Article Center - ماقالە مەركىزى - چۆچەك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


چۆچەك

بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدا، غېرىپ بۇلۇڭدا ئىكەن. شۇنداق زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بولۇپ، ھۆسىن - جامالدا يىگانە، ئەقلى - ھوشى جايىدا ئىكەن. پادىشاھنىڭ قىرىق ئۆيدە غەزىنىسى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوتتۇر توققۇز ئۆيدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، دۇررى - گۆھەر ۋە باشقا قىممەت باھالىق دەپنە - دۇنيالىرىنى بىر - بىرلەپ ئوغلىغا كۆرسىتىپتۇ - يۇ، ئەمما قىرىقىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشىكنى ئاچماي يانداپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوغلى:
- بۇ ئۆينىڭ ئىىشكىنى ئاچماي ئۆتۈ كەتتىڭىزغۇ. بۇ ئۆيدە نېمە بار؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ:
- بالام، بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىما، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەسلى بۇ ئۆيدە پادىشاھ ئاشىق - بىقارار بولغان ئاجايىپ گۈزەل بىر پەرىزاتنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. بۇ ئۆيگە پادىشاھدىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدىكەن.
پادىشاھنىڭ ئوغلى بۇ ئۆينى كۆرەي دەپ، ھەر قانچە يالۋۇرسىمۇ پادىشاھ ئىشىكىنى ئاچقىلى ئۇنىماپتۇ. شاھزادە >بۇ ئۆيدە دادامنىڭ مەندىن يوشۇرۇپ، مەخپىي تۇتىدىغان بىر نېمىسى بار ئوخشايدۇ< دەپ گۇمان قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئېسى - يادى شۇ ئۆي بىلەن قاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ چۈشلۈك غىزادىن كېيىن يېتىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ يېنىدىن ئاچقۇچنى پەم بىلەن ئېلىپ، ھېلىقى ئۆيگە كىرىپتۇ. بۇ ئۆي ئىنتايىن ئازادە ياسالغان ئىكەن، ئۆينىڭ ئازادىلىكى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىكەن. شاھزادە شۇنداق سەپسېلىپ قارىغىدەك بولسا، ئۆيدە چىرايلىق بىر پەرىزاتنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق تۇرغىدەك. بۇ پەرىزاتنىڭ سۈرىتىنى گۈزەللىكىدىن ئايمۇ خىجىل بولغىدەك. شاھزاە بۇ پەرىزاتنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بوپتۇ. ئىشىق ئوتىدا يۈرەكلىرى كۆيۈپتۇ. ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ قىزنىڭ سۈرىىتنى ئېلىپ ئۆيدىن قايتىپ چىقىپتۇ ۋە بۇ قىزنى ئىزلەپ تېپىش قارارىغا كەپتۇ. تەۋەككۈل قىلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ناھايىتى ئۇزۇن مەنزىللەرنى كېزىپتۇ. ئاخىرى ھېرىپ - چارچاپ ماغدۇرىدىن كېتىپ، بىر باياۋاندا يىقىلىپ يېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا: >قوپ بالام، ئورنىڭدىن تۇر< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە كۆزىنى ئېچىپ قارىغىدەك بولسا، ئالدىدا ئاپئاق ساقال بىر سىپايى بوۋاي تۇرغىدەك. شاھزادە غەيرەتكە كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي شاھزادىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- ئوغلۇم، بۇ جاڭگىلى باياۋاندا يېتىپ قېلىشتىكى سەۋەب نېمە؟ سەن قەيەردىن كەلدىڭ، قاياققا بارماقچىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ غەزنىسىدىكى بىر پەرىزات قىزنىڭ سۈرىىتنى كۆرۈپ، ئۇ قىزغا ئاشىق بولغانلىقى ۋە ئۇنى ئىزلەپ ماڭغانلىقىنى يوشۇرماستىن بوۋايغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
بوۋاي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- ئوغلۇم، بۇ پەيلىڭدىن قايت. گۆدەكلىك قىلما. بۇ سۈرەتتىكى پەرىزات قىز، پەرىلەر پادىشاھىنىڭ قىزى. ئۇ يەر بۇ يەردىن ئالتە ئايلىق يول. ئادىمىزات تۈگۈل، ئۇچار - قۇشلارمۇ ئۇ يەرگە بارالمايدۇ. سەن بارالىغان تەقدىردىمۇ، پەرىلەر شاھى قىزنى ساڭا ھەرگىزمۇ بەرمەيدۇ، - دەپتۇ.
شاھزادە ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. بوۋاي تەسەللى بېرىپتۇ. شاھزادە بوۋايغا:
- ئى ئاتا، مەن ئۇ قىزغا ئاشىق بىقارار بولدۇم. ئۇنى ئىزلەپ تېپىشقا قەتئى بەل باغلىدىم. بۇ ئىرادەمدىن ھەرگىزمۇ يانمايمەن. قانداقلا بولسۇن ئۇ قىزنى جەزمەن ئىزلەپ تاپىمەن. مۇشۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق، - دەپتۇ. شاھزادىنىڭ قەتئىيەتلىكى، چىداملىقى، ئىرادىسىنىڭ كۈچۈكلۈكى، غەيرىتى بوۋاينى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. - ئوغلۇم! - دەپتۇ بوۋاي، - سەن ئىرادەڭدىن قايتمايدىغان ئوخشايسەن، سېنىڭ غەيرىتىڭ، قەتئى ئىرادەڭ مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئىرادىلىك ئادەم مۇرادىغا يەتمەي قالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ يولۇڭدا بېلىڭنى مەھكەم باغلا. مۇرادىڭغا يېتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرەي.
شاھزادە بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپ، بوۋاينىڭ پۇتىنى سۆيۈپ، رەھمەت ئوقۇپتۇ.
- ئوغلۇم، سەن كۈن يورۇش تەرەپكە ماڭغىن. ئون كۈن يۈرگەندىن كېيىن بىر ئىمارەت كۆرۈنىدۇ. ئۇ دىۋىلەرنىڭ ماكانى. دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپكە قارىساڭ بىر ئۆي بار. ئاشۇ ئۆيدە بىر خاسىيەتلىك قارا ئارغىماق بار. ئۇ ئۇچىدىغان ئات. بۇ ئات ئون كۈنلۈك يولنى بىر كۈندە باسىدۇ. سەن ئۆيگە كىرگەندە ئات سېنى كۆرۈپ قارىغان ھامان دەرھاللا ئاتقا ئېگىلىپ سالام بېرىپ، قول باغلاپ يىغلاپ، بىچارىلىقىڭنى ئىزھار قىلغىن، شۇ چاغدا ئاتنىڭ ساڭا رەھىمى كېلىدۇڭ - دە، جىم بولۇپ قالىدۇ. بولمىسا ئات يات ئادەمنى كۆرگەن ھامان قاتتىق كىشنەيدۇ - دە، شۇئاندىلا دىۋىلەر كېلىپ ئۇنداق ئادەمنى قىيما - چىيما قىلىپ، گۆشىنى ئاسمانغا پۈركۈۋېتىدۇ. ھازىر دىۋىلەرنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى. دىۋىلەر قەرەللىك ئۇخلايدۇ. ھەر قەرەلدە 10 كۈنگىچە ئويغانماي ئۇخلايدۇ. ھازىر تېزدىن يولۇڭغا ماڭ. دىۋىلەرنىڭ ماكانىغا بېرىپ، ئاشۇ ئۇچار ئاتنى قولۇڭغا چۈشەر، ئاشۇ ئات سېنى قىزنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ جايغا بېرىپ ئاتتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاتنىڭ بىر تال قىلىنى ئېلىپ قېلىپ، ئاتنى ياندۇرۇۋەت. قىل بېشىڭغا يەنە كۈن چۈشكەندە لازىم بولىدۇ. ئۇ جايدا پىشقەدەم ياغاچچى بار. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئەھۋالىڭنى ئېيت، يىغلاپ تۇرۇپ ياردە تىلىسەڭ، ياغاچچى ساڭا ياردەم بېرىدۇ. خەير. ئىشىڭغا خىزىر مەدەتكار بولسۇن، - دەپلا غايىپ بوپتۇ بوۋاي.
شاھزادە بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈن يورۇش تەرەپكە قاراپ راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، نۇرغۇن چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپتۇ. ئاخىرى دىۋىلەر ماكانىدىكى ئۇچار ئاتنى قولغا چۈشۈرۈپ، ياغاچچى ئۇستىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ياغاچچىغا سۆزلەپ بېرىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سوراپتۇ. ياغاچچىنىڭ شاھزادىگە ئىچى ئاغرىپ، پەرىزات قىزنىڭ ئوردىنىڭ بېغىدىكى بىر ئېگىز راۋاقتا تۇرىدىغانلىقىنى، راۋاققا قانداق چىقىش مۇمكىنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ئىلىم - ھېكمەت بىلەن بىر شوتا ياساپ بېرىپتۇ. بۇ ناھايىتى ئەپچىل، ھەم قىسقىرىدىغان ھەم ئۇزىرىدىغان شوتا ئىكەن. شاھزادە ياغاچچىغا رەھمەت ئېيتىپ، شوتىنى ئېلىپ، باغقا بېرىپ راۋاققا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. راۋاقتىن ناخشا، ساز ئاۋازى، قىزلارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە قىزنىڭ مۇشۇ راۋاقتا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، شوتىنى قويۇپ، ناھايىتى پەم بىلەن راۋاققا چىقىپتۇ. ئەمما پەرىزاتنىڭ خىزمەتكارلىرى شاھزادىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بىر خىزمەتكار: >ۋاي، ئادىمىزات راۋاققا چىقىپ كەلدى< دەپ چۇقان ساپتۇ. پەرىزات بۇ چۇقاننى ئاڭلاپ: >بۇ قانداق گەپ؟ بۇ يەرگە ئادىمىزات تۈگۈل، ئىنسى جىننىڭمۇ قەدىمى يەتمەيتتىغۇ؟ ماڭ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كىر< دەپ خىزمەتكارنى بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكار ھەيران بولۇشۇپ، بۇ خەۋەرنى دەرھال پەرىزاتقا يەتكۈزۈپتۇ. پەرىزات >بۇ ئەجەپ بىر ئىش، بۇنىڭدا بىر سىر بولۇشى مۇمكىن< دەپ ئويلاپ، يىگىتنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكارلار شاھزادىنى ئېلىپ كىرىپتۇ. شاھزادە پەرىزاتنى كۆرۈپ، ئەدەپ - ئېكرام بىلەن سالام بېرىپ، قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. پەرىزاتمۇ شاھزادىگە بىرلا قاراپ ئاشىق بىقارار بوپتۇ. شاھزادە ۋە پەرىزات بىر - بىرىگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىشىپتۇ. بىر - بىرى بىلەن ھەقىقىي ئاشىق - مەشۇق بولۇشۇپتۇ. بىر قانچە ۋاقىت ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپتۇ. شاھزادىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىز دادىسغا ئېيتماپتۇ.
پەرىزات بىر كۈنى شاھزادىگە:
- سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى دادامدىن يوشۇرۇپ، مەخپىي تۇتۇپ كەلدىم. ئەگەر دادام بىلىپ قالسا، سىزنىمۇ، مېنىمۇ ساق قويمايدۇ. سىز مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، ئىككىمىز بىرگە كېتەيلى، - دەپتۇ.
شاھزادە قىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشكە رازى بولغانلىقىغا ناھايىتى خۇرسەن بولۇپتۇ. بۇلار سەپنىڭ تەييارلىقىنى ھازىرلاپ تەل قىلىپتۇ. شاھزادە ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئات ھازىر بولۇپتۇ. بۇلار ئاتقا مىنىپتۇ. ئات بۇلارنى ئېلىپ ئۇچۇپ، نۇرغۇن تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، شاھزادە بوۋاي بىلەن ئۇچراشقان بۇلاق بېشىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇلار ئاتنىڭ بىر تال قىلىنى ئېلىپ قېلىپ، ئاتنى يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بۇ يەردە ھاردۇق ئالماقچى بولۇپتۇ. بۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكتىن شاھزادە پەرىزاتنى بۇلاق تۈۋىدە قالدۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك تېپىپ كېلىشكە كېتىپتۇ. پەرىزات يالغۇز زېرىكىپ ئولتۇرسا، ھاسا تايانغان بىر قېرى موماي كەپتۇ. پەرىزات مومايدىن:
چوڭئانا - قەيەردىن كېلىشىڭىز؟ قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي قىزىم، قەيەرگە باراي، مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار ئىدى، بىتاپ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. شۇنى يوقلىغىلى كېتىپ بارىمەن. ئادەم قېرىغاندا كۈچىدىن قالىدىكەن، ئۇزۇن يولدىن كېلىپ، ھېرىپ - چارچاپ >ئۇھ< دېگىچىلىك مادارىم قالمدى، مۇشۇ يەرگە ئاران ئۇلاشتىم، ئەمدى بىر ئاز ئارام ئېلىپ ماڭاي، - دەپتۇ موماي.
- ۋاي بىچارە چوڭئانا، ھېرىپ كېتىپلا، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالسىلا، بىردەم مۇڭدىشىپ، ئەھۋاللىشايلى، - دەپتۇ پەرىزات.
ئۇزۇن ئۆتمەي، شاھزادە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ موماينى كۆرۈپ پەرىزاتتىن:
- بۇ موماي قەيەردىن كەپتۇ؟ قايان بارىدىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ موماي بىتاب بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئوغلىنى يوقلاشقا بارىدىكەن، - دەپتۇ پەرىزات.
شاھزادە مومايغا ئىچىنى ئاغرىتىپ، تېپىپ كەلگەن يېمەكلىرىدىن بېرىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئەسلىدە بۇ موماي بىر جادۇگەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى بۇ پەرىزاتقا ئاشىق ئىكەن. ئەمما پەرىزاتنى ھېچ قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرەلمەي يۈرگەن ئىكەن. بۈگۈن پەرىزاتنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىبلىس جادۇگەر قېرى موماينىڭ سۈرىتىدە بولۇپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ بېقىشقا كەلگەن ئىكەن.
بۇ قېرى جادۇگەر بۇلاردىن ئايرىلىپ، ئوغلىنىڭ قېشىغا ئۇچقاندەك بېرىپتۇ - دە، پەرىزاتنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىپتۇ. ئۇنىڭ ئۇغلى خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاپتۇ. ئانا - بالا پەرىزاتنى ئېلىپ قېچىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشىپتۇ.
بۇ جادۇگەر سېھر قىلىنغان بىر دانە يىپ ئىگىرىدىغان چاقى بار ئىكەن. جادۇگەر چاقنى ئېلىپلا ئۇچۇپ، ھايت - ھۇيت دېگىچە يەنە پەرىزاتنىڭ قېشىغا كەپتۇ. پەرىزات چاقنى كۆرۈپ:
- بۇ نېمڭىز - دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي قىزىم، بۇ چاقنى تېخى بايىلا بىر خېزىر ئىنئام قىلدى. بۇ خىسلەتلىك چاق ئىكەن، ئۇچالايدىكەن. شۇڭا سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەكەلدىم، سىزنىمۇ چاققا مىندۈرەي، بۇ چاقنىڭ خىسلىتىنى كۆرۈ بېقىڭ، - دەپتۇ.
پەرىزات چاقنىڭ خىسلىتىگە ناھايىتى قىزىقىپتۇ ۋە:
- ۋاي چوڭئانا، مېنى بۇ خىسلەتلىك چاقلىرىغا مىندۈرۈپ ئۇچۇرتۇپ باقسىلا، بۇنىڭ خىسلىتىنى كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ.
جادۇگەر پەرىزاتنى ئالدىغا ئېلىپ چاققا مىندۈرۈپ، چاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى تولغىغان ئىكەن، چاق ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئۇچقانسېرى ئېگىزگە ئۆرلەپتۇ. پەرىزات ناھايىتى قورقۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن چاق پەسلەپ بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ.
- بۇ قەيەر؟ - دەپ سوراپتۇ پەرىزات.
- بۇ بىزنىڭ ئۆي، قېنى ئۆيۈمگە كىرىڭ، - دەپ تەكلىپ قىپتۇ جادۇگەر.
- ياق، كىرمەيمەن، تېزدىن قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ پەرىزات.
- سەن تېخى قايتىپ كېتىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ بۇ سېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ. ئەمدى بۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كېتەلمەيسەن، - دەپتۇ جادۇگەر تەرىنى تۈرۈپ.
پەرىزات بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئاڭغىچە جادۇگەرنىڭ ئوغلى پەيدا بولۇپتۇ. پەرىزاتنى ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پەرىزات قارىسا، يېنىدا تەلەتى ناھايىتى سەت، بەدرەڭ بىر ئەر كىشى تۇرغىدەك. پەرىزات:
- بۇ كىم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ، ئوغلۇم سېنىڭ ئىشقى دەردىڭدە ئۆرتەندى، ئۇزۇندىن بېرى يىگىنى زەھەر، كىيگىنى كىپەن بولدى، سېنى قولۇمغا كەلتۈرەلمەي يۈرەتتىم، ئەمدىلىكتە قولۇمغا چۈشتۈڭ. ھازىردىن باشلاپ سەن ئوغلۇمنىڭ بولدۇڭ، - دەپتۇ جادۇگەر. پەرىزات يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، بۇلارنىڭ رەھىمى كەلمەپتۇ.
ئەمدى ھېكايىنى شاھزادىدىن ئاڭلايلى.
پەرىزات يوقالغاندىن كېيىن، شاھزادە ئۇيان ئىزلەپ، بۇيان ئىزلەپ پەرىزاتنى ھېچقانداق يەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىرى ئەلەم - دەرتتە تولا يىغلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. شاھزادە بىھۇش ياتسا قۇلىقىغا >بالام، قوپ ئورنىڭدىن< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە مىڭ تەسلىكتە كۆزىنى سەل - پەل ئاچسا، ئالدىدا ھېلىقى بوۋاي تۇرغىدەك. شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي:
- بالام، نېمە بولدۇڭ؟ ساڭا نېمە خاپىلىق يەتتى، نېمە ئۈچۈن يىغلاپ ياتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
شاھزادە بوۋايغا بولغان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپ، يىغلاشقا باشلاپتۇ. بوۋاي شاھزادىگە تەسەللى بېرىپ:
- يىغلىما، سەۋرى قىل. غەيرەتلىك بول. ئىرادەڭنى بوشاشتۇرما. پەرىزاتنى قايتا قولۇڭغا چۈشۈرۈشۈڭگە يەنە مەن ياردەم بېرىمەن. يېنىڭدىكى ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرگىن. ئات يېتىپ كەلگەندە ئاتقا مىنگىن. ئاۋۇ شەمشەرنى >ياھاياتەننەبى< دەپ شىلتىسەڭ، تاشنىمۇ سۇنى كەسكەندەك كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاتنىڭ ياردىمى، قىلىچنىڭ خاسىيىتى بىلەن دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ پەرىزاتقا مۇيەسسەر بولىسەن، - دەپ، بىر قىلچىنى شاھزادىگە بېرىپلا غايىپ بولۇپتۇ.
شاھزادە بوۋايغا يۈز مىڭ رەھمەت ئوقۇپ، ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرۈپتۇ. ئات ھازىر بوپتۇ، شاھزادە ئاتقا مىنىپتۇ. ئات ئۇچۇپ شاھزادىنى جادۇگەرنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شاھزادە قارىغىدەك بولسا، كۆزىگە بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. جادۇگەر شاھزادىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئاستى - ئۈستى ۋە تۆت ئەتراپىغا دەرھال سېھىر بىلەن بىر قەۋەت ئۆمۈچۈك تورى باغلاپتۇ. تورنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا يوغان بىر دۆ >ئۆمۈچۈك< پەيدا قىلىپتۇ. شاھزادە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىسا، دۆ خىرىس قىلىپ، دەم تارتىپتۇ. شاھزادە قىلىچنى چىقىرىپ >ياھاياتەننەبى< دەپ بىر چاپقان ئىكەن، تورلاردىن ئوت چاقناپ ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. لېكىن دۆ ئۆلمەپتۇ، ئۈ پۈتۈن كۈچى بىلەن شاھزادىنى دەم تارتىپتۇ. شاھزادە چەبدەسلىك بىلەن دۆگە يەنە بىر قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، دۆ بىر يۇمۇلىنىپ، بىر قېرى مومايغا ئايلىنىپ:
- ماڭا رەھىم قىلىڭ، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ.
- پەرىزات قەيەردە، ھازىر تېپىپ بېرىسەن! - دەپ جادۇگەرگە قىلىچ تەڭلەپتۇ شاھزادە. جادۇگەر:
- پەرىزات سول تەرەپتىكى ئۆيدە يوشۇرۇقلۇق، - دەپتۇ. شاھزادە غەزەپكە كېلىپ، قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرۈپ >ياھاياتەننەبى< دەپ قەھرى بىلەن بىر ئۇرغان ئىكەن، جادۇگەر بىر چىقىراپلا ئىككى پارە بولۇپ ئۆلۈپتۇ.
شاھزادە جادۇگەرنى ئۆلتۈرۈپ ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، سول تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا، بېشى توڭگۇزنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى بەدھەيۋەت بىر مەخلۇق ئېتىلىپ كېلىپ شاھزادىگە چاڭ ساپتۇ. شاھزادە قىلىچى بىلەن >ياھاياتەننەبى< دەپ بۇ بەدھەيۋەت مەخلۇقنى بىر چاپقان ئىكەن، ئۇنىڭ بىر قۇلى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئۇ ئەمدى شاھزادىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئورنىدىن قۇپۇپلا قېچىپتۇ. شاھزادە ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ >ياھاياتەننەبى< دەپ بىر قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، بۇ بەدھەيۋەت مەخلۇق ئىككى پارە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. شاھزادە قارىغىدەك بولسا، پەرىزات داق يەردە بىھۇش ياتقىدەك. شاھزادە يۈگۈرۈپ بېرىپ، پەرىزاتنى يۆلەپ، ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پەرىزات ھوشىغا كېلىپ، شاھزادىگە:
- بىز بۇ يەردە تۇرمايلى. بۇ يەر جادۇگەرلەرنىڭ ماكانى ئىكەن، بۇ خەتەرلىك جايدا جادىگەرلەردىن يەنە بىزگە زىيان - زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن، تېزدىن كېتىۋالايلى، - دەپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە ئاتقا مىنىپ بۇلاق بېشىغا كەپتۇ. ئاتقا يۈز مىڭ رەھمەت ئېيتىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، يولغا راۋان بوپتۇ، شەھەرگە يېقىن كەلگەندە شاھزادە دادىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پەرىزاتنى بىرگە ئېلىپ سالامەت كەلگىنىنى خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنىڭ پەرىزاتنى بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، >بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پەرىزاتنىڭ ئىشقى - پىراقىدا يىگەن - ئىچكىنىم زەھەر بولغان ئىدى، ئەمدى پەرىزات قولۇمغا كېلىدىغان بولدى. مۇرادىمغا يېتىدىغان بولدۇم< دەپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ. داپ - دۇمباق، ناغرا - كاناي چالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئوردىغا كەپتۇ. پادىشاھ پەرىزاتنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، خۇشاللىققا قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتۇ. ئەمما پەرىزات شاھزادىدىن باشقا كىشىگە قارىماپتۇ. شاھزادىنىڭ قېشىدىن بىردەممۇ ئايرىلماپتۇ. شاھزادە ئولتۇرسا ئولتۇرۇپتۇ، قوپسا قويۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ پەرىزاتنى كۈنلەپ، ئوغلىغا سالقىن قارايدىغان بوپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ سوغاق مۇئامىلىسىدىن رەنجىپ، ئۆيدىن تالا - تۈزگە چىقماپتۇ. پەرىزاتمۇ شاھزادىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. بۇلار ھازىرلاپ بېرىلگەن ئۆيدە ئولتۇرماي، باشقا قايدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى پەرىشان بوپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇنداق پەرىشانلىقىنى كۆرگەن باش ۋەزىر پادىشاھدىن سەۋەبىنى سوراپتۇ. پادىشاھ ئادەتتە ھەر قانداق سىرى بولسا، بۇ ۋەزىرگە ئېيتىدىكەن. پادىشاھ ۋەزىرىگە ئۆزىنىڭ پەرىزاتقا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەردىدە كېچە - كۈندۈز ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى، پەرىزاتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئامالىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ ۋەزىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. پادىشاھدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، خۇش بولۇپ ۋەزىرنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. ئەمما خۇش بولغانلىقىنى چاندۇرماپتۇ. ئەسلىدە بۇ ۋەزىر >پادىشاھ ئۆلسە ئورنىغا ۋارىس بولۇپ تەختتە ئولتۇرغىدەك ئەۋلادى يوق، چوقۇم مەن پادىشاھ بولىمەن< دېگەن ئۈمىدتە يۈرگەن ئىكەن. شاھزادىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتىپ كېلىشى، ۋەزىرنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرغان ئىكەن. ۋەزىر ئەمدى پادىشاھنىڭ پەرىزاتقا ئاشىقلىقىنى بىلىپ، شاھزادىنى يوقىتىشنىڭ پەيتى كەپتۇ، دەپ بىلىپتۇ ۋە مەككارلىق بىلەن پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقىپ، پادىشاھقا ناھايىتى كۆيۈنگەن قىياپەتتە:
- بۇنىڭ ئىلاجىسىنى قىلايلى. ئەگەر سىلىنىڭ مەقسەتلىرى پەرىزاتتا بولغان بولسا، شاھزادىنى پەرىزاتتىن ئايرىۋەتمەي تۇرۇپ، پەرىزاتنى قولغا كەلتۈرۈش مۈشكۈل گەپ. مەن بىر ھىيلە ئىشلىتىپ شاھزادىنى پەرىزاتتىن ئايرىپ، ئوردىغا باشلاپ كىرەي، ۇنىڭغا ئايرىم بەلگىلىك كىيىم كىيدۈرەيلى. بۇ كىيىم شاھانە ئالىي كىيىملەردىن بولسۇن. كىيىمنى كىيدۈرۈپ >كوچا ئايلاندۇرۇپ تاماشا قىلدۇراي< دەپ باشلاپ ماڭاي، مۇشۇنداق كىيىمنى كىيىپ ئوردىدىن چىققان كىشى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا پاسىبانلارغا خۇپىيانە ئۇقتۇرايلى، شاھزادە تاشقىرىغا چىققان ھامان پاسىبانلار شاھزادىنى جايلىۋەتسۇن. مۇشۇنداق قىلىپ شاھزادىنى يوقىتىۋەتسەك، ئۇ ۋاقتىدا پەرىزات ئۆزلىرىنىڭ بولىدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل كۆرمەپتۇ. مەككار ۋەزىر ھىيلىگەرلىك قىلىپ:
- ئەگەر بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل كۆرمىسىلە، باشقا ئامال يوق، - دەپتۇ. كۆيۈك دەردىدە خۇدىنى يوقاتقان پادىشاھ ئاخىرى مەككار ۋەزىرنىڭ ھىيلە - مىكىرسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ ۋە ئىشنى شۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر شاھزادىنى ھەر خىل ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن پەرىزاتتىن ئايرىپ، ئوردىغا باشلاپ كەپتۇ. چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئالداپ، ئالدىن تەييارلىغان شاھانە كىيىملەرنى كىيدۈرمەكچى بولۇپتۇ. شاھزادە: >مەن بۇ كىيىمنىڭ لايىقىدا ئەمەس< دەپ كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلسىمۇ، قايتا - قايتا زورلاپ كىيدۈرمەكچى بوپتۇ. شاھزادە:
- ئۇنداق بولسا ئالدىن سىز كىيىپ بېقىڭ، سىزگە ياراشسا مەن ئاندىن كىيەي، - دەپتۇ. پادىشاھ ئۆز ئىچىدە >ئالدىن مەن كىيىپ بەرسەم بېرەي، ئاندىن بۇ كىيسۇن< دەپ كىيىمنى ئۈستىگە كىيىپ، ئۆزىنى رۇسلاپ بولغىچە، شاھزادە غىپ قىلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ھېلىقى بەلگىلىك كىيىم بىلەن شاھزادىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ سىرتقا چىقىشقا، ئىشىك تۈۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان پاسىبانلار كىيىمنى كۆرۈپلا، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە پادىشاھنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلاپتۇ. شاھزادە ئۆزىگە قىلىنغان سۈيىقەست، ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىپ چۈشىنىپتۇ ۋە بىلمەسكە سېلىپ، دادىسىنىڭ ئۈلۈمىنى ئۇزىتىپ، نەزىر - چىراقلىرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بوپتۇ ۋە ھېلىقى مەككار ۋەزىرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، جازالاپ ئىنتىقام ئاپتۇ. ئاندىن قىرىق كۈن توي - تاماشا ئۆتكۈزۈپ، پەرىزاتنى رەسمىي نىكاھلاپ ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ شاھزادە بىلەن پەرىزات مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.
         كۆرۈلۈشى:658     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/2/15 13:08:12يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:مەستانەڭمەن
كېيىنكى ماقالە:سېھىرلەنگەن شەھەر
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号