مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
بىر مۇھەببەت بار ئىدى دىلدا ،
ئۆچمەس بولۇپ يارالغان پىنھان .
ئەپسۇس ، ئەمدى قالدى ئۇ تىلدا ،
ئېرىشىشكە بولمىدى ئىمكان .
" كەچۈرگەيسىز " دېدى ھەم كەتتى ،
خىلۋەتلەردە مەن سۆيگەن قىزچاق .
پاك دىلىمغا مىڭ ئازار يەتتى ،
كېلىن بولۇپ ئۇچتى ئۇ يىراق .
مەن ئەلەملىك قالىمەن تەنھا ،
ئىچ-ئىچىمگە ئورنىغان ھەسرەت .
كۈيلىرىم بار توختىماس ، ئەمما ،
كۈيلىنىدۇ بىرلا مۇھەببەت .
2008-يىل 31-ئىيۇل پەيشەنبە، ئۈرۈمچى.