مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
كۈلۈپ خوشلاش ئاخىرقى مەرتەم،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
چۈشۈم بولۇپ قالارسەن ئەركەم،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
مۇھەببەتتىن كەلمەيدۇ خەۋەر،
يىغلاپ چىقار قۇياش ھەر سەھەر،
قىينار مېنى سۆيگۈسىز شەھەر،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
يۇلتۇزلاردىن بىر سېنى سوراپ،
مەن يۈرىمەن ئاسمانغا قاراپ،
خىلۋىتىمدە بولىمەن خاراب،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
باھار كەلمەي مۇزلايدۇ جاھان،
گۈل-چېچەكلەر بولىدۇ خازان،
قىلار ھىجران قەلبىمنى ماكان،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
دەردكە تاشلاپ مېنى بۆلەكتىن،
يىراقلايسەن ئەزگۈ تىلەكتىن،
ئىشقىڭ كەتمەس لېكىن يۈرەكتىن،
مېنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بىر كۈنى.
2009-يىل21-ئىيۇل سەيشەنبە كېچە، باي.