مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
تۈندە ھىلال كەتكەن خىيالغا ،
خىرە يېنىپ تۇرار يۇلتۇزلار .
ئايلىنىدۇ دەردمەن ئايالغا ،
سۆيگىنىگە تەگمىگەن قىزلار .
بىلىنىدۇ كۆڭۈلسىز دۇنيا ،
مۇزلىغاندەك كۆرۈنەر دەريا ،
ئۇنتالمايدۇ ئاشىقىنى يا ،
سۆيگىنىگە تەگمىگەن قىزلار .
بېرەلمەيدۇ ئېرىگە مېھىر ،
نازلىرىدىن چىقمايدۇ سېھىر ،
كۆز-ياشلىرى ھەسرەتلىك شىئېر ،
سۆيگىنىگە تەگمىگەن قىزلار .
يۈرىكىدە بولماي مۇھەببەت ،
توي قىلغانلار چېكەر نادامەت ،
ئۆز-ئۆزىگە قىلار مالامەت ،
سۆيگىنىگە تەگمىگەن قىزلار .
يىگىت قىلسا :"كۆيدۈم " دەپ نىدا ،
قايتسۇن دەرھال "سۆيدۈم " دەپ سادا ،
چىن ئاشىقتىن بولمىسۇن جۇدا ،
سۆيمىگەنگە تەگمىسۇن قىزلار .
2008-يىل 16-سېنتەبىر سەيشەنبە ، ئۈرۈمچى