مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
سىزگە دەسلەپ يولۇققان كۈنلەر ،
چېھرىڭىزدە تاتلىق كۈلكىلەر .
چوغ يۈرىكىم سىزگە ئىنتىلەر ،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر .
ۋەسلىڭىزدۇر مەن سۈرگەن خىيال ،
سىز مەن ئۈچۈن كۆكتىكى ھىلال ،
ئىشقىڭىزدا يۈرىمەن بىھال ،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر .
پەرىشانمەن ، ئەھۋالىم خاراب ،
ئىچىپ قالغاچ ئىشقتىن شاراب .
يەتمىدىمۇ سىز سالغان ئازاب ؟!
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر .
ماڭا تەشنا گۈزەللەر تالاي ،
بىر سىزگىلا جانان بوپ قالاي .
كىرەك ئەمەس ئوردا يا ساراي ،
قەلبىڭىزدە ياشىغۇم كېلەر .
2008-يىل 24-ئاۋغۇست يەكشەنبە كېچە ، ئۈرۈمچى.