|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئامىرىكا ئەدىپلىرىدىكى قىيامەت قارىشى
|
|
|
يېقىندا نەشىردىن چىققان ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 1824-يىلى ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى مارى شېللېر ئۆز رومانى ئۈچۈن يېڭى تېما ئىزدەپ، 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن گرېتسىيىنىڭ ئۇرۇش قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، بىر خىل ئەجەللىك ۋابا ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ، بىر ئاق سۆڭەك ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىممۇنىتېت كۈچىگە تاينىپ مۆجىزىلەرچە ھايات قالىدۇ. شېللېر بۇ رومانىغا «ئاخىرقى ئادەم» دەپ نام بېرىدۇ. «ئاخىرقى ئادەم»دە تەسۋىرلەنگەن ”قىيامەت“ قارىشى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەسەرلەر تۈرى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەرگەن. ئەمما بۇ خىل قارىشى بەكرەك كۈچلۈك بولغانلار يەنىلا ئامېرىكىلىقلاردۇر. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن كىنو-فىلىم ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە ئەڭ ئاخىرقى ئادەم خۇددى كىنو ئېلانلىرىدا ئېيتىلغاندەك قىلچىمۇ يىگانە تەسۋىرلەنمەيدۇ. مەسىلەن: ھوللېۋودنىڭ كىنوسى «مەن رىۋايەت» تىكى ۋېل شىمىس، كورماك ماكارتۇرنىڭ پۇلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومانى«يول»دىكى نامسىز قەھرىمان قاتارلىقلار. ھەتتا ئامېرىكىدىكى دىسنىي شىركىتىمۇ بۇ مۇقامغا ئەگەشمەكتە، بۇ يىل 6-ئايدا ئاشكارا قويۇلىدىغان «ماشىنا ئادەم ئومۇمى سەپەرۋەرلىكى» دېگەن كىنودىمۇ چۆلدەرىگەن ئادەمزاتسىز، ئەخلەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ماشىنا ئادەم تەسۋىرلەنگەن. «مەن رىۋايەت» كىنوسىنىڭ رىجسورى فرانسىس لاۋرېنس مۇنداق دەيدۇ: ”يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئادەم بولۇش خىيالى ھازىر خېلىلا ئومۇمىلاشتى.“ ئامېرىكا يازغۇچىسى ئايلېن ۋېتسماننىڭ «ئىنسانلار بولمىغان دۇنيا» دېگەن كىتابى 2007-يىلى ناھايىتى كەڭ بازار تاپتى. يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە ئىنسانلار بولمىغان يەر شارىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: ئۆسۈملۈكلەر يول ۋە شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، بۇغا ۋە بۆرە بۇ جايلارغا كېلىدۇ، قويۇق ئورمانلار ھەممە يەرنى قاپلاشقا باشلايدۇ. بۇ كىتابنى كۆرۈۋاتقىنىڭىزدا يەر شارىنىڭ ئىنسانلاردىن قالغان خارابىلىقتىن ئەسلىگە كېلىش كۈچىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز. يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بىز يۈزلىنىۋاتقان ھالاكەت خاراكتىرلىق ئاپەت، ئەگەر ئىنسانلار بولمىسا ئاتموسفېرامۇ ئۆزىنى قايتا تەڭشىۋالالايدۇ. ۋېتسمان ئۆز ئەسىرىدە ئۆزئارا زىددىيەتلىك ”بىشارەتنامە“ قارىشى يەنى ”قىيامەت“ نىڭ ئاجايىپ سىرلىق جەلپ قىلىش كۈچىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە يېقىندا 2010-يىلى بازارغا سېلىنغان 2012 ناملىق فىلىممۇ ئەمەلىيەتتە يېڭى تواان بالاسىدىن بىشارەت بولۇپ، ئامېرىكا ئەدىپلىرىدىكى قىيامەت قارىشى تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئاشكارا ئەكس ئەتكەن.
جۇڭگو يازغۇچىلار تورىدىن ئارغۇ تەرجىمىسى |
كۆرۈلۈشى:1053 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/3/30 17:50:02 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|