مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ئاشىق بولدۇم، قالدىم باغلىنىپ،
لېكىن مېنى كۈتمىدى بىر قىز.
تالاي قىزلار ئۆتتى نازلىنىپ،
تار كوچامدىن ئۆتمىدى بىر قىز.
سۆيگۈ ئىزھار قىلغانلىرىم بار،
شامال بولۇپ سۆيمىدى بىر قىز.
تۈندە تەنھا قالغانلىرىم بار،
ھىلال بولۇپ كۈلمىدى بىرقىز.
بەرسەممۇ گەر چەكسىز مۇھەببەت،
دىل سۆزىنى ئېيتمىدى بىر قىز.
قارلىغاچلار كەلدى نەچچە رەت،
تۇرنا بولۇپ قايتمىدى بىر قىز.
دەرد-ھالىمغا يەتمىدى بىر قىز،
دىلىم خۇرسەن ئەتمىدى بىر قىز.
ئۆزى كەتتى يىراققا، لېكىن،
خىيالىمدىن كەتمىدى بىر قىز.
2010 - يىل 14- ئاپرېل چارشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.