ئۇيغۇر سەيلە مەشرىپى
سەيلە مەشرىپى-ئۇيغۇرلارنىڭ باھار،ياز،كۈز پەسىللىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.بۇ مەشرەپ ئادەتتە قىزىلگۈل ئېچىلىشى بىلەن باشلىندىغا گۈل سەيلىلىرىدە،يىشىللىق بىلەن پۈركەنگەن دالا سەيلىلىرىدە،ئۈجمە پىششىقى،ئۈرۈك پىششىقى،ئەنجۈر،شاپتۇل،قوغۇن پىششىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان باغ سەيلىلىرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
سەيلە مەشرەپلىرى بەزىدە قول ئىلىكىدە بار ھاللىق كىشىلەرنىڭ ئىقدىسادىي چىقىمنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى بىلەن ،كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەر چىقىمنى تەڭ كۆتۈرىشى بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ.
بۇرۇن ماشىنا يوق ياكى قىس چاغلاردا،كىشىلەر مەشرەپ ئۆتكۈزىلدىغان جايلارغا ئات ھارۋىلىرىدا باراتتى.ئاتلارنىڭ يۈگەن، يوپۇق ،قوشقۇنلىرىنى چىرايلىق بىزەپ،بوينىغا10-20تال تۇچ قوڭغۇراق ئاساتتى.ئاتلار چاپقاندا،بۇ قوڭغۇراقلار جاراڭلاپ ،ئاتلارغا غەيرەت،مەپىچىلەرگە جۇشقۇنلۇق بېغىشلايتى.مەشرەپچىلەر ئاشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن دالا ياكى باغلارغا يىتىپ بېرىپ،ھەممىسى بىر قوللۇق ئىشلەپ،بېسىلسا ياكى دەسسىسە نابۇت بولۇپ كەتمەيدىغان ئۈچقۇلاق چىمەنلىكلىرىگە كىگىز گىلەملەرنى سېلىپ مەشرەپ سورۇنى ھازىرلايتى .ئاندىن بەزىلەر ئوت-چۆپ ئۈنمىگەن قۇرۇق يەرلەرگە ئوچاق،«يەر كاۋاپدان»لارنى ياسىسا،بەزىلەر گۇشنى ياپاق،يوغانراق توغراپ يۇلغۇن زىخلىرىغا ئۆتكۈزۈپ«بارۋەت كاۋىپى»تەييارلايتتى .
تاماق پىشقۇچە بولغان ئارلىقتا بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئىلەڭگۈچ.«چىۋىق ئات ئويۇنى»ئوينىسا،بەزىلىرى تال نوتىلىرىدىن«پى-پى»ياساپ ئېغىز گارمونى قىلىپ ئوينايتتى.قازان قاينىغۇچە،ياشلارنىڭ بەزىلىرى چېلىشقا چۈشسە،يەنە بەزىلىرى قول قايرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتى.بەيگىگە چۈشىدىغان ،سالغا ئاتىدىغان ئويۇنلارمۇ بولاتتى.تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا،يىراق زامانلاردا«چەۋگەن ئويۇنى»ئوينايدىغان ئىشلارمۇ بولغان.
ئات ھارۋىسى ئىشلىتىش ۋە «چەۋگەن ئويۇنى» ھېسابقا ئالمىغاندا،دالىلاردا،باغلاردا ئەركىن يارايدىغان باشقا ئويۇن تۈرلىرى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
تاماقتىن كىيىنكى پائالىيەت مۇنتىزىم مەشرەپ تۈسىنى ئالغان بولۇپ،بۇنىڭغا سەيلىگە چىققان ھەممە ئادەم بىردەك قاتنىشىدۇ.
بۇ مەشرەپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىمۇ باشقا مەشرەپلەرگە ئوخشاش مەشرەپبېشى، يىگىتۋېشى،دارىگەيبېگى ،كۆلبېگى ،پاششاپ قاتارلىق ئەمەلدارلاردىن تەركىپ تاپقان.
مەشرەپبېگى(بەزى جايلاردا«قازىبەگ»دەپمۇ ئاتايدۇ)مەشرەپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا نازارەت قىلغۇچى ۋە دەۋا-دەستۇرلانى بىر ياقلىق قىلغۇچى بولۇپ بۇ ئىقدىسات تەڭ چىقىش قىلىنغان مەشرەپلەردە نىسبەتەن مۇقۇم بولىدۇ.پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلەپ بىرىشىچە،سەيلە مەشرەپلىرىدە ئۆز ئالدىغا مەشرەپ قىلىپ بەرگۈچىلەر كۆپ ھاللاردا مەشرەپ بىگى بولغانلىقى مەلۇم.
سەيلە مەشرىپىدە يەنە مەشرەپ پائالىيتىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان يىگىت بېشى،ناخشا ئۇسسۇللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان دارىگەي بىگى تەرتىپ ساقلىغۇچى پاششاپ قاتارلىقلار ئاساسەن مۇقۇم بولىدۇ.مەشرەپنىڭ يىمەك –ئىچمەكلىرىگە مەسئۇل بولىدىغان كۆل بىگى مەلۇم كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا تارتۇق قىلىدىغان مەشرەپلىرىدە مۇقۇم بولمايدۇ.
سەيلە مەشرىپى مەشرەپ بىگىنىڭ ئىجازىتى بىلەن رەسمىي باشلىنىدۇ.دارىگەيبىگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا سازەنلەر ساز چېلىپ ،ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ.ئارلىقتا تەبىئەتتىكى ھايۋانلار بىلەن ئۆم ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «تۆگە ئويۇنى»،«غاز ئويۇنى»،«نازىركۇم»غا ئوخشاش ئويۇنلار ۋە سورۇندىكىلەرنى ئويۇنغا تەڭ ئىشتىراك قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغان «ئوردا ئېچىلدى»،«ئامبال ئويۇنى»غا ئوخشاش ئويۇنلارمۇ ئوينىلىدۇ.
سەيلە مەشرەپلىرىنىڭ باشقا مەشرەپلەردىن پەرقى شۇكى ،ئوينىلىدىغان .ئويۇنلارغا سەنئەت نومۇرلىردىن باشقا چېلىشىش ،موللاق ئېتىش،دەرەخكە يامىشىشقا ئوخشاش يەرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرى ئارلاشقان بولۇدۇ مەشرەپچىلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرە ئالىدۇ.مەشرەپنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى پۈتۈن سورۇن ئەھلى تەڭ قول سېلىپ ئىشلەيدۇ.
سەيلە مەشرىپىدە تەبىئەتنى ئاسىراش ئىنتايىن چوڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ.دەرەخلەرنى قالايمىقان كىسىپ قالاشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.قورۇق ئوتۇنلارنى قالىغاندىمۇ ئوت –چۆپ ۋەدەرەخلەرگە ئوت كەتمەيدىغان دالدا جايلار تاللىنىدۇ .بوغۇزلانغان قويلارنىڭ قان –زەرداپلىرى دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە كۆمۇلىدۇ.مەشرەپ ئاياغلاشقاندا،ئوت قالانغان جايلار تەكشۈرۈلۈپ،قېپقالغان چوغلار سۇ چېچىپ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ،كۈللەر كۆمۈۋىتىلىدۇ.يۇلغۇن ياغاچلىرىدىن قىلىنغان زىخلار كىيىنكى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن لاتا ياكى ئوت-چۆپلەرگە ئوراپ ،تاشنىڭ ئارىلىرىغا قويۇپ قويۇلىدۇ.
سەيلە مەشرەپلىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاساسەن مىۋە شەربەتلىرى،شىمالىي شىنجاڭدا قىمىز ئاساسلىق ئىچىملىك قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيىتقاندا ،سەيلە مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تەبىئەتتىن ھوزۇرلۇنۇش،تەبىئەتنى قەدىرلەش ،تەبىئەت بىلەن بىر تەن بولۇش ئىستىكىنى گەۋدىلەندۈردىغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.ئۇ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ رېئال قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
جۇڭگۇ مىللەتلىرى 2008-يىل 4-سان.