5-ئايدىكى ياز پەسلى،
قۇياش ئۆز نۇرىنى يېپيېشىل كائىناتقا چاچماقتا ئىدى.
ھەسەن-ھۈسەندەك ھەر خىل رەڭدىكى گۈللەر ھەممە ياقتا ئېچىلغان..
ئالدىنقى بىر سكۇنت...
سەن يورۇق سىنىپتا،دوسكىغا تىكىلگىنىڭگە ئولتۇراتتىڭ.
بىلىمگە تەشنا ئاشۇ بىر جۈپ كۆز،بەكمۇ نۇرلۇق ئىدى.....
كېيىنكى بىر سىكۇنت...
سان-ساناقسىىز قۇم-شېغىل،خىش-كاھىشلار گۈلدۈرلەپ ئۆرۈلدى.
ئۇزۇن-ئۇزۇن كىرپىكلەر ئۇزۇنغىچە تىركىشىپ،خالىمىغان ھالدا يۇمۇلدى...
بىر سىكۇنت ئىچىدىكى دۇنيا،
مەن سان-ساناقسىز ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇم.
بۇ ھاياتىمدىكى قىسقىغىنە ئەسلىمەم ئارقىلىق،قۇياشقا بولغان سېغىنىشىمنى پىچەتلىدىم.
بىر سىكۇنت ئىچىدىكى دۇنيا،
مەن قاراڭغۇ تۇنېللارنى ئىشلىتىپ،سېغىنىشىمنى كۆك قەرىگىچە ئۇزاتتىم.
بىر سىكۇنت ئىچىدىكى دۇنيا،
مېنىڭ ئاجىزغىنە تېنىمدا ۋەھىمە ھەم ياش جىپىسلاشتى...
بىر سىكۇنت ئىچىدىكى دۇنيا،
بىر يىل ئىچىدىكى ھەر بىر سىكۇنت،
مەن ھەممىنى تەقۋادارلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىشقا ئىشلىتىۋاتىمەن،
ئەتىنىڭ تېخىمۇ ياخىشى بولىشىنى تىلەۋاتىمەن