مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
يۈرىكىمنى ئىگەللىگەن قىز ،
توي كۆينىكى تىكىلىپتۇ تېز .
مېھىر بىلەن كەلسەم يېقىنلاپ ،
تۇرنا بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەن سىز .
باغلىرىمدا ئېچىلمايدۇ گۈل ،
كۆيگەن يۈرەك ئەمدى بولار كۈل .
ھېيت-بايراملار كەلسىمۇ تالاي ،
لېكىن ھەرگىز شادلانماس كۆڭۈل .
مەكتۇب يازدىم غەمكىن قەلەمدە ،
كۈنلەر ئۆتەر ئېغىر قەدەمدە .
بەخت تىلەپ سىزگە مەڭگۈلۈك ،
مەن ئۇزايمەن چەكسىز ئەلەمدە .
2008-يىل 27-ئىيۇن جۈمە، ئۈرۈمچى .