مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ئىشىك چېكىپ پەرىلەر ئۆتەر ،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر .
گۈللەر توزۇپ ، قۇشلارمۇ كېتەر ،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر .
دۇنيادا سەن يېگانە سەنەم ،
ھۆسنۈڭ كۈيلەپ تالمايدۇ قەلەم ،
ھەر كۈن ماڭا قىلساڭمۇ ئەلەم ،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر .
چىرايىمنى سارغايتىدۇ غەم ،
قار ياغىدۇ يۈرىكىمگە ھەم ،
مەن قەلبىڭگە سىغمىغان ئادەم ،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر .
يىراقلارغا جىمجىت كېتەرسەن ،
ئورنى ئاسمان ،بىپەرۋا لېۋەن .
قالساممۇ دەرد-ئازابلار بىلەن ،
سېنى كۆرگۈم كېلەر بەرىبىر .
2008 – يىل 10 – سېنتەبىر چارشەنبە، ئۈرۈمچى