* تەر تۆكۈپ تاپقان پۇل سىزنى ساغلام قىلىدۇ.
* تىجەپ يىغقان پۇل كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.
* مۇكاپات ئالغان پۇل سىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە ئۈندەيدۇ.
* ئامانەت قويغان پۇل سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.
* مەبلەغ سالغان پۇل ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ.
* باشقىلار ياردەم قىلغان پۇل سىزدە مىننەتدارلىق- ھېسسىياتىنى قوزغايدۇ.
* ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سىزنى دەككە – دۈككىگە سالىدۇ.
* خىيانەت قىلغان پۇل روھىڭىزنى چىرىتىدۇ.
* ئوغرىلىغان پۇل يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈرىدۇ.