مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مۇھەببەت بېغىدا ۋايىغا يەتسەم،
ئاڭلىنار سىز ئېيتقان چىن سۆيگۈ كۈيى.
بىز ۋىسال تاپماستىن گەر ئۆلۈپ كەتسەم،
سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى
ئادەملەر يەنىلا يولىغا راۋان،
باھاردا تۇرنىلار پەرۋازى ئايان،
چېھرىڭىز پىراقتا بولسىمۇ سامان،
سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى.
ياشلىقتا ئاشىقلىق مەڭگۈلۈك ئۇدۇم،
قان رەڭلىك ئەتىرگۈل ئېچىلار چوقۇم،
شۇ سەۋەب بىلىنمەس مېنىڭ يوقلۇقۇم،
سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى
يۈرسىڭىز قەبرەمگە ياش تۆكۈپ زار-زار،
بىر يىگىت سورايدۇ ھالىڭىزنى يار،
ئېرىيدۇ بەرىبىر قەلبىڭىزدە قار،
سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى
مېنىڭغۇ سىز بىلەن ئۆتكۈم بار ئىدى،
سىز بىلەن يىراققا كەتكۈم بار ئىدى،
توساتتىن يادىمغا يەتكەچكە ئۆلۈم،
سىزگە دىل سۆزۈمنى ئېيتقۇم بار ئىدى:
بولسۇن يار سىزدە پاك، يالقۇنلۇق يۈرەك،
بۇ غېرىب دۇنياغا چىن سۆيگۈ كېرەك،
ئاشىقلار ئۆز-ئارا بولسا يار-يۆلەك،
گۈللەرگە پۈركىنەر جاھان بىر كۈنى.
2009-يىل 24-سېنتەبىر پەيشەنبە كېچە، باي.