بۇرۇن بىر باينىڭ بىر ئوغلى بىلەن بىر قىزى بولغانىكەن. ئوغۇل سۇمباتلىقلىقتا، قىز كۆرۈمسىزلىكتە كىچىكىدىلا داڭق چىقارغانىكەن.
ئۇلار ئاستا – ئاستا چوڭ بوپتۇ. بىر كۈنى ئاكا – سىڭىل ئىككىسى ئۆيدە ئويناۋېتىپ، تۇيۇقسىز گىرىم ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ. ئاكىسى ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرۈپ، چىرايلىقلىقىدىن كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ. سىڭلىسىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ ھەم ئاكىسىنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ، مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ.
سىڭلىسى خاپا بولۇپ، ئاكىسىدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپتۇ ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاپىسىغا:
— ئاپا، ئاكام مېنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، – دەپ دەرد ئېيتىپتۇ.
— ئوغلۇم، سېنىڭ سۇمباتلىقلىقىڭدىن مەن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، – دەپتۇ دادىسى بۇ چاغدا ئوغلىغا، – ئەمما سەن يامان قىلىق بىلەن گۈزەللىكىڭگە نۇقسان يەتكۈزۈۋالساڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گۈزەللىك بىرلەشكەندىلا، ئاندىن مۇكەممەل گۈزەللىككە ئايلىنىدۇ. قىزىم، گەرچە سىز چىرايلىق بولمىسىڭىزمۇ، ئاقكۆڭۈل ۋە ئەقىللىق. بۇ ئالتۇن بېرىپ تېگىشىۋالغىلى بولمايدىغان گۈزەل پەزىلەت. سىز پەزىلىتىڭىز بىلەن تاشقى قىياپىتىڭىزدىكى كەمچىلىكنى تولدۇرۇۋالالايسىز ھەم دۇنيادىكى مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىنالايسىز.