دەرۋىش شائىر - بابا رەھىم مەشرەپ
شائىر بابا رەھىم مەشرەپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنىڭ 17- ئەسىردىكى مەشھۇر شائىرى بولۇپ 1640 - يىلى ئەينى دەۋردە سەئىدىيە خانلىقىغا قاراشلىق ئەنجاندىكى كەمبەغەل بابكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى موللا ۋەلى ، ئانىسىنىڭ ئىسمى سەلىمخان بولۇپ ، ھەر ئىككىلىسى ساۋاتلىق كىشىلەر ئىدى . شاھ مەشرەب بالىلىق چاغلىرىدا قارىيخانىدا ئوقۇغان ، 15 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئۇنى نەمەگاننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئىشانلىرىدىن موللا بازار ئاخۇننىڭ تەربىيىسىگە بەرگەن . ئۇ يەردىكى ئوقۇش ھاياتىدا شاھ مەشرەب ئەرەب ، پارس تىللىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنى پىششىق ئۆگەنگەن . شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان شاھ مەشرەب شېئىرىيەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە كۆزگە كۆرۈنگەن . شاھ مەشرەبنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىلمىي مۇھاكىمىلىرىدىن ئەندىشە قىلغان موللا بازار ئاخۇن ئۇنى روھانىيلىقنىڭ قويۇق مۇھىتىدا تەربىيلەش ئۈچۈن ، ئىشقىيە سۈلكىنىڭ تەرغىباتچىسى ، قەشقەردىكى چوڭ ئىشان ئاپپاق خوجىغا شاگىرتلىققا ئەۋەتكەن . شاھ مەشرەب قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا ھوزۇرىدا يەتتە يىل چاكار ئورنىدا ئېغىر ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان . شاھ مەشرەب ئاپپاق خوجىنىڭ قېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ، تەسەۋۋۇپنىڭ چىن ماھىيىتى بىلەن شۇ دەۋردە ئەۋج ئالغان ساختا رىياكارلىق ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بارلىقىنى كۆرگەن . ئۇنىڭ قەلىمىدىن ئوتلۇق غەزەللەر ، لىرىك ھەم ھەجۋىي شېئىرلار يېزىلىپ ، بۇلار پىرمەست ئىسىملىك شاگىرتى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ساتارى بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭلارغا سېلىنىپ كۈيلەنگەن . بۇنىڭدىن چۆچۈگەن ئاپپاق خوجا ئۆز كېنىزەكلىرى ئارىسىدىكى بىر قىزغا شاھ مەشرەبنىڭ مېھرى چۈشكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ، ئەركىن پىكىرلىك شائىرنى ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىككە بەنت قىلىپ ، ئۆز دەرگاھىدىن سەرگەردانلىق دەشتىگە تاشلىغان . شۇنداق قىلىپ شاھ مەشرەب 1672 - يىلى 32 ياشقا كىرگەندىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە سەرگەردانلىقتا ياشىغان .
شاھ مەشرەب سەرگەردانلىق ھاياتىدا قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن ، ئىلى ، خوجەنت ، تاشكەنت ، سەمەرقەند ، بۇخارا ، ھىندىستان ، ئافغانىستان قاتارلىق شەھەر ۋە ئەللەرنى كەزگەن . كېيىنكى مەزگىلدە ، بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ روھانىيلار ، سوپى - ئىشانلار شۇنىڭغا "جۇدالىق دەۋاسى قىلدى" دېگەن تۆھمەتنى چاپلاپ ، پەتىۋا يازدۇرۇپ ، بەلخ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى مەھمۇد قاتاغانى تەرىپىدىن بەلخ شەھىرىدە 1711 - يىلى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ ھەقتە «مەجمۇئەىي ئەبۇ تالىپ خوجا پەخىمى» ناملىق تارىخىي ئەسەردە «شاھ مەشرەب مىلادىيە 1711 - يىلى قۇندۇزدا ئۆلىما پەتىۋاسى ۋە مەھمۇد قاتاغان ھۆكمى بىلەن شېھىت قىلىندى» دەپ يېزىلغان .
شاھ مەشرەپ ئارۇز ۋەزىننىڭ ھەجەز ، رەجەز ، رەمەل ، خەفىق ، مۇزارىي بەھرىلىرىدە غەزەل ، مۇرەببە ، مۇخەممەس ، مۇسەددەس ، مۇستەھزاد شەكىللىرىدە كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان . ئۇ ئىجاد قىلغان شېئىرلار ئۇزاق يىللار داۋامىدا خەلق ئاغزىدا ئەلدىن - ئەلگە كۆچۈپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان . شائىرنىڭ «دىۋان مەشرەب » ناملىق كىتاب بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ بۇنىڭ 200 مىسراسىدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا تېكىست قىلىنغان.