مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ناخشام بىلەن يوللىدىم سالام،
سىزگە مېھرىم قىلغاچقا داۋام،
سۆزۈم بولماس شۇندىمۇ تامام،
مەندىن يىراق كېتەمسىز جانان ؟!
سۆيگۈ تولغان يورۇق دۇنيادا،
ئۆتسە كۈنلەر غەمكىن، بىناۋا؛
بۇ ئەلەمگە قىلماستىن داۋا،
سۈكۈتلەرگە پاتامسىز جانان ؟!
ھىجرانىڭىز قىينايدۇ ھامان،
چىن ئاشىقمەن، غەمدىن باغرى قان،
شەھىرىڭىزدە ياشايمەن پىنھان،
سۆيگۈڭىزدىن تانامسىز جانان؟!
يۈرىكىمدىن ئالغان مەڭگۈ جاي،
سىز بەرىبىر خىرەلەشمەس ئاي،
نۇرىڭىزنى مەن ئۈچۈن چاچماي،
ئۆزگىگە يار بولامسىز جانان؟!
2009-يىل27-ئىيۇن شەنبە، ئۈرۈمچى.