مۇتەللىپ ياقۇپ
ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك،
ئەسلى ئىدىڭ مىراسىم دوپپا،
مانا بۈگۈن خارلىنىپ نامىڭ،
بۇپ قالدىغۇ مۇراسىم دوپپا.
ئۇنى پەقەت ئەسكە ئالامدۇق،
نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە.
يوقالسا گەر بىر كۈن دوپپىمىز ،
قالمامدۇق بىز ئۆكۈنۈشلەردە.
خىجىللىقتا يۈرەمدۇق شۇنداق،
كوچىلاردا دوپپا كېيىشتىن.
ئۇيغۇر تۇرۇپ دوپپا تۈپەيلى،
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېيىشتىن.
دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەخرى،
نەدە كەيسەك يارىشىدىغۇ.
دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرغا بارچە،
ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغۇ.
دوپپا بىلەن ئۇيغۇر چىرايلىق،
كۆرۇنىدۇ كۆزلەرگە ئىسسىق.
قىرلاپ كىيىپ دوپپىنى دوستلار،
يارىتايلى ئۆزگىچە خاسلىق.
كىملىكىدۇر دوپپا ئۇيغۇرنىڭ ،
مەتۇلۇقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
تارتىنىشنى قويايلى ئەمدى،
دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس.