مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مېنى ئوتتا قىلىدۇ خاراب،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
دىلغا مىڭ رەت سالىدۇ ئازاب،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
باغلىرىمدا كۈلۈپ بىر ئوماق،
دىل قۇشۇمغا قۇرار مىڭ توزاق،
قىيناپ تۇرار كەتكۈزمەي يىراق،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
مىنىپ سۆيگۈ يولىدا ئاتقا،
مېنى باشلار گۈزەل ھاياتقا،
ياردۇر ئەمما ئاقىۋەت ياتقا،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
يۈرۈشۈمگە قىلىپتۇ ھەۋەس،
مەنچەبۇنى«سۆيگۈ»دېيىش تەس،
ئۆز ھالىچە قالسۇن ئەمدى بەس،
ماڭا كۆيۈپ قالغان گۈزەللەر.
2009-يىل9-ئىيۇل پەيشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.