مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مەن ئەسلى شوخ، لېكىن جىمغۇرمەن گاھى،
قەلبىمنى ئېزىدۇ غېرىبلار ئاھى،
ئۆرتەندىم ياش كۆرسە يېتىم نىگاھى،
كۈيلەيمەن يۈرەكتىن ئاجىزلار ئۈچۈن.
بەزىلەر يۈرۈپتۇ ھاياتتا تەنھا،
چېھرىدىن خۇش كۈلكە تېپىلماس ئەسلا ،
بەخىتتىن ئۈمىدلەر ئۈزمىسۇن، ئەمما ،
كۈيلەيمەن يۈرەكتىن يالغۇزلار ئۈچۈن .
ئاتىلار دىلدىكى غۇرۇرغا بايراق ،
ئانىلار باھاردۇر ، كۆكلەيدۇ ياپراق ،
يېنىدىن كەتمەيلى، باسمىسۇن پىراق ،
كۈيلەيمەن ئاتىلار – ئانلار ئۈچۈن .
سەبىيلەر بولمىسا رەڭسىز بۇجاھان ،
سەبىيلەر بار ئۆيلەر شاد – خۇرام ھامان،
ئاسرايلى، سەبىيلەر چوڭ بولسۇن ئامان ،
كۈيلەيمەن پاك، سەبىي بالىلار ئۈچۈن .
گۈل قىزلار ھاياتنىڭ زىننىتى ، كۆركى ،
ئۇلاردۇر غۇبارسىز ، كۆڭۈللەر ئەركى ،
كۈيلەرمۇ سۆيگۈدىن ئۈنگەندۇر ، بەلكى ،
كۈيلەيمەن يۈرەكتىن شوخ قىزلار ئۈچۈن .
كۈي ئۈچۈن بەزىدە بولدۇم مۇساپىر ،
ۋۇجۇدۇم گاھىدا يات ئەلدە زاھىر ،
قايتتىم ئەڭ مېھرىبان ۋەتەنگە ئاخىر ،
كۈيلەيمەن يۈرەكتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن .
2006-يىل 1- سېنتەبىر جۈمە كېچە ، ئۈرۈمچى .