مۇھەببەت بىلەن ئازاب بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قوشكېزەكلەر بولۇپ ، نەگىلا بارسا بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىكەن . ئۇلار ۋايىغا يېتىپ ئىنسانلار ئارىسغا قوشۇلغاندىن كېيىن كىشىلەر مۇھەببەتنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ . ئەمما ئازابتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپتۇ . بۇنىڭدىن ئازابنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بوپتۇ .
بىر كۈنى ئازاب بىلەن مۇھەببەت بىر تويغا بارماقچى بوپتۇ . ئازاب مۇھەببەتكە قاراپ :
- نەگىلا بارساق كىشىلەر سېنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن ، بۇ قېتىم سەن ماڭا چىرايىڭنى بېرىپ تۇرساڭ ، - دەپتۇ .
مۇھەببەت ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا ئۆز چىرايىنى بېرىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما تويغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئازاب مۇھەببەتنىڭ چىرايىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر مۇھەببەت بىلەن ئازابنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ . شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت دەپ قىلغان ئەقىدىسى ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئەكسىچە ، قەلبى دۇنيانىڭ غەم – قايغۇلىرى بىلەن تولغاندا بولسا مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىكەن .
شۇنداق ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ كىشىلەر مۇھەببەتلەشكەندە چىرايغا قاراپلا ئۆزىگە بىر تالاي ئازابلارنى تېپىۋالىدۇ . ئەمما بەزى كىشىلەر مۇھەببەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، چىرايغا ئەمەس قەلبىگە سىنچىلاپ قاراپ ، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى بايقىۋالالايدۇ . شۇڭا دوستۇم سىزمۇ مۇھەببەتلەشكەندە دىققەت قىلىڭكى ، چىراي گۈزەللىكى بىر نىقاپ ، قەلب گۈزەللىكى بولسا ئۇنىڭ ئارقىسدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتلىك دۇنيادۇر .
« كاككۇك قونغان تال » دىن