غالىب مۇھەممەت قارلۇق
كەسىپداشلىرىمنىڭ ئاغزىدىن پات – پات: ‹‹ ھازىرقى بالىلار ئىلگىرىكى بالىلاردەك گەپ ئاڭلاپ كەتمەيدۇ، بۇرۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈرى ھەم ھۆرمىتى زىيادە ئىدى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس ›› ، دېگەندەك خاپىلىق ئارىلاش ئۇھسىنىشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھازىرقى دەۋر بىلەن ئىلگىرىكى دەۋر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى بالىلار بىلەن ئىلگىرىكى بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئىدىيە، ھېسسىيات، خاراكتېر جەھەتلەردە مەلۇم پەرقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ھازىر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ باراۋەر، ئورتاق ئۆگىنىدىغان، بىللە ئالغا باسىدىغان ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋەتكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بۈگۈنكى ساپا مائارىپى، دەرس ئىسلاھاتى دېگەنلەرمۇ دەل مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى سۇسلىشىپ كېتىدۇ؟
ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمدىن تارتىپ مىللىي ئەخلاقىمىزدا ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بىزدە: ‹‹ ئىززەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن ›› دېگەن گەپ بار. بۇ گەپنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە تەتبىقلىساق، ئوقۇغۇچىنى ئىززەتلىگەندىلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى بولىدىغانلىقى ئاياندۇر. ئۆزىنى ئېگىزگە قويۇۋېلىپ ‹‹ مەن دېگەن ئوقۇتقۇچى، سەن نېمىلا دېگەن بىلەن ماڭا شەرتسىز بويسۇنۇشۇڭ كېرەك ›› دەپ ئوقۇتقۇچىلىق كىبىرى ۋە ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئوقۇغۇچىنى باشقۇرىمەن، دېيىلسە ھەرگىز بولمايدۇ.
مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پىسخولوگلار ‹‹ ئوقۇغۇچىنى ئىززەتلەش ›› دېگەن ئۇقۇمنى ھەرگىزمۇ تار دائىرىدە چۈشىنىۋالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. قانداقتۇر، ئوقۇغۇچىغا مۇئامىلىدە ئىللىق بولۇشلا ئىززەتلەشنىڭ بىردىنبىر مەزمۇنى ئەمەس، بەلكىم تەلىم – تەربىيە جەريانىدىكى ھەر بىر ھالقىدا ئۇنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇ نۆۋىتىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈستىدە خاس پىكىر يۈرگۈزۈشىمىزنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنى، قىزىقىش – ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىشىمىزنى، غۇرۇرىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمىغىنىغا ئوخشاش، گەپ ئاڭلىمايدىغان، تىرىشمايدىغان ‹‹ يامان ›› ئوقۇغۇچىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى چېۋەر بولمىسا، پەمسىزلىكى ۋە دىتسىزلىكىدىن ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا پاسىل پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇ، ماھىيەتتە، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ پاراسەتسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، خالاس. مەسىلەن: ھازىر ئوقۇغۇچىنى ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلەش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ رەسساملىق جەھەتتە ئالاھىدە تالانتى ۋە قىزىقىشى بولۇپ، فىزىكا دەرسىدە ئاجىز بولسا، شۇنىڭغا قاراپلا فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى: ‹‹ دۆت ئىكەنسەن، قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن ›› دېسە، بۇ ئېنىقلا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ – دە، ئاخىر ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. دەرسخانىدا سورالغان سوئالغا قول كۆتۈرۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار سوئالغا خاتا جاۋاب بېرىپ قالسا، ئوقۇتقۇچى قوپاللىق بىلەن: ‹‹ توغرا جاۋاب بېرەلمەيدىغان ھالىغا قول كۆتۈرۈپ كەتكىنىنى ›› دەپ خاتا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ دەككىسىنى بەرسە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خاتا جاۋابىغا ئېسىلىۋالماي، بەلكى ئۇنىڭ جۈرئىتىگە، مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بەرسە بولىدۇ. دەرسخانا دېگەن شۇنداق خاتا جاۋابلارغا ئاۋۋال ئورۇن بېرىپ، ئاندىن قايىل قىلىش يولى بىلەن توغرا جاۋابنى شەكىللەندۈرىدىغان جاي. ئوقۇغۇچى ھەممىگە توغرا جاۋاب بېرىپ كەتسە مەكتەپكە كېلىپ نېمە قىلىدۇ؟
ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ھۆرمەت قىلىش، مىجەز – خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ھۆرمەت تېپىشىنىڭ ئاساسى. نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچى يەنە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملاردىن خەۋەرداربولۇشى، پىسخولوگىيەلىك ۋە پېداگوگىكىلىق ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت كۆۋرۈكىنى مۇستەھكەملىشى لازىم