|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
يولۋاسنىڭ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشى
|
|
|
يولۋاش ئۆز كۈنىگە رازى بولماي ، ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ . ئادەملەر نىمە يەي دېسە يىيەلەيدىكەن . نىمىنى خلىسا شۇنى قىلالايدىكەن ، نېمىدېگەن ئەركىن - ھە ! مەنمۇ ئادەم بولۇپ قالسامچۇ ...دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەمدەك ياشىغۇسى كېلىپ ، ئادەملەر بىلەن دوستلاشماقچى بوپتۇ . ئۇ بىر مەھەللىگە كېلىپ ، ئۈچ ئۆينى كۆرۈپتۇ- دە ، ھە ، ئادەملەر بار يەرگە كەپتىمەن ، دەپ بىر ئۆينىڭ دېرىزىسى يېنىغا كېلىپ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپتۇ : - قاچانغىچە مۇشۇنداق ئوغىرلىقچە ئىش قىلىۋېرىمىز ؟ بالدۇراق توي قىلىۋالايلىچۇ ؟ - ۋاي ئالدىرىمىسىڭىزچۇ ، ئايالىم يەڭگىۋالسۇن ... - نېمە ، سەن ئايالىم بار دېمىگەنىدىڭغۇ ؟ ھۇ نومۇسسىز !... بۇ خەقنىڭ گېپىنى چۈشەنمەك سەل تەس ئوخشىمامدۇ ، دەپ ئويلىغان يولۋاس ئىككىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەپتۇ : - ۋاي ، بولە ئاداش ! ھېلى ھايغا كېچىكىپ قالىمىز . - سەل ساقلاپ تۇرۇڭلارچۇ ، ئۆيدىكىلەرگە ئازراق نەرسە تەييارلاپ قوياي . - ۋايجان ، بىرەر ۋاق تاماق يېمىسە ھېچنىمە بولمايدۇ . مېنىڭمۇ ئىككى ياشلىق بالام قالدىغۇ ! - كىم قارايدۇ بالاڭغا ؟ - بالا باققۇچى قارىمامدۇ ؟ - ئېرىڭچۇ ؟ - ئۇ ئۆزى تاماق قىلىئو يەۋېرىدۇ . يولۋاس بۇلارنى ئاڭلاپ ، مەن جېنىمدا بالامغا قىيالمايمەن ، ماۋۇلارنىڭ باغرى نىمانچە قاتتىق ، دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئۈچىنچى ئۆيگە كەپتۇ : بولە ئاداش ، خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى ، چىدىيالمىدىم . - مەنمۇ بولالمىدىم ، قانداق قىلىمىز ؟ - ئازراقمۇ يوقما ؟ - چىدىمىدىم ، بۇ نىجىسنى نىمىشقىمۇ ئۈگىنىپ قالغاندىمەن ؟ بىزنىڭ كۈنىمىزدىن ھايۋاننىڭ كۈنى ياخشىراقتۇ .... ۋاي توۋا ، نىمانچە بىچارە بۇلار ؟ يەنىلا ھايۋان بولۇپ ئەركىن ياشاي ، دەپ ئويلىغان يولۋاس ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:523 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/27 13:16:58 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|