى ئىمارەتلەر ئۇ ئالەمدە ياساتقان ئىمارەتلىرىمگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ، مېنى ئانچە قىزىقتۇرالمىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئىمارەتلىرىمگە ئوخشاش ئىمارەتلەردە تۇرۇشنى خالايتتىم، لېكىن جەننەتتە ئۇنداق ئۆيلەرنى ياسايدىغان مېنىڭ ياغاچچى ئۇستام يوق. ئەمدى سەن ئۇ دۇنياغا قايتساڭ، ئوغلۇمغا ئېيتىپ قويغىن، ئىلاج قىلىپ شۇ ياغاچچى ئۇستىنى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتسۇن» دېدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئاتىلىرى كۆزۈمدىن غايىب بولدى. مەن ھاياجان ئىچىدە ئويغىنىپ كەتتىم. ئويغانسام، مەزىن بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇۋېتىپتۇ. دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالدىم - دە، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، مەرھۇم شاھىم ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. مانا، بولغان ئەھۋال شۇ. بۇنى جانابلىرىغا يەتكۈزمەسلىكنى ئۆزۈمگە مۇناسىپ كۆرمىدىم، - دەپ بوياقچى كۆز يېشى قىپتۇ.

بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپتۇ ۋە ئاخىردا ئاتىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، قانداق قىلىش لازىملىقىنى ئويلاپتۇ، دەررۇ ئۆلىمالارنى چاقىرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئۆلىمالار كىتاب ئېچىپ، ئاخىر:

- بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە جاكار قىلىپ، بىر ھەپتىگىچە ئوتۇن يىغدۇرۇش لازىم. ئەنە شۇ ئوتۇننىڭ ئېگىزلىكىگە كۆز يەتمەيدىغان بولغاندا ئۇنىڭغا ئوت يېقىش كېرەك. ياغاچچى ئۇستىنى بولسا، شۇ ئوتۇننىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ كۆيدۈرسەك، شەرت ئادا بولىدۇ. ئوت كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرىشتىلەر ياغاچچىنى كۆتۈرۈپ ئۇ دۇنياغا ئاپىرىپ قويىدۇ، - دە مەسلىھەت بېرىپتۇ.

ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە پادىشاھ ياغاچچىغا بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىپ، ئاھالىگە جاكارلاپ ئوتۇن يىغدۇرۇپتۇ. بۇنى ئۇققان ياغاچچى دەررۇ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى كۆرۈپتۇ: ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدىن تاكى ئوتۇن دۆۋىلەنگەن يەرگە قەدەر لەخمە كولاپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن پادىشاھنىڭ جاللاتلىرى كېلىپ ياغاچچىنى ئوتۇن دۆۋىلەنگەن يەرگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۆلىمالارنىڭ دۇئاسىدىن كېيىن، ئۇنى ئوتۇننىڭ تېگىگە باستۇرۇپتۇ. ياغاچچى ئوتۇننىڭ ئاستىغا كىرىپ، مىڭ تەسلىكتە ھېلىقى تۆشۈكنى تېپىپ، لەخمە بىلەن ساق سالامەت ئىگە كېلىۋاپتۇ. ئوتۇن بىر قانچە كۈن كۆيۈپ ئۆچۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ياش پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپتۇ.

ياغاچچى ئىككى ئايغىچە ۋاقىتنى ھېچكىمگە كۆرۈنمەي ئۆيىدە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇ ئويلا - ئويلا، مەن بۇ بوياقچىغا ھېچبىر يامانلىق قىلمىسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا قەست قىلىدۇ؟ زادى ئۇنىڭ كۆڭلى قارا ئادەم ئىكەن. ئەمدى ماڭا كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشسۇن، دەپ بىر ئامال ئويلاپتۇ - دە، بىر كۈنى سەھەر تۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. ئۇ دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىپ، پادىشاھ ياتىدىغان ئۆينىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ. ئۆگزىنىڭ قاتتىق غاراسلاپ كەتكىنىدىن پادىشاھ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ، دەررۇ پاسىبانلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ.

پاسىبانلار ئۆگزىگە چىقىپ قارىسا، ھېلىقى ياغاچچى تۇرغۇدەك، ئۇلار ھەيران بولۇشۇپتۇ. ياغاچچى ئۇلارغا:

- قورقماڭلار، مەن ئەرشتىن چۈشتۈم. مەرھۇم پادىشاھىمغا جەننەتكە ئىمارەت ياساپ بەردىم. خۇدايىتائالا مېنىڭ ئەجىلىم تېخى پۈتمىگىنى ئۈچۈن يەنە بۇ دۇنياغا قايتۇرۇۋەتتى، - دەپتۇ.

- بۇنىڭ ئاڭلىغان پاسىبانلار ياغاچچىنى ئۆگزىدىن چۈشۈرۈپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەكىرىپتۇ. پادىشاھمۇ ھەيران قاپتۇ. ياغاچچى پادىشاھقا تەزىم قىلىپ، ئۆز سۆزىنى بايان قىپتۇ:

- ئەي ئۇلۇغ شاھىم، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەن جانابلىرىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ خىزمىتىگە بېرىپ قايتتىم، ئىمارەت ياساپ بەردىم. ئاتىلىرى بۇ ئىشىم ئۈچۈن سىلىگە ناھايىتى جىق مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە جانابلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۇلغىيىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. خوش، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، تەقسىر، مەن ئىمارەتنىڭ ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى تاماملىدىم، بىراق سىر - بوياقلار بىلەن قىلىنىدىغان زىننەتلىرى تېخى ئىشلەنمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلىرى رەھمىتى تېخى ئۇ ئۆيگە ئورۇنلاشمىدى. مەن بۇياققا قايتىشتا، ئاتىلىرى: «ئۆينىڭ زىننەتلىرى تېخى ئىشلەنمىدى، ئوغلۇم دەرھال بوياقچى ئۇستامنى ئەۋەتىۋەتسۇن. ئەگەر ئوغلۇم بۇنىمۇ بېجىرسە، مەن ھەددى - ھېسابسىز خۇش بولاتتى» دېدى ۋە بۇ گەپنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ماڭا تاپشۇردى.

بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياغاچچىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسىنىمۇ ئورۇنداش ئۈچۈن بەل باغلاپ، نۇرغۇن ئوتۇن يىغدۇرۇپ، يەتتە كۈندىن كېيىن بوياقچىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ.
         كۆرۈلۈشى:793     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/2/15 13:12:17يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:پادىشاھ بىلەن قىززىقچى
كېيىنكى ماقالە:قوش مەسچىت
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号