مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ئاشىقلارنىڭ ھەسرىتى بار نالەمدە،
مەجنۇن، غېرىب، فەرھاد...مېنىڭ سىردىشىم.
ئۆلسەم كېرەك كۆتۈرگۈسىز ئەلەمدە،
قەبرىستاندىن ئىزلەڭ مېنى دىلبىرىم.
بۇ ئالەمگە مېھىر بەردىم بىر پۈتۈن،
سەھەر-كەچتە ناخشا-كۈيۈم سىز ئۈچۈن،
ئەمما مېنى ئەيلىدىڭىز يات، يوچۇن،
قەبرىستاندىن ئىزلەڭ مېنى دىلبىرىم.
كۈيلىرىمگە ئەركە قۇشلار بېرىلدى،
پەريادىمدىن تاغۇ-تاشلار يېرىلدى،
ئانام باغرى بۇ ھالىمدىن ئېزىلدى،
قەبرىستاندىن ئىزلەڭ مېنى دىلبىرىم.
ياشلىق كەتتى، سىز دىلىمدا قالدىڭىز،
مېنى چەكسىز نادامەتكە سالدىڭىز،
سۆيگۈ بەرمەي ئوتتا جاننى ئالدىڭىز،
قەبرىستاندىن ئىزلەڭ مېنى دىلبىرىم.
2009-يىل25-سېنتەبىر جۈمە، باي.