|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئىشەك ئىلگىرى ناخشىچى بولغانىكەن ، ئەمما ئاۋازى يېقىمسىز بولغاچقا ئاڭلىغۇچىلارغا ياقماپتۇ ھەم ھېچكىم ئۇنى ناخشائېيتىشقا تەكلىپ قىلماپتۇ . كۆپچىلىك ئۇنىڭغا : « سەندىن ئۆتۈنۈپ قالايلى ، ناخشا ئېيتمىغىن ، بىزنى ئارامىمىزدا قوي ! » دەپتۇ . قىزىق يېرى شۇكى ، بۇ ئىش ئىشەكنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپتۇ . تۈلكە : « ئىشەكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ئىشىم ئوڭغا تارتسا ، كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلاپ ، بىر پىلاستىنكا شىركىتى قۇرۇپ ئىشەكنى ناخشىچىلىققا تەكلىپ قىپتۇ . ئىشەك بۇ ئىشتىن ئىنتايىن سۈيۈنۈپتۇ . تۈلكە كۆپ پۇل خەجلەپ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئۇزاق يىللىق ناخشىچى قاغىنى ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا باھا بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ . قاغا : « ئىشەكنىڭ ناخشىسى خەلق سەنىتىگە تەۋە ئاممىباب ئۇسلۇپقا ئىگە ئىكەن ، ئاۋازىمۇ تەبىئىي ئىكەن ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا ، كۆڭۈل شادلىققا تولۇپ ئىستىتىك زوق ئالغىلى مۇھىمى ساقلىقىنى ساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ » دەپ باھا بېرىپتۇ . قاغىنىڭ ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا بەرگەن باھاسى ھايۋانات دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغاپتۇ ، ھايۋانلار ھەرخىل پىسخىك ھالەتتە ئىشەكنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپتۇ . ئىشەك گۈللۈك كىيىم كىيگەن ، تاقىر باش ھالەتتە مەيدانغا چىقىپتۇ . ئۇ ھېلى ئۇيانغا ھېلى بۇيانغا مېڭىپتۇ ، بەزىدە پۇتلىرىنى شىلتىپ قويۇپتۇ . توز ، تىيىن ، پىنگىۋىنلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ ، ئىشەكمۇ يېڭى قىياپەت بىلەن ناخشىسىنى باشلاپتۇ . تۈلكە ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكى باشلىنىشتىن ئىلگىرى چاشقان بىلەن قارا ئېيىقنى كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياللىۋالغانىكەن ، شۇڭا ئىشەك ناخشىسىنى باشلىشىغىلا ، ئۇلار : «يارايسەن ياشاپ كەت !!! » دەپ ئالقىش ياڭرىتىپتۇ . ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى ھايۋانلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چاپتۇ . ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر كېتىپتۇ . تۈلكە يەنە گېزىت ، ژورنال مۇخبىرلىرىنى ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسى تۈزۈپ ، ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يازغان مۇخبىرلارغا نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ . نەتىجىدە كۆپلىگەن مۇخبىر ئەتىدىن - كەچكىچە ئىشەكنىڭ كەينىدىن چىقماي ماقالە يېزىشقا باشلاپتۇ ، ھەتتا ئىشەكنى كۈندە نەچچە قېتىم تېزەكلىگەنلىكىنىمۇ تەپسىلى خەۋەر قىلىنىپتۇ . ئاخىرىدا ئىشەك داڭلىق ناخشىچىغا ئايلىنىپتۇ . تۈلكە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ ھەندە داڭلىق پىلاستنكىچى ، رېژىسسور بولۇپ قاپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ھايۋانات دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ . بۇ « چولپان » لارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئەسلى قانداقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماپتۇ .
ــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|
كۆرۈلۈشى:802 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/6/25 20:50:36 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|