ئەجدىھا ئىنتايىن سىرلىق ھايۋان. ئەجدىھا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىمۋولى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئەجدىھانىڭ تەسىرى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە كېڭەيدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. ئەجدىھا جۇڭگو ئىپتىدائىي جەمئىيىتىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدە پەيدا بولغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، شەنشى، لىياۋنىڭ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە مەنسۇپ خارابىلىكلەردىن ئەجدىھا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىپ چىقىلغان، مەسىلەن، ئەجدىھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ساپال ئىدىش، ساپال تەخسە. بىراق، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجدىھانىڭ قىياپىتى بىلەن چىن، خەن سۇلالىرىدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئەجدىھانىڭ قىياپىتىدە زور پەرق بار. بەزىلىرىنىڭ بەدىنى يوغان، توم، بۇرنى تۈز، چوشقىنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ بېشى تىك، كۆز چانىقى بىلەن بۇرنى يۇقىرىغا چوقچىيىپ تۇرىدۇ، تىمساھقا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ بەدىنى ئەگرى – بۈگرى، ئۇزۇن، ئىنچىكە، پۇتى يوق، يىلانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەجدىھانىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، بۇ ئەجدىھالار «بۇرۇنقى ئەجدىھا» تۈرىگە كىرىدۇ. يەنى ئەجدىھانىڭ قىياپىتى دەل پەيدا بولۇش دەۋرىدە تۇرغان. ئوخشىمايدىغان رايونلاردا، ھەتتا ئوخشاش رايونلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ قىياپىتىدىمۇ پەرق زور. 3000 يىل ئىلگىرىكى شاڭ سۇلالىسىدە ئەجدىھانىڭ قىياپىتى دەسلەپ قېلىپلاشقان. چىغىناق – تاغاق يېزىقى(سۆڭەك ياكى تاشپاقا قېپىغا ئويۇلغان قەدىمكى يېزىق) دىكى «ئەجدىھا» خېتى كىشىلەرنىڭ تونۇشىدىكى ئەجدىھانى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بەرگەن، برونزا (مىسنىڭ قوغۇشۇن، قەلەي، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسى) قوراللار، قاشتاش بۇيۇملاردىكى ئەجدىھا نەقىشلىرىمۇ چىغناق – تاغاق يېزىقىدىكى «ئەجدىھا» خېتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فۇنەندىن قېزىۋېلىنغان بىر دانە ھاراق ساقلايدىغان كۈپكە ئويۇلغان نەقىشتە، ئەجدىھانىڭ قىياپىتى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھېچقانداق بىر ھايۋانغا ئوخشىماستىن بەلكى قۇش، يىرتقۇچ، بېلىق، ھاشارات قاتارلىقلاردىن بىردىن ئورگانىزمنى تاللىۋېلىپ قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان. ئەينى چاغدا، ئەجدىھانىڭ قىياپىتى ئاساسلىقى باش، تاج، مۈڭگۈز، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، قاش، پۇت، قاسراق(پەي)، قۇيرۇق ۋە بەدەن قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. بىز بۇنى «ھەقىقىي ئەجدىھا» دەپ ئاتايمىز.
ئەجدىھا قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بىز ئەجدىھانىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيمىز، بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئەجدىھانىڭ پەيدا بولۇشى يېزا ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىكى باشلانغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ داۋشيەن ناھىيىسىدىكى يۈچەن تېشىدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى شال دانىچىلىرى بايقالغان. سۇ دېھقانچىلىقنىڭ جان تومۇرى. 10 مىڭ يىل بۇرۇنلا جۇڭگودا ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق باشلانغان. ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكى دەۋرىدە سۇغىرىش قۇرۇلۇشى بولمىغان، چوقۇم يامغۇر سۈيىگە تايىنىش كېرەك ئىدى، كىشىلەر دەريا سۈيىنىڭ تېشىپ كېتىشىدىنمۇ قورقاتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىر خىل سۇنى كونترول قىلالايدىغان كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشتى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا، ئۇلاردا مۇنداق قابىلىيەت ھەرگىزمۇ بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈمىدىنى ئۇلار ئۆزى توقۇغان ئەجدىھا ئەپسانىسىگە باغلىدى. بۇرۇنقى ئەجدىھا باسقۇچىدا يىلان، تىمساھ، كەسلەنچۈك قاتارلىق يەر باغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن باغلىنىشلىق، ھەتتا بەزىلىرى سۇدا ياشايدۇ. قۇرۇقلۇقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر سۇغا شۇڭغۇيالايدىغان تىمساھنى، سۇدا تېز ھەرىكەت قىلالايدىغان سۇ يىلىنىنى، پۇتسىز ئەمما ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدىغان يىلاننى كۆرۈپ ناھايىتى سىرلىقكەن دەپ ئويلىغان ھەم ئۇلارنىڭ سىرلىقلىقىدىن قورققان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ چۈشەنگەن. ھەقىقىي ئەجدىھا دەۋرىگە كەلگەندە، كىشىلەر ئەجدىھاغا كەسكىن ھالدا سۇدا «ئۆي تۇتۇپ» بەرگەن. كىشىلەر ئەجدىھانى سۇغا قويۇپ بەرگەن، مەقسىتى ئەجدىھانى سۇغا باش چېرىكچى قىلىش، شۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىقتا سۇغا ئېھتىياج بولغاندا ئەجدىھا پادىشاھتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشىنى تىلىگىلى بولىدۇ. شۇ دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەجدىھا گەرچە ئىلاھىي ئوبراز بولسىمۇ، ئەلۋەتتە تونۇشىدا ئەجدىھانى خەيرىلىك ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالغان. كىشىلەر ئەجدىھانى ياخشى ئىش، ياخشى نەرسىلەرگە تەمسىل قىلىشقان، ئەجدىھانىڭ قىياپىتى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭگەن. ھەر تۈرلۈك سەنئەت ئەسەرلىرىدە، تىل – يېزىقتا، ھەرخىل نەرسىلەردە ئەجدىھانىڭ سۈرىتىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس. يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدە ئەجدىھانىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. مەسىلەن، يېمەكلىكتىن چوڭ راك(龙虾)، لۇڭيەن(龙眼)، لۇڭلى(龙荔) ، لۇڭشۈسەي(龙须菜)، لۇڭخۇدو(龙虎斗)، لۇڭجىڭ چېيى(龙井茶)، لۇڭشۈمىيەن(龙须面) قاتارلىقلار. يۇقىرىقى يېمەكلىك نامى ئىچىدە بەزىلىرى شەكىلدىن ئۆرنەك ئالغان، بەزىلىرى ئىجابىي مەنىسىدىن پايدىلانغان. يەنە غىزالىنىش ئادىتىدە، يۈەن سۇلالىسىدىلا «ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەجدىھا بېشىنى كۆتۈرىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق مول – ھوسۇلغا بولغان تەشنالىقنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ كۈندە نۇرغۇن جايلاردا ئۇن تامىقى يېيىلىدۇ، بۇ كۈنى ئېتىلگەن ئۈگرە لۇڭشۈمىيەن(ئەجدىھانىڭ بۇرۇتى، دېگەن مەنىدە) دېيىلىدۇ، قوتۇرماچ لۇڭلىن (ئەجدىھانىڭ قاسرىقى) دېيىلىدۇ، بەنشىر لۇڭيا(ئەجدىھانىڭ چىشى) دېيىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسىدە، كىشىلەر «ئەجدىھا بېشىنى كۆتۈرگەن» كۈندە ھاكنى ئىشىك ئالدىدىن ئەگرى – بۈگرى ھالەتتە ئاشخانا ئىچىگىچە چاچىدۇ، ئاندىن ئىدىشنى ئايلاندۇرۇپ چاچىدۇ، بۇ «ئەجدىھانى قايتۇرۇپ كېلىش» دېگەن مەنىدە. بېيجىڭلىقلار تېرىق، چىلان، بۇغداي قاتارلىقنى مايدا قورۇپ يېمەكلىك ياسايدۇ، بۇنى «خۇش پۇراق قۇرت» دەپ ئاتايدۇ. بۇندىن باشقا، كىشىلەر پانۇس بايرىمىدا ئەجدىھا سۈرەتلىك پانۇس ئوينايدۇ، تاڭزۇڭزا چاغىنىدا ئەجدىھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قېيىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەجدىھا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى پائالىيىتىگە كىرىدۇ.