Article Center - ماقالە مەركىزى - پادىشاھ بىلەن قىززىقچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


پادىشاھ بىلەن قىززىقچى

بۇرۇن بۇرۇنكەن،توخۇ تۇرنىكەن،قىرغاۋۇل جەدىكەن،قۇيرۇقى يەردىكەن.مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ تەختىدە يېتىپ چۈش كۆرۈپتۇ ۋە چۆچۈپ ئويغىنىپ كۆزىنى ئېچىشى بىلەنلا چۈشىنى ئۇنتۇپتۇ.ئىچى پۇشۇپ كۆڭلىگە غەم تولۇپتۇ.بىرەر ھەپتە شۇنداق ئولتۇرۇپتۇ.شاھتىن قورقۇپ ھېچكىم گەپ قىلالماپتۇ.ئاخىرى ئەلىمىگە چىدىمىغان شاھ باش ۋەزىرنى قىچقىرىپتۇ.
‏-مېنى قىززىق گەپ بىلەن كۈلدۈرۈدىغان ئادەم تېپىپ كەل،ئەگەر ئۇ مېنى كۈلدۈرەلىسە يۈز تىللا بېرىمەن،كۈلدۈرەلمىسە يۈز دەررە ئۇرۇپ زىندانغا سالىمەن،-دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.
ۋەزىر شاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن سۆيۈنۈپ،شەھەر كېزىپ،بىر قانچە قىزىقچىلارنى ئېلىپ كەپتۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى شاھنىڭ غېمىنى يېنىكلىتەلمەپتۇ.پادىشاھ ئۇلارنى يۈز دەررە ئۇرغۇزۇپ،زىندانغا ساپتۇ.باش ۋەزىر قورققىنىدىن يەنە كوچىغا چىقىپ،شەھەر ئارىلاپ يۈرسە بىر گەپچى خەلىقنى يىغىپ راسا كۈلدۈرۈۋاتقۇدەك.قېشىغا بېرىپ بىردەم تۇرۇپتىكەن،ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى ۋەزىرگە غەيرى تۇيۇلۇپتۇ.ئاخىر ۋەزىرمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،ئۇ سۆزمەن كىشىنى ئوردىغا تەكلىپ قىپتۇ.سۆزمەن كىشىمۇ ماقۇل بوپتۇ.يولدا كېتىپ بېرىپ،باش ۋەزىرنىڭ كۆڭلىگە"بۇ ئادەم بەك گەپدان كۆرۈنىدۇ،بېرىپلا پادىشاھنى كۈلدۈرسە يۈز تىللا ئىنئام بېرىدۇ.يۈز تىللانىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئېلىپ كەتسە مېنىڭ ئاۋارە بولغىنىم بىكار كېتەرمۇ؟"دېگەن خىيال كەپتۇ-دە،ئويلاپ مېڭىپ ئاخىر ئۇنى پادىشاھنىڭ بېرىدىغان ئىنئامىنى تەڭ ئىلىشقا كۆندۈرمەكچى بوپتۇ ۋە شۇ غەرەزدە:
-بۇرادەر، سېنى ئوردىغا باشلاشتىن مەقسەت،شاھىمىز ھەپتىدىن بېرى قاتتىق قايغۇدا، ئۇ: "كىم مېنى كۈلدۈرەلىسە ئۇنىڭ ئەجرىگە لايىق ئىنئام بېرىمەن" دەپ ۋەدە قىلغانىدى.قارىسام سېنىڭ شاھنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئەپتىڭ بار.ئەگەر شاھنى كۈلدۈرۈپ ئىنئامغا سازاۋەر بولغىنىڭدا پېقىرغا نېمە بېرىسەن؟-دەپتۇ.
-شۇ خەيرىخاھلىقىڭىز ئۈچۈن شاھنىڭ ماڭا بەرگەن ئىنئامىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سىزگە بېرەي،-دەپتۇ قىزىقچى.
-ياق بولمايدۇ،ئۇنداق بولسا ئوردىغا ئۆزۈڭ بار،-دەپ پەش قىپتۇ ۋەزىر.قىزىقچى كۆپ تالاشمايلا:
-خەيىر مەيلى،مەندىن كەتسە سىزگە كېتىدىكەن،شاھ نېمە ئىنئام قىلسا يېرىمى سىزنىڭ بولسۇن،-دەپتۇ.
ۋەزىر بۇ سۆزدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ، قىزىقچىنى ئوردىغا باشلاپ كىرىپ پادىشاسقا توغىرلاپتۇ.پادىشاھ:
-قېنى قىزىقچى،گېپىڭنى باشلا! دەپ قىزىقچىغا قاراپتۇ.قىزىقچى دۇنيادا بار،قۇلىقى ئاڭلىغان،ئۆزى بىلىدىغان ھەممە قىزىق سۆز،چۆچەك ۋە لەتىپىلەرنى ئيتىپ ھېرىپ توختاپتۇ.
پادىشاھنىڭ كۈلۈش ئورنىغا غەزىپى ئېشىپتۇ.قىزىقچىغا قاراپ:
-گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟-دەپتۇ.
-تۈگىدى شاھىم،-دەپ بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ قىزىقچى.پادىشاھ يېنىدىكى ياساۋۇللىرىغا قاراپ:
-قېنى بۇنىڭ ئەجرىنى بېرىڭلار! دەپتۇ.
ياساۋۇللار قىزىقچىنى بېسىپ دەررە بىلەن ئۇرۇشقا باشلاپتۇ.دەررە ئەللىككە يەتكەندە،قىزىقچىنىڭ يادىغا ۋەزىر بىلەن قىلىشقان شەرتى چۈشۈپتۇ.ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-شاھىم،بىر ئېغىز سۆز يادىمغا چۈشۈپ قالدى،رۇخسەت قىلسىلا دەپ باقسام،-دەپتۇ.
-ئورنىدىن تۇرغۇزۇڭلار! دەپ بۇيرۇپتۇ شاھ.ياساۋۇللار قىزىقچىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ.
-سۆزلە!
-شاھىم،-دەپتۇ قىزىقچى،-ماڭا سىلى ھەر قانداق نەرسە ئىنئام قىلسىلا ئۇنىڭ يېرىمىنى جانابى ۋەزىرگە بەرمەكچى بولغان ئىدىم.ھازىر مەن يۈز دەررە ئىنئام ئالدىم،بۇنىڭدىنمۇ ۋەزىر قۇرۇق قالمىسا،قالغان ئەللىك دەررە ۋەزىرگە بېرىلسە.
شاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككى يوتىسىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە قالغان دەررىنى ۋەزىرگە بۇيرۇپ،قىزىقچىغا يۈز تىللا بېرىپتۇ.
         كۆرۈلۈشى:929     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/2/15 13:10:57يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:لوقمان ھەكىم
كېيىنكى ماقالە:ياغاچچى بىلەن بوياقچى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号